ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى ئۇيغۇر مويسىپىتلىرىغا خەيرخاھلىق يەتكۈزۈش چېيى بەردى

0:00 / 0:00

14-يانۋار ئاۋسترالىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى ئادىلايتدىكى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مەركىزىدە ئۇيغۇر مويسىپىتلىرىغا خەيرخاھلىق يەتكۈزۈش چېيى بەردى.

ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى ئادىلايت شەھىرىدە ياشاۋاتقان ياشانغان ئۇيغۇر مويسىپىتلىرىغا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن نېمىلەرنى قىلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكى توغرىسىدا كېڭىشىش ۋە بۇ ھەقتە ئەمەلىي خىزمەت قىلىپ بېرىش ئۈچۈن 70 گە يېقىن ياشانغان ئاتا ۋە ئانىلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ ئۇلارغا چاي بەرگەن.

پائالىيەت ئەتىگەن سائەت ئوندىن چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىگە قەدەر داۋام قىلغان.

ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ ئادىلايت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈۋاتقان ئۇيغۇر مويسىپىتلىرىغا خەيرخاھلىق يەتكۈزۈش چېيى بېرىش پائالىيىتىدىن تېلېفون ئارقىلىق نەق مەيداندىن ئۇچۇر ئىگىلىشىمىزچە، پائالىيەتكە تەشكىلات رەئىسى نۇرمۇھەممەت تۈركىستانى رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، پائالىيەت ئالدى بىلەن جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئىسلام دىنىي جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى دىنىي ئالىم ئابدۇسالام قارىھاجىنىڭ قۇرئان تىلاۋىتى باشلانغان.

قۇرئان تىلاۋىتىدىن كېيىن، ئابدۇسالام قارىھاجى ھەدىس شەرىفتە ئېيتىلغان ۋە ئۇيغۇر ئەنئەنىلىرىدە دېيىلگەن ياشانغانلارنى قانداق ھۆرمەتلەش ۋە ئىزەتلەش توغرىسىدىكى ھېكمەتلىك پەندى-نەسىھەتلەردىن قىسقىچە ساۋاق بېرىپ ئۆتكەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەت تۈركىستانى بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ھەققىدە توختالدى.

پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان ئاۋسترالىيەدە ھىجرەتتە ياشاۋاتقان ۋەتىنى ئىچى ۋە سىرتىدا تونۇلغان ئۇيغۇر شائىرى ئەخمەت ئىگەمبەردى پائالىيەت ھەققىدە توختالدى.

ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى ئىدارە ھەيئىتىنىڭ يېڭى ئەزالىرىدىن سالاھىدىن پائالىيەتتىن ئالغان تەسىراتىنى بايان قىلدى.

پائالىيەت جەريانىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئادىلايتدىكى ئۇيغۇر مويسىپىتلىرىدىن مۇھەممەد ئابدۇللا ھاجىم ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ ياش ئەزالىرىنىڭ خىزمەتلىرىدىن ئۆزىنىڭ مەمنۇنلۇقىنى بىلدۈردى.

ئادىلايتدىكى خانىم-قىزلار ۋەكىللىرىدىن زۇلفىيە خانىم پائالىيەتنىڭ ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە، ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە يېقىن كەلگۈسىدە ئادىلايتدىكى ياشلارنىڭ ياشانغان ئۇيغۇر مويسىپىتلىرىغا قىلىپ بېرىدىغان بەزى بىر ئەمەلىي خىزمەتلىرى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى 1992-يىلى قۇرۇلغان ئاممىۋى تەشكىلات بولۇپ، مەكزۇر تەشكىلات قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئىزچىل ھالدا ئادىلايتتا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر ئانا تىلدىن دەرس بېرىش، ئىسلامى بىلىملەردىن ساۋاق بېرىشتەك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ۋە ئىسلامى دىنىي ئېتىقادلىرىنى ساقلاپ قىلىشى ئۈچۈن بەلگىلىك دەرىجىدە ھەسسە قوشۇۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى نوپۇزلۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.