89 ياشلىق باتۇر ئەرشىدىنوف 40 - يىللاردىكى ئازادلىق ئۇرۇشى دەۋرىنى ئەسلىدى
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2015.01.08
2015.01.08
ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈچ ۋىلايىتىدە باسقۇنچىلارغا قارشى خەلىق مىللىي ئازادلىق قوزغىلىڭى ئەۋج ئالغان ئىدى. بۇ ئازادلىق كۈرىشىگە ئۇيغۇر قىزلىرىمۇ قاتناشتى. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى 18 ياشلىق رىزۋانگۈل 1945 - يىلنىڭ يانۋار ئېيىدا ھەرەمباغ ئۈچۈن بولغان جەڭدە قەھرىمانلارچە قازا بولدى.
ھازىر ئالماتا شەھىرىدە ياشاۋاتقان سابىق مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى 89 ياشلىق باتۇر ئاكا ئەرشىدىنوف ئەنە شۇ ۋەقەلەرنىڭ تىرىك شاھىدىدۇر. ئۇ 1926 - يىلى قازاقىستاننىڭ ياركەنت شەھىرىدە تۇغۇلۇپ، ئەلدە باشلانغان تەقىپلەشلەر مەزگىلىدە ئاتا، ئانىسى بىلەن بىللە ئۇيغۇر دىيارىغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان.
باتۇر ئاكا مۇخبىرىمىزنىڭ سۆھبىتىنى قوبۇل قىلىپ شۇ دەۋىرلەردىكى كەچۈرمىشلەر ھەققىدە توختالدى.