مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىكى ئاتۇش ۋەخپى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2013.04.10
atush-wexpe-binasi.jpg مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىكى «ئاتۇش رىبات» (ئاتۇش ۋەخپە) بىناسى. 2013-يىلى ئاپرېل.
RFA/Omerjan

ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن مەرد، سېخى، قولى كەڭ مىللەت بولۇپ، بۇ خۇسۇستا باشقا مىللەتلەرگە ئۈلگە يارىتىپ كەلگەن. ئۇيغۇرلار ئەۋلادلىرىنىڭ غېمىنى يېيىش ۋە ئۇلار ئۈچۈن بېرەر مېھنەت، بېرەر تۆھپە قالدۇرۇپ كېتىشنى مىللىي ۋە دىنىي بۇرچ دەپ بىلىدۇ.

ئۆزلىرى قانچىلىك جاپا تارتسىمۇ، ئەۋلادلىرىنىڭ راھىتى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ پۇل-مېلىنى، كۈچ-قۇۋۋىتىنى ۋە ھەر نەرسىسىنى بېغىشلاش ئۇيغۇرلارغا خاس ئېسىل پەزىلەتلەردۇر. بۇنىڭغا مىساللار ناھايىتى كۆپ. ئاددىي بىر مىسالنى ئالساق، ئۆتمۈشلەردىكى ئۇيغۇرلاردىن ھەرەم سەپىرىگە ئاتلانغانلىرى مۇساپىرچىلىقنىڭ قاتتىقلىقى ۋە ھەج سەپىرىنىڭ قىيىنلىقىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، كېيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭ غېمىنى يېگەنلىكتىن، ئۇلار مەككە ۋە مەدىنە شەھەرلىرىنىڭ شۇ زامانلارغا نىسبەتەن ئەڭ ھەشەمەتلىك بىنالىرىنى سېتىپ ئېلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىن ھەرەمگە كېلىدىغان كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئۈچۈن ۋەخپە قىلىپ قويغان ئىكەن.

ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە ۋە مەدىنە شەھەرلىرىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى شەھەر ۋە ناھىيىلىرىنىڭ نامىدا ۋەخپە قىلىنغان بىنالار كۆپتۇر. ۋەخپە بىنالىرى بۇ جايدا «رىبات» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جايلاردىكى ۋەخپە بىنالىرى «قەشقەر رىبات»، «كۇچا رىبات»، «ئاتۇش رىبات»،«خوتەن رىبات»، «قاغىلىق رىبات»،«شاھيار رىبات»،«ئۇچات رىبات» دېگەن ناملار بىلەن مەشھۇردۇر. ئۆتمۈشتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سېخىيلىقى، مەرتلىكى ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ غېمىنى يېيىشتەك مەسئۇلىيەتپەرۋەرلىكى تۈرتكىسى بىلەن بارلىققا كەلگەن بۇ رىباتلار ئۇيغۇر ئېلىدىن ھەج ۋە ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن مەككىگە كېلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىردىنبىر پاناھلىنىش ئورنىغا ئايلانغان ئىكەن.

