زۇلپىيە: ئاۋسترالىيەدە ئۇيغۇرلار ئاممىۋى پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىۋاتىمىز

0:00 / 0:00

9-مارت كۈنى ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مىللەتلەر مەدەنىيەت پائالىيىتىگە مەزكۇر شەھەردىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئۇيغۇر مىللىي كىيىملىرىنى كىيىشكەن ھالدا قاتناشقان.

مەلۇم بولۇشىچە، پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇرلار ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تائاملىرى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرلىكتە، نۆۋەتتە خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تەقىبلەشكە ئۇچراش ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان.

بۇ شەھەردىكى «ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى» نىڭ مۇدىرى زۇلپىيە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پائالىيەتتە ئۇيغۇر ئاياللىرى تەييارلىغان مەززىلىك ئۇيغۇر تائاملىرىدىن باشقا ئۇيغۇر ياشلىرى تارقاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ۋە نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدىكى تەشۋىقات ۋەرەقىلىرى پائالىيەت ئەھلىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان.

زۇلپىيە خانىم بايانىدا يېقىندىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قوللىشى ھەتتا بىۋاسىتە ياردىمى بىلەن ئاۋسترالىيەدە قۇرۇلغان، خىتاي تىللىق مەكتەپلەر ۋە ئاتالمىش «شىنجاڭلىق يۇرتداشلار جەمئىيىتى» گە ئوخشاش ھەر خىل ناملاردىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنداق بىر شارائىتتا ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشىدە، بۇ خىل مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر مىللىتىنى ۋە ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يىللاردىن بۇيان ئاۋسترالىيەدە ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان ھەر خىل مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ كېلىۋاتقان خىتاي ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىملىرىنى كىيىپ ۋە سەھنىدە بۇ مىللەتلەرنىڭ مىللىي سەنئىتىنى ئورۇنداپ، بۇلارنى ئۆز تەشۋىقاتىنى ئېلىپ بېرىشنىڭ قورالىغا ئايلاندۇرۇۋالغان.

زۇلپىيە خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى بىلەن ئاۋسترالىيەدە قۇرۇلغان خىتاي مەكتەپلىرى ۋە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا خاس مىللىي كىيىملەر ۋە ئۇيغۇر سەنئىتىدىن تەشۋىقات قورالى سۈپىتىدە پايدىلىنىشىغا قارىتا، ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بەزى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بايانىدا ئادېلايد شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى» نىڭ ئاۋسترالىيە مائارىپ تارماقلىرىغا ئەرز قىلىشى نەتىجىسىدە 2017-يىلدىن باشلاپ، ئاۋسترالىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ سەنئەت پائالىيىتىدە خىتاي تىلى مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىيىملىرىنى كىيىپ، سەھنىدە ئۇيغۇر سەنئىتىنى ئورۇندىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغانلىقىنى نەقىل ئالدى. ئۇ، ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتە بۇ خىل مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدىمۇ خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق باشقا مىللەتلەرنىڭ مىللىي كىيىملىرىنى كىيىشى ۋە خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ مىللىي سەنئەتلىرىنى خىتاي سەنئىتى قىلىپ كۆرسىتىشىنى چەكلەش توغرۇلۇق ئاۋسترالىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا داۋاملىق ئەرز يېزىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىشى بىلەن قۇرۇلغان «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» گۇرۇپپىسىنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن بۇ يىل 3-ئاينىڭ 15-كۈنى پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا ئۆتكۈزۈلۈش پىلانلانغان «15-مارت ئۇيغۇر ئاياللىرى نارازىلىق نامايىشى» غا ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىمۇ ئاۋاز قوشقان.

زۇلپىيە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئادېلايد شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، 15-مارت نامايىشىغا لازىم بولغان تەشۋىقات تاختىلىرى ياسىلىپ بولۇنغان ۋە بۇ تەشۋىقات تاختىلىرىنىڭ بىر قىسمى ئادېلايد شەھىرىدە 9-مارت كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مەدەنىيەت پائالىيىتى مەيدانىغا ئېلىپ بېرىلىپ ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

نۆۋەتتە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان زۇبەيرە خانىم، ئىلگىرى ئاۋسترالىيەدە بىر مەزگىل ياشىغان ھەم ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ھازىرمۇ ئاۋسترالىيەدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىدىن ياخشى خەۋەردار.

زۇبەيرە خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ يەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆزلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، خىتاينىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولغان ئاۋسترالىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

زۇبەيرە خانىم يەنە ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئاۋسترالىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشتا ئويناۋاتقان رولىغا يۇقىرى باھا بېرىپ، 9-مارت جۈمە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مىللەتلەر مەدەنىيەت پائالىيىتىدە ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە ياشلىرىنىڭ مەزكۇر پائالىيەتتىن پايدىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشىنىڭ ئاۋسترالىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى كۆرۈشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرى ئاساسلىقى ئادېلايد، مېلبۇرن، سىدنېي قاتارلىق شەھەرلەرگە تارقالغان.