ئەنقەرەدە چاقىرىلغان ئاياللار ھوقۇقى يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاياللىرى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

0:00 / 0:00

8-مارت خانىم-قىزلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن 3-ئاينىڭ 7-8-كۈنلىرى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرە شەھىرىدە «خانىم-قىزلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى» ماۋزۇلۇق خەلقئارالىق يىغىن چاقىرىلدى.

ئىككى كۈن داۋاملاشقان بۇ خەلقئارا يىغىنغا ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ماكېدونىيە، ئافغانىستان، ئىران، ئىراق، سۈرىيە ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيەسى قاتارلىق 12 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ھەم ئايال پائالىيەتچىلەر قاتناشتى. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر پائالىيەتچى شائىرە نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم ئىشتىراك قىلدى. يىغىنغا يەنە تۈرك دۇنياسى ئاياللىرى دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەئىسى، سابىق پارلامېنت ئەزاسى شەنول بال خانىم، ياۋرو-ئاسىيا ئىنسان ھەقلىرى مۇنبىرى رەئىسى ئابدۇللاھ بۇكسۇر ئەپەندىلەر قاتنىشىپ سۆز قىلدى.

ئىككى كۈن داۋاملاشقان يىغىندا ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن بىر قىسىم پائالىيەتچىلەر ئۆز دۆلەتلىرىدىكى خانىم-قىزلارنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئورنى، ئۇلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم ئۆزىنىڭ «شەرقىي تۈركىستاندىكى خانىم-قىزلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى» تېمىسىدىكى دوكلاتىدا 1949-يىلىدىن بۈگۈنگىچە ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى تونۇشتۇردى. ئۇ، دوكلاتىدا نۇقتىلىق ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قارىتا پىلانلىق تۇغۇت نامى ئاستىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتى، ئۇيغۇر قىزلىرىنى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» دېگەن نام ئاستىدا ئىچكىرى رايونلارغا يۆتكەش ۋە ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا تەشەببۇس قىلىش سىياسىتى ۋە باشقا مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى.

بىز يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ياۋرو-ئاسىيا ئىنسان ھوقۇقلىرى مۇنبىرى رەئىسى ئابدۇللاھ بۇكسۇر ئەپەندى، ئۇيغۇر ئايال پائالىيەتچى نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم ۋە يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان خانىم-قىزلارغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

ئابدۇللاھ بۇكسۇر ئەپەندى 8-مارت خانىم-قىزلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ خەلقئارا يىغىن ئارقىلىق تۈرك دۇنياسىدىكى خانىم-قىزلار دۇچار بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ، بولۇپمۇ «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى»نى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ يىغىننى ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ مەسىلىلەردىن ئۆزئارا خەۋەردار بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاچقان ئىدۇق. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى مولداۋىيەدىن كەلگەن بىرى ئاڭلىسۇن ۋە بۇ ھەقتە چۈشەنچە ھاسىل قىلسۇن، گرېتسىيەدىن كەلگەن بىرى خەۋەردار بولسۇن ۋە پىكىر ئىگىسى بولسۇن دەپ ئاچقان ئىدۇق. مەقسىتىمىزگە يەتتۇق. مەسىلەن، يىغىنىمىزدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن پائالىيەتچىلەر ئۆز دۆلەتلىرىدىكى خانىم-قىزلار دۇچار بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاياللار بۈگۈن ئەقەللىي ھەق ۋە ھوقۇقلىرىدىن ئايرىلغان ھالدا 8-مارت خانىم-قىزلار بايرىمىنى ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. مەن پۈتۈن دۇنيا خانىم-قىزلىرىنىڭ پۈتۈن ھەق ۋە ھوقۇقلىرىغا ئىگە بولۇشىنى چىڭ كۆڭلۈمدىن تىلەيمەن».

ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن «خانىم-قىزلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى» ماۋزۇلۇق خەلقئارا يىغىنغا ئىشتىراك قىلىۋاتقان تۈركىيە ئادۋوكاتلار بىرلىكى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى مەسئۇلى سائىدە ئەكمەن خانىم يىغىننىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «كۆپ دۆلەتتىن خانىم-قىزلارنىڭ بىر يەرگە جەم بولغانلىقى ناھايىتى ياخشى بىر ئىش. چۈنكى، بۇ يەردە پەقەتلا ئۆزئارا تونۇشۇش بىلەنلا قالماستىن، بەلكى دۆلەتلىرىمىزى تونۇشتۇرۇۋاتىمىز، خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ مەسىلىلىرىنى ئاڭلىتىۋاتىمىز. دۇنيادا خانىم-قىزلارنىڭ مەسىلىسى تۈگىمەس بىر مەسىلە. شۇڭا بۇ يىغىندا تۈرك دۇنياسىدىكى خانىم-قىزلارنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش يوللىرى توغرىسىدا تەلەپ-پىكىرلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىمىز».

سائىدە ئەكمەن خانىم، ئۇيغۇر دىيارى، سۈرىيە ۋە ئىراقتا كۆپ ساندا ئېغىر سىياسىي ۋە باشقا ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم ھالدا تۇرمۇش ئۆتكۈزۈۋاتقان ئاياللارنىڭ بارلىقى، ئۆزلىرىنىڭ ئۇلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «پەقەتلا شەرقىي تۈركىستاندىلا ئەمەس، ھازىر سۈرىيەدە، ئىراقتا ئەسىردەك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ئاياللار بار. پۈتۈن ئاياللارنىڭ مەسىلىسى ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەسىلىسى. شۇڭا بىز تۈركىيە ئادۋوكاتلار بىرلىكى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇلارغا ياردەم قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز».

يىغىندا ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسان ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان شائىرە نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم مەزكۇر يىغىننىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتكەنلىكى ۋە نەتىجىلىك بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، تۈركىيەدە چاقىرىلىۋاتقان ئىنسان ھوقۇقلىرى يىغىنلىرىدا ئۇيغۇر خانىم قىزلىرى دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسان ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكىنىڭ دائىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ياۋرو-ئاسىيا ئىنسان ھوقۇقى مۇنبىرى مەسئۇلى ئابدۇللاھ بۇكسۇر ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان خانىم-قىزلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى مەسىلىلىرى رەتلىنىپ، دوكلات سۈپىتىدە تەييارلىنىپ، دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرىغا ۋە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىغا ئەۋەتىپ بېرىلىدىكەن.