بارىن ۋەقەسىنىڭ 26-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇرسا ۋىلايىتىنىڭ ئىنەگۆل ناھىيەسىدە «ئۇنۇتۇلغان ئاتاۋەتەن شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق دوكلات بېرىش يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىننى يەتتە ھىلال جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ يىغىنغا ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى. يىغىندا بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، يەتتە ھىلال تەشكىلاتىنىڭ ئىنەگۆل شۆبىسى مەسئۇلى سىنان قىلىچ ئەپەندى دوكلات بەرگەن بولۇپ، ئۇ، دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى، بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ۋە بارىن ۋەقەسى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن. بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن مەزكۇر تەشكىلات مەسئۇلى سىنان قىلىچ ۋە يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان كىشىلەردىن ۋەدات بايقال ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
سىنان قىلىچ ئالدى بىلەن يىغىن ۋە يىغىندا بەرگەن دوكلاتىنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «يىغىنغا باشقا ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ قاتناشتى. قاتناشقان كىشىلەر ئارىسىدا شەرقىي تۈركىستاندىن بىخەۋەر كىشىلەرمۇ بار ئىدى. ئۇلارغا مەلۇمات بەردۇق. يىغىنغا ئىشتىراك قىلغانلار خېلى كۆپ ئىدى.
يىغىندا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئومۇمىي ۋەزىيەت توغرىسىدا مەلۇمات بەردىم. خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى سىستېمىلىق ھالدا ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى ئاڭلاتتىم. يىغىننىڭ ئاخىرىدا بۇ دوكلاتنىڭ ئاڭلىغۇچىلارغا قاتتىق تەسىرى بولغانلىقىنى كۆردۈم. يىغىندا يەنە ئىشتىراكچىلار بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش يوللىرى ھەققىدە پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مۇزاكىرە نەتىجىسىدە بۇندىن كېيىن 7 ھىلال جەمئىيىتىنىڭ باشچىلىقىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە توغرا ئاڭلىتىش جەھەتتە بەزى مەسىلىلەردە ھەم پىكىر بولدۇق.»
سىنان قىلىچ ئەپەندى، بۇ يىغىندا بارىن قىرغىنچىلىقىنىڭمۇ خاتىرىلەنگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇلاردىن باشقا تۈنۈگۈن بارىن ئىنقىلابىنىڭ خاتىرە كۈنى ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئويغىنىشىنىڭ مۇھىم بىر باسقۇچى ئىدى. يىغىن ئەھلىگە بارىن ۋەقەسى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەردۇق. بارىن ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان شېھىتلىرىمىز ئۈچۈن دۇئا قىلدۇق. تۈرمىدە يېتىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بالدۇرراق ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ئۈچۈن دۇئا قىلدۇق.»
سىنان قىلىچ ئەپەندى يەتتە ھىلال تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇندىن كېيىن ئېلىپ بارماقچى بولغان پائالىيەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىز يەتتە ھىلال تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇرسا ئىنەگۆل ۋىلايىتىدە تېخىمۇ ئەتراپلىق، تېخىمۇ كۆپ ئاممىۋى تەشكىلاتنى ئىشقا سېلىپ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئوخشىمايدىغان پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈشنى ئويلاۋاتىمىز. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنى چاقىرىپ ئەكېلىپ تېخىمۇ ئەتراپلىق مەلۇماتلارنى ئىگىلەپ، تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈپ، مەسىلىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغىچە يەتكۈزۈشنى ئويلاۋاتىمىز.»
بىز بارىن ۋەقەسىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن بۇرسا ۋىلايىتىنىڭ ئىنەگۆل ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇنۇتۇلغان ئاتا ۋەتەن شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ۋەدات بايقال ئەپەندى بىلەنمۇ تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، دوكلات بېرىش يىغىنىنىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، ئەتە بۇ پائالىيەتنىڭ ئاخباراتلاردىمۇ خەۋەر قىلىپ تارقىتىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «يىغىن ناھايىتى ياخشى ئۆتتى. خىلى كۆپ ئادەملەر قاتناشتى، ئوقۇغۇچىلارمۇ بار ئىدى. ئىشتىراكچىلار ناھايىتى قىزىقىپ ئاڭلىدى. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلاپ باقمىغان كىشىلەر بار ئىدى، ئۇلار ئاڭلاپ بەك كۆڭلى يېرىم بولدى. دىققەت بىلەن ئاڭلىدى. ئىنەگۆل ناھىيەسىدە سىنان قىلىچ مۇئەللىم ئۇزۇن يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىۋاتىدۇ. ناھايىتى ياخشى ئۆتتى. بىز بۇ يىغىننى سىنئالغۇغىمۇ ئالدۇق. بۇلار بۈگۈن ۋىلايىتىمىزدىكى تېلېۋىزىيە ۋە گېزىتلەردە خەۋەر سۈپىتىدە ئېلان قىلىنىدۇ. بىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى داۋاملىق ھالدا كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرساق دەيمىز.»
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى يەتتە ھىلال جەمئىيىتىنىڭ شۆبە رەئىسى سىنان قىلىچ ئەپەندى يەتتە ھىلال جەمئىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «يەتتە ھىلال تەشكىلاتى ئىستانبۇلدا قۇرۇلدى. تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا شۆبىلىرى بار. تەشكىلاتىمىز ئىلمىي ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا. بولۇپمۇ ئېزىلىۋاتقان مىللەتلەر مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلمەكتە. تەشكىلات مەركىزىنىڭ يوليورۇقىغا بىنائەن بىز ئىنەگۆل شۆبىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بارىن ئىنقىلابىنىڭ 26-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزدۇق. بۇندىن كېيىنمۇ شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»
شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى بارىن ۋەقەسىنىڭ تۈركىيەدە 26 يىلدىن بېرى خاتىرىلىنىۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ خەلقئارالىشىشىدا زور رول ئوينىغانلىقىنى بايان قىلدى.