ئاتۇش ۋەخپى

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىكى پېشقەدەم ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، 1930-يىللىرى ئاستىن ئاتۇشلۇق سودىگەر ئابدۇراخمان تاش دېگەن كىشى سودا ئىشلىرى ئۈچۈن ئۈرۈمچى تەرەپكە كېتىۋاتقىنىدا، ئاقسۇدا بىر دەڭدە ھەج سەپىرى ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتقان كۇچالىق بىر كىشى بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان ۋە ئابدۇراخمان ھاجىم ئۇ كىشى بىلەن ياخشى تونۇشۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا:«مەن ساۋابلىق ئۈچۈن مەككىدىن بىر رىبات ئېلىپ قويۇشقا بىر مىقداردا پۇل توپلىغانتىم. ئۆزۈم ياشىنىپ قالغاچقا بارالمايدىغان ئوخشايمەن. بۇ پۇلنى سىلىگە بەرسەم، ئۇنى مەككىدە بېرەر ئاتۇشلۇققا بېرىپ قويسىلا، ئۇنىڭغا ئاتۇشلۇق ھاجىلار ئۈچۈن بېرەر رىبات ئېلىپ قويغان بولسا» دەپ ئۆتۈنۈپ پۇلنى تاپشۇرغان ئىكەن. ھېلىقى كۇچالىق ئادەم پۇلنى ساق-سالامەت مەككىگە ئېلىپ بارغان ۋە ئۇ جايدىكى ھەمشەھەرلەرنىڭ قولىغا تەگكۈزگەن ئىكەن. ئابدۇراخمان ھاجىمنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى پۇلىغا ئېلىنغان جاي مەككىدە يەرلىشىپ قالغان پېشقەدەم ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇرېھىم قارى دېگەن كىشىنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن مەككىنىڭ مەسفەلە ماجىد مەھەللىسىدە كونا ئاتۇش رىبات بولۇپ قالغان ئىكەن. 1987-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى ئورنىغا يول ۋە كۆۋرۈك سېلىش زۆرۈرىيىتى بىلەن بۇ رىباتنى يىقىتىپ تاشلاپ ئۇنىڭ بەدىلىگە 4 مىليون رىيال (600،000 دوللار) پۇل بەرگەن ئىكەن. 1988-يىلى مەككىدىكى قەشقەرلىك ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇلئەزىز ھاجىم بىلەن قاسىمجان ھاجىملار باشچىلىقىدا ئىئانە توپلىنىپ 600،000 رىيالغا يېقىن پۇل يىغىش قىلىشقان ۋە توپلانغان 4 مىليون ئالتە يۈز مىڭ رىيال پۇلغا يېقىنقى يىللارغا قەدەر داۋام قىلىپ كەلگەن كونا ئاتۇش رىباتنى سېتىپ ئالغان ئىكەن.

بۇ رىباتنىڭ بىناسى ئەسلىدە يېڭىسارلىق ئابباس ھاجىم دېگەن كىشىنىڭ بىناسى بولۇپ، ئۇ كىشى ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ مىراسخورلىرى بۇ بىنانى ئاتۇش رىباتنى ئالغۇچىلارغا سېتىۋەتكەن ئىكەن.

ئوبۇلقاسىم ھاجىم بىلەن سۆھبەت

مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىكى ئاتۇش ۋەخپى ھەققىدە كۆپرەك مەلۇماتقا ئىگە بولۇش مەقسىتى بىلەن مەزكۇر ۋەخپىدە بىر قانچە يىل خىزمەت قىلغان ۋە مەككىدىكى ۋەخپىلەرنىڭ ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئوبۇلقاسىم ھاجىمغا بىر قانچە سوئال بىلەن مۇراجىئەت قىلغان ئىدۇق. تۆۋەندە ئوبۇلقاسىم ھاجىم بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

ئوبۇلقاسىم ھاجىم مۇنداق دېدى: «مېنىڭ بىلگەنلىرىم شۇكى، ئاتۇش رىباتقا بۇرۇن ئابدۇلئەزىز ھاجىمنىڭ ئوغلى ئابدۇرېھىم ھاجىم مەسئۇل ئىدى. كېيىن ئۇ كىشى ياشىنىپ قېلىپ مەسئۇللۇقنى دوكتور ئابدۇلېتىپقا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىكەن. دوكتور قارىسا بۇ رىباتنىڭ كىرىمى يوق، ئۆزى كونىراپ كەتكەن. شۇڭا ئۇنى شۇنداق تەرك ئەتسە ۋەيران بولىدىكەن دەپ، بۇ رىباتنى بىر شىركەتكە 20 يىللىق سېتىۋەتكەن. چۈنكى بۇ رىباتنى ياساپ چوڭايتىش ئۈچۈن رىباتقا تەئەللۇق پۇل بولمىغانلىقتىن، ئۇنى چوڭ شىركەتكە ۋاقىتلىق كىراغا بېرىشكە مەجبۇر بولغان ئىكەن. شۇنداق قىلىپ رىباتنى 20 يىلغىچە ھەر يىلى ئۇيغۇرلارغا مەلۇم مىقداردا كىراسىنى بېرىدىغان، 20 يىلدىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا قايتۇرۇپ بېرىدىغان بولۇپ كېلىشكەن ئىكەن. بۇ رىبات ھازىر 20 نەچچە قەۋەتلىك چوڭ بىنا بولۇپ كەتتى، ئۆزى يول ئۈستىدە، ھازىر بۇ رىباتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قايتىشى ئۈچۈن 10 يىل ئەتراپىدا ۋاقىت قالغان بولۇشى كېرەك.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.