مەرھۇم يازغۇچى مۇھەممەت باغراشنىڭ 6 توملۇق ئەسەرلەر توپلىمى نەشر قىلىندى

0:00 / 0:00

يازغۇچى مۇھەممەت باغراشنىڭ ئالەمدىن كەتكىنىگە 3 يىل بولاي دېدى، ئەمما ئۇ قالدۇرۇپ كەتكەن ئىزدىنىش روھىغا باي بىر يۈرۈش ئەدەبىي ئەسەرلەر ھېلىھەم ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا سازاۋەر بولماقتا.

مۇھەممەت باغراش 1952-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باغراش ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. ئۇ 1980-يىلى ئېلان قىلغان «سەبداش» ناملىق تۇنجى ھېكايىسى بىلەن تونۇلغان. ئۇنىڭ 80-يىللارنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئېلان قىلغان «سەبداش»، «ساۋاپ» قاتارلىق دەسلەپكى ھېكايىلىرى ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا خېلى زور تەسىرلەرنى قوزغىغان. بۇ ھېكايىلەر ئۆز دەۋرىدە ئورتا مەكتەپلەرنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلگەن.

مۇھەممەت باغراش 1986-يىلى «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ سىناق سانىدا «مەن ئۆلگەن ئادەمنىڭ قارىچۇقىدا قېتىپ قالغان سۈرەت» ناملىق پوۋېستىنى ئېلان قىلغان. بۇ ئەسەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئۇيغۇر يېڭى پروزىچىلىقىدا ئىجادىيەت جەھەتتىكى زور تارتىشمىلارغا سەۋەب بولغان. 1980-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن 1990-يىللارنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە بولغان جەرياندا ئۇ «ئاقساق بۇغا»، «تۆت قۇلاق»، «ئاپئاق ئېچىلغان سۆگەت گۈلى»، «جەزىرە»، «يۈرەكتاغ» قاتارلىق ھېكايە، پوۋېستلىرىنى ئوقۇرمەنلەر دىققىتىگە سۇنغان.

يازغۇچى مۇھەممەت باغراش 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۈرۈمچىدە كېسەللىك سەۋەبى بىلەن 61 يېشىدا ۋاپات بولغان.

يېقىندا مەرھۇم يازغۇچى مۇھەممەت باغراشنىڭ پۈتكۈل ئەسەرلىرى «ياۋا ئەتىرگۈل»، «ئاقساق بۇغا»، «ئادەملەر»، «تۆتقۇلاق»، «ئاھ شوپۇر، ئاھ قىزچاق»، «تۈگىمەس چۈشلەر» قاتارلىق ناملاردا 6 توم قىلىنىپ نەشر قىلىنغان.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم يازارلار ۋە ئەدەبىياتشۇناسلار بىلەن مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، يازغۇچى مۇھەممەت باغراشنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردۇق.

كانادادا ياشاۋاتقان شائىر ۋە سىياسىي پائالىيەتچى ئەخمەتجان ئوسمان مۇھەممەت باغراشنىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنىڭ 1980-يىللاردىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كۆزگە كۆرۈنگەن ساناقلىق يازغۇچىلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ۋاقىتسىز ۋاپاتىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى بىر زور يوقىتىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئەدەبىياتشۇناس ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت 1980- ۋە 1990-يىللاردا ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدا چاقنىغان مەرھۇم يازغۇچى باغراشنىڭ بۈگۈنكى كۈندە تولۇق ئەسەرلىرىنىڭ نەشر قىلىنىشىنى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايدۇ.

شائىر ئەخمەتجان ئوسمان مۇھەممەت باغراشنىڭ 1980-يىلى ئېلان قىلىنغان تۇنجى ھېكايىسى «سەبداش» تىن تارتىپ، 80-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى كۆپلىگەن تارتىشمىلارغا سەۋەب بولغان «مەن ئۆلگەن ئادەمنىڭ قارىچۇقىدا قېتىپ قالغان سۈرەت» ناملىق پوۋېستىغا قەدەر يېڭىلىق يارىتىش روھىنىڭ گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇرغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ئۇ يازغۇچى مۇھەممەت باغراشنىڭ ئەسەرلىرى ئۈستىدە توختالغىنىدا، ئۇنىڭ ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدىكى يەككە قاتلاملىق مۇھىتنى كۆپ قاتلاملىق مۇھىتقا يۈزلەندۈرگەنلىكىنى، بولۇپمۇ پېرسوناژلارنىڭ روھىي دۇنياسىنى ئېچىپ بېرىشتە بۇرۇلۇش ياسىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ.

ئابدۇشۈكۈر ئەپەندى 1980-يىللارنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى دەۋر بۆلگۈچ بىر مەزگىل بولغانلىقىنى، مۇھەممەت باغراشنىڭ دەل مۇشۇ دەۋر ئەدەبىياتىدىكى ئاۋانگارت يازغۇچىلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى قەيت قىلىدۇ. شائىر ئەخمەتجان ئوسمانمۇ 1980-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە مەيدانغا كەلگەن «گۇڭگا شېئىرلار» ئېقىمى بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇھەممەت باغراش ۋەكىللىكىدىكى ياش يازغۇچىلارنىڭ پروزا ساھەسىدە يېڭىلاش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

كۆپلىگەن ئەدەبىياتشۇناسلار 1980-يىللار بىلەن 1990-يىللارنىڭ ئالدىنقى يېرىمىنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ «ئالتۇن دەۋرى» دەپ قارايدۇ. دەرۋەقە، مەرھۇم يازغۇچى مۇھەممەت باغراشمۇ دەل ئاشۇ دەۋردە چاقنىغان ھەم مول-ھوسۇل بەرگەن يازغۇچىلارنىڭ بىرى.

شائىر ئەخمەتجان ئوسمان مۇھەممەت باغراش ئىجادىيىتىنىڭ 1990-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلاپ پەسكۇيغا يۈزلەنگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر دىيارىدا كۆرۈلۈۋاتقان سىياسىي ئاتموسفېرا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.