تورونتودا بارىن ئىنقىلابىنىڭ 27 يىللىقى خاتىرىلەندى

0:00 / 0:00

9-ئاپرېل يەكشەنبە كۈنى، كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر مەسچىتى رەھبەرلىكى بۇندىن 27 يىل بۇرۇن بارىن يېزىسىدا يۈز بەرگەن زەينىدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى بارىن ئىنقىلابىنىڭ 27 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن، بارىن شېھىتلىرىنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

شۇ كۈنى تورونتو ۋاقتى سائەت 2 دە، تورونتو ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەردە ياشايدىغان كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى مەبلەغ چىقىرىپ سېتىۋالغان ئۇيغۇر مەسچىتىگە جەم بولۇپ 32 پارە قۇرئاننى ئۆزئارا بۆلۈشۈپ ئوقۇپ چىقتى.
قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بارىن ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئاتۇش شەھىرىدە ياشىغان، ئەينى چاغدىكى بارىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاتۇش ۋە پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتىدىن تولۇق خەۋەردار ئۇيغۇر زىيالىيسى ھاجى مامۇت ئەپەندى كۆپچىلىككە بارىن ئىنقىلابى ۋە ئۇنىڭ ئىستراتېگىيىلىك پىلانلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

ھازىر تورونتودا ياشاۋاتقان دىننى زات ئابدۇئېزىز ئەپەندى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنىڭ 1949- يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېسىۋالغاندىن ئېتىبارەن، سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ۋە دىنىي جەھەتلەردە، تېخىمۇ ئېغىر ئەھۋالدا قالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. ئۇ يەنە بۇندىن بىر ئەسىر بۇرۇن ئاتۇشتا ياشاپ ئۆتكەن تەرەققىيپەرۋەر دىنىي ئۆلىما ئابدۇقادىر داموللام قاتارلىق ئىلغار پىكىرلىك ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىنىڭ ۋەتەن- مىللەتنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە ئېيتقانلىرىدىن مىساللار ئېلىپ ئۆتتى.

خەتمە قۇرئان پائالىيىتى جەريانىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تورونتو شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى بىلەن تاھىر مىجىت ئەپەندى بارىن روھىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي روھى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

شۇ كۈنكى پائالىيەتكە تورونتو ئۇيغۇر مەسچىتىگە رەھبەرلىك قىلىش كومىتېتىنىڭ رەئىسى شەۋكەت ئىمام رىياسەتچىلىك قىلدى.

تورونتودىكى ئۇيغۇر مەسچىتى بۇندىن 3 يىل ئاۋۋال تورونتودىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ مەبلەغ چىقىرىشى بىلەن 280 مىڭ كانادا دوللىرىغا بانكا قەرزىسىز سېتىۋېلىنغان بولۇپ، ھازىر تورونتودىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ نەزىر چىراغ ۋە باشقا پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدىغان ھەم مەرىكە زالى، ھەم ئىبادەت قىلىدىغان مەسچىتى ھەم ئۇيغۇر ئۆيى سۈپىتىدە قوللىنىلىپ كەلمەكتە.