فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا چاقىرىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 5-نۆۋەتلىك ئومۇمىي ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 13-ئىيۇلدىكى يېپىلىش مۇراسىمىدىن كېيىنلا، ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن 20 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئاياللىرى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى «دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى» نى ئۆتكۈزدى. دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكى 2013-يىلى 23-ئاپرېل كۈنى فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى. مەركىزى بېلگىيەدىكى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسلىكىگە رىسالەت ئارىپوۋا خانىم سايلانغان. يىغىنغا يېتەكچىلىك قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم يىغىندا، دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكىدىن ئىبارەت ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ، خانىم-قىزلىرىنىڭ مىللىي داۋادىكى ھەرىكىتىنى بىرلەشتۈرۈش ھەم يەنىمۇ جانلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ يىل نويابىردا تۈركىيەدە ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ چاقىرىقى بىلەن «دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى» 13-ئىيۇل پارىژدىكى نوۋاتېل مېھمانخانىسىنىڭ يىغىن زالىدا چاقىرىلدى. يىغىن رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەبرىك سۆزى بىلەن باشلاندى. رابىيە قادىر خانىم «دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇر خانىم -قىزلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر تەشكىلاتنىڭ بولۇشىنىڭ تەخىرسىز ۋاقتى يېتىپ كەلگەنلىكى» سەۋەبلىك قۇرۇلغان بۇ تەشكىلاتنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى پائالىيەتچىلىرىنىڭ 3 يىلدىن ئارتۇق جەرياندا ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرى ۋە تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر دەۋاسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش خىزمىتىدە بەلگىلىك رول ئويناۋاتقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ۋە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ يېقىندا يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن رەسمىي ئەنگە ئېلىنغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
ئامېرىكا، كانادا، بېلگىيە، گېرمانىيە، تۈركىيە، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە ھەمدە قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن پارىژ شەھىرىگە جەم بولغان بۇ ئەتلەس كۆينەكلىك، باشلىرىغا چىرايلىق دوپپىلىرىنى كىيىپ گۈزەل قىياپەت، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىغا دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكنىڭ رەئىسى، بېلگىيەدىكى پائالىيەتچى رىسالەت ئارىپوۋا خانىم تەشكىلاتنىڭ 3 يىللىق خىزمەتلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇماتلار بەردى.
بۇ تەشكىلات ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ، خانىم-قىزلىرىنىڭ مىللىي دەۋادىكى ھەرىكىتىنى بىرلەشتۈرۈش ھەم يەنىمۇ جانلاندۇرۇشنى ئاساسىي ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى قىلىپ بەلگىلىگەن بولۇپ، يىغىغا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى ۋە باشقا ئايال ۋەكىللەر بولۇپ 20 دىن ئارتۇق ئاكتىپ پائالىيەتچى خانىم-قىزلار ئىشتىراك قىلدى. تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ۋەكىللەر ئارقا-ئارقىدىن سۆزگە چىقىپ، خىزمەت دوكلاتى بەردى ھەمدە جاي-جايلاردا ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى ئارىسىدا تەشۋىق ئىشلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ تەشكىلاتنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە جانلاندۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىشتىراكچىلار تۇشمۇ-تۇشتىن قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلىرىنى بايان قىلدى ئەركىن مۇنازىرىلەشتى.
ھەر قايسى دۆلەتلەردە ھەر قايسى ساھەلەردە كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر ئايال زىيالىيلارمۇ بۇ تەشكىلاتقا ئاۋاز قېتىۋاتقان بولۇپ، ئەنگلىيەدە گەرچە يالغۇز بولسىمۇ ئۆز كۈچىنىڭ يېتىشىچە مەدەنىيەت، تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان راھىلە مەخمۇت خانىم ھەر قايسى ئەللەردە ھەر ساھەدە خىزمەت قىلىۋاتقان يۇقىرى مەلۇماتلىق ئۇيغۇر ئايال زىيالىيلارنىمۇ بۇ سەپكە قوشۇلۇشقا سەپەرۋەر قىلىش يوللىرى ھەققىدە ھەمدە تەشكىلاتنىڭ خىزمەت پائالىيەت مەزمۇنلىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش توغرىسىدا پىكىر بەردى.
ئاۋسترالىيىدىن تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گۈلمىرە زۇنۇن خانىم، ئۆز تەۋەلىكىدە پائالىيەتلەرنى قانداق ئۇسۇللاردا جانلاندۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدە تەجرىبىلىرىنى ئورتاقلاشتى.
قازاقىستاندىن كېلىپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 5-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەرنىڭ كۆپ قىسمى دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكىنىڭمۇ ئەزالىرى بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللىرى بىرلىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇئاۋىن رەئىسى ئاسىيەم تۇردىيېۋا باشلامچىلىقىدىكى بىر قاتار ئاكتىپلار ئاساسەن يېشى 50 تىن ئاشقان ئاياللار بولۇشىغا قارىماي تەشكىلاتنىڭ ھەر قانداق ۋەزىپىسىنى ئاكتىپلىق بىلەن بېجىرىشكە تەييارلىقىنى ئىپادىلەپ ۋەكىللەردە چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلدى.
شەھەربانۇم سەيدۇللايېۋا خانىم تەشكىلاتقا ئەزا خانىملارنىڭ قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاننى مەركەز قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك ئاممىۋى پائالىيەت سورۇنلىرىدىنمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسىنى ئاڭلىتىش، مىللىي كىملىكنى ساقلاش، ياشلارنى مىللىي روھتا تەربىيىلەشكە ئوخشاش ساھەلەردە ئۈزۈلمەي تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
بىر سائەت داۋاملاشقان يىغىننىڭ ئاخىرىدا، رابىيە قادىر خانىم خۇلاسىلەپ دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكى سېپىدە خىزمەت قىلغان ئايال ئاكتىپلارنىڭ ئاز بولۇشى ۋە ئىقتىسادىي ئىمكانلىرىمىزنىڭ ئىنتايىن چەكلىك بولۇشىدەك قېيىن شارائىتقا قارىماي زور پىداكارلىقلار بىلەن ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىغا يۇقىرى باھا بەردى ۋە ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن، بارلىق ئۇيغۇر ئاكتىپلار نامىدىن ئۇلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ ئۆز يېنىدىن مەزكۇر تەشكىلاتقا 500 دوللار ئىئانە قىلدى ۋە يىغىنغا قاتناشقان ئاياللارغا دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي يىغىنىنىڭ بۇ يىل نويابىردا تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكى قۇرۇلتىيىنىڭ كۈنتەرتىپىلىرى، تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ بۈگۈندىن باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
يىغىن ئاخىرلاشقاندا ئۇيغۇر ئايال ئاكتىپلار يەنە ئۆز-ئارا ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، ئاياللارنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى خىزمەت ئۇسۇللىرى، تەجرىبىلىرى شۇنىڭدەك ئۇچۇر توپلاش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئۆز-ئارا يەنە ئۇزاققىچە سۆھبەتلەشتى.