بۈگۈن بارىن ۋەقەسىنىڭ 26 يىللىق خاتىرە كۈنى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ھەر يىلى بارىن ۋەقەسىنى ئوخشاش بولمىغان شەكىللەردە ياد ئەتمەكتە.
بارىن ئىنقىلابى 1990 - يىلى 5 - ئاپرېل ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسىدا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق قوراللىق ھەرىكىتى بولۇپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ھەر يىلى بۇ ۋەقەنىڭ خاتىرە كۈنىنى تۈرلۈك شەكىللەردە خاتىرىلەپ كەلمەكتە.
بۈگۈن باش شتابى گېرمانىيەدە بولغان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىمۇ بارىن ۋەقەسىنىڭ 26 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھاكىمە ۋە سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇردى. يىغىن ئەھلى بارىن ۋەقەسىنىڭ تارىخىنى ئەسلەپ ئۆتتى ھەمدە بۇ ۋەقەگە بولغان ئۆزلىرىنىڭ باھالىرى، تەسىراتلىرىنى بايان قىلىشتى. يىغىنغا تەشكىلات رەئىسى ئەنۋەرجان، د ئۇ ق نىڭ گېرمانىيەدىكى رەھبەرلىرى ۋە بىر قىسىم سىياسىي ئاكتىپلار ھەم زىيالىيلار قاتناشتى.
بىز بۇ ھەقتە، ئۇيغۇر سىياسىي زاتلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى، بۈگۈنكى بۇ سۆھبەت يىغىنىنى تەشكىللىگەن ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ قاراشلىرى ۋە باھالىرىنى ئاڭلاش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق.
ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى ئالدى بىلەن، بارىن ۋەقەسىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ يىغىن ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بولسا، بارىن ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن غەرب ئەللىرىدە مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە تارقالغان ھەرخىل ئۇچۇرلارنى ئالدى بىلەن سەمىمىزگە سالدى.
ئەنۋەرجان ئەپەندى سۆزىدە، بارىن ۋەقەسىنىڭ تارىخى ئەھمىيىتى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئىزاھلىدى ۋە بۇ ۋەقەگە بولغان قىسقىچە باھالىرىنى شەرھلەپ ئۆتتى.
ئۇيغۇر سىياسىي زاتلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى مەزكۇر ۋەقەنىڭ كېيىنكى زامانلاردا ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن كۆپلىگەن قارشىلىقلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە تۈرتكە بولغان بىر ئامىل بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىمۇ بارىن ۋەقەسىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
0:00 / 0:00