3-ئاپرېل نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلار پايتەخت ئوسلودىكى ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىگە جەم بولۇپ بارىن ئىنقىلابىنىڭ 26 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، نورۋېگىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىگە جايلاشقان ئۇيغۇرلار پايتەخت ئوسلودىكى ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىگە جەم بولۇپ، بارىن ئىنقىلابىنىڭ 26 يىللىقىنى خاتىرىلىگەن.
خاتىرىلەش پائالىيىتى ئالدى بىلەن قۇرئان تىلاۋەت قىلىشتىن باشلانغان بولۇپ، قۇرئان تىلاۋىتىدىن كېيىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئوسلو ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەسچىت ئىمامى مەمەتئىمىن ھاجىم بارىن شېھىتلىرى ھەققىدە توختالدى.
بارىن ئىنقىلابىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى نېغمەت تۇرسۇن ھاجىم مەزكۇر ئىنقىلابنىڭ تارىخىي جەريانى توغرىسىدا كۆپچىلىككە تەپسىلىي چۈشەنچە بەرگەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان نېغمەت تۇرسۇن ھاجىم بارىن ئىنقىلابىنىڭ 26 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ھەققىدە توختالدى.
خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان ئوسلو ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ تەربىيىچىلىرىدىن تۇرغۇنجان ئەمەت ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
ئاخىرىدا، مائارىپچى نېغمەت تۇرسۇن ھاجىم بارىن ئىنقىلابىغا ئوخشاش يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىنقىلابلارنى خاتىرىلەشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.
ئىگىلىشىمىزچە، بارىن شېھىتلىرىگە ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىش پائالىيىتى شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە باشلىنىپ كەچكە قەدەر داۋاملاشقان بولۇپ،پائالىيەت جەريانىدا كۆپچىلىك يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بەزى بىر يوليورۇقلىرى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.