«سېغىنىش» ئىشتىياقىدىكى بۇلبۇل-ئايگۈل ھەسەن

0:00 / 0:00

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ بۇ يىللىق نورۇز پائالىيىتىگە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىش ئۈچۈن، گوللاندىيىدىن ۋاشىنگتونغا يېتىپ كەلگەن، يۇقىرى ئاۋازلىق ياۋروپا ئۇسلۇبىدىكى ئوپېرا ناخشىچىسى ئايگۈل ھەسەن خانىم، 28-مارت كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئومىزدا زىيارەتتە بولدى.

ئايگۈل ھەسەن خانىم، 1985-يىلىدىن 2001-يىلغىچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى «شىنجاڭ ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكى» دە خىزمەت قىلغان دۆلەت بىرىنچى دەرىجىلىك ئارتىس. ئۇنىڭ ئالاھىدە ياڭراق ئاۋاز ۋە يېتىلگەن ماھارەت بىلەن ئورۇنلىغان يارى-يار، ئايەم كەلدى، سېغىنىش قاتارلىق ناخشىلىرى ئۇيغۇر خەلقىگە ھۇزۇر بەخش ئەتكەن ئىدى. ئايگۈل خانىمنىڭ ئالاھىدە تالانتى، سەنئەت ماھارىتى گوللاندىيە جۈملىدىن ياۋروپا تاماشىبىنلىرىنىڭمۇ ئورتاق ئېتىراپ قىلىشىغا، قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.

ئۇ چەتئەللەردىكى سەنئەت ھاياتىدا ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە گوللاندىيىدە 500 مەيداندىن ئارتۇق ئويۇن قويدى، ئۈچ قېتىم يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزدى. 2010-يىلى ياۋروپا بېرلىن سالونى فېستىۋالىدا، نېمىس تىلىدا يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلىغان ناخشىسى گېرمان تاماشىبىنلىرىنىمۇ ھەيران قالدۇردى. ئايگۈل خانىمنىڭ سەنئەت ھاياتى نەتىجىلىرى گوللاندىيىنىڭ دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا بىر نەچچە قېتىم مەخسۇس تونۇشتۇرۇلدى.

بىزمۇ ئايگۈل خانىمنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى داۋامىدا ئۇنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇق.

ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق، مۇخبىرىمىزنىڭ ئايگۈل ھەسەن خانىم بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.