3-ئاپرېل، ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى، 1990-يىلى 5-ئاپرېل ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسى بارىن يېزىسىدا يۈز بەرگەن بارىن ئىنقىلابىنىڭ 26 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ بارغان. نامايىشقا ئۇيغۇر ۋە ياپونلاردىن كۆپ ساندىكى كىشىلەر قاتناشقان. نامايىش شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتىن تۆتكە قەدەر داۋاملاشقان.
قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلىرىنى كۆتۈرگەن نامايىشچىلار ياپون ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا جاراڭلىق شوئارلارنى توۋلاپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بارىن ئىنقىلابىنى «قەبىھ باستۇرغانلىقىدىن ئىبارەت ئۆز جىنايىتىنى تونۇشىنى، مەزكۇر ئىنقىلابتا قولغا ئېلىنىپ مۇددەتسىز تۈرمىلەرگە قامالغان بىگۇناھ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشى» نى تەلەپ قىلغان.
نامايىش باشلىنىشتىن ئىلگىرى ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم نامايىش ئىشتىراكچىلىرىغا ۋە مۇخبىرلارغا بارىن ئىنقىلابىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ۋە ئۇنىڭ باستۇرۇلۇش جەريانى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن. مەيدانغا توپلانغان نامايىشچىلار، ياپونىيە قانۇن دائىرىلىرى بەلگىلىگەن قائىدىلەرگە ئاساسەن بەشتىن-بەشتىن بىر گۇرۇپپا بولۇپ، خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا بېرىپ ئۆز نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرگەن.
نامايىشچىلار ۋەكىلى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى نامىدىن يېزىلغان باياناتنامىنى ئوقۇغان.
نامايىشتىن كېيىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم مەزكۇر باياناتنامىنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە قىسقىچە توختالدى.
توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئېلان قىلىنغان مەزكۇر باياناتتا يەنە 5-ئىيۇل غايىبلار ئانىسى پاتىگۈل غۇلام خانىمنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىمۇ بايان قىلىنغان.
بۇ قېتىمقى نامايىشقا قاتناشقان، ئۇزۇندىن بۇيان ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى قوللاپ كېلىۋاتقان تاناكا يوشىئاكى نامايىش ھەققىدە توختىلىپ: «مەن ئىلگىرى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە دائىر بۇ خىلدىكى نامايىشلارغا كوپ قاتناشتىم. بۈگۈن بارىن ئىنقىلابىنى خاتىرىلەش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا تۇنجى قېتىم قاتنىشىشىم. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرلۈك باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە قارشى ئۇيغۇرلارنىڭ بارىن ئىنقىلابىغا ئوخشاش قارشىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرىنى خاتىرىلەش ۋە ۋەقەدە ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ پاجىئەسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشنىڭ ئۆزى ئەلۋەتتە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ۋە ياپون خەلقىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشىنى قوزغايدۇ دەپ ئويلايمەن» دېدى.
ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ قوللىغۇچىلىرىدىن تاكاشى ساتو نامايىش ھەققىدە توختىلىپ: «نامايىشقا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ سانى گەرچە چەكلىك بولسىمۇ، بىراق، كۆپچىلىكنىڭ روھى ناھايىتى جۇشقۇن. بارىن ئىنقىلابى ياپونىيە جەمئىيىتىگە ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ۋە 5-فېۋرال ئىلى ۋەقەلىرىدەك تېخى تونۇلمىدى. شۇڭا بارىن ئىنقىلابى ھەققىدە كۆپلەپ تەشۋىق ئېلىپ بېرىش زۆرۈر دەپ قارايمەن» دېدى.
ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ خىل نامايىشلارغا ئىزچىل ئىشتىراك قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن گۈلىستان ئەزىزى ئۆزىنىڭ نامايىش ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.
ئىگىلىشىمىزچە، بۇ