ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش تەييارلىق خىزمەت يىغىنلىرى چاقىرىلدى

0:00 / 0:00

17-18-مارت كۈنلىرى ئاۋسترالىيەنىڭ ئادىلايت شەھىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى، جەمئىيەت مەركىزىدە بۇ يىل 4-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مەزكۇر جەمئىيەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى توغرىسىدا ياشلار ۋە چوڭلار ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەخسۇس تەييارلىق خىزمەت يىغىنلىرى چاقىردى.

ئاۋسترالىيەنىڭ ئادىلايت شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، مەزكۇر جەمئىيەت يەكشەنبە كۈنى مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، بۇ يىل 4-ئاينىڭ 29-كۈنى ئادىلايت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مەزكۇر جەمئىيەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە تەييارلىق قىلىش خىزمەت يىغىنى ئاچقان.

18-مارت كۈنى ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى توغرىسىدىكى چوڭلار ئۈچۈن چاقىرىلغان تەييارلىق خىزمىتى يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەت تۈركىستانى بۇ قېتىمقى يىغىن ھەققىدە توختالدى.

ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تاشمۇھەممەت ھاجىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جەمئىيەت ئادىلايت شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى ياش ئۆلچىمى بويىچە بىر قانچە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ، ئۇلار بىلەن كېلەركى ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان تەبرىكلەش پائالىيىتى ھەققىدە ئايرىم-ئايرىم سۆھبەتلەردە بولغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىن 40 ياشتىن 50 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئەركەكلەرگە چاقىرىلغان شۇنداقلا يىغىندا بىر قىسىم ئىئانە پۇللىرى توپلانغان.

تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ ياش ئەزالىرىدىن ئەربول مۆمىن17-مارت جۈمە كۈنى چاقىرىلغان ياشلار گۇرۇپپىسىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆزىنىڭ جەمئىيەت خىزمىتىگە بولغان ئاكتىپچانلىقىنى ئىپادىلىدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياشلاردىن خېلىل مۇھەممەد كەڭ ياشلارنىڭ بۇ قېتىمقى شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئۆزلىرىنىڭ ھەر جەھەتتىن جىددىي ھالدا تەييارلىق كۆرۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

زىيارىتىمىز جەريانىدا يەنە، ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەت تۈركىستانى مەزكۇر جەمئىيەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ بەزىبىر مەزمۇنلىرى توغىرىسىدىمۇ قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى.

ئىگىلىشىمىزچە، ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ مەزكۇر جەمئىيەت قۇرۇلغاننىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش تەييارلىق خىزمىتى توغرىسىدىكى چوڭلار يىغىنى شۇ كۈنى كەچ سائەت بەشتىن توققۇزغا قەدەر داۋام قىلغان بولۇپ، يىغىن جەريانىدا كۆپچىلىك بىردەك جەمئىيەت تەرىپىدىن ئالدىن تەييارلانغان ئۇيغۇر تائاملىرىغا ئېغىز تەككەن ۋە شۇنداقلا ئۇلارغا ئىسلام دىنىي بىلىملىرى بويىچە بەزى بىر ساۋاقلار بېرىلگەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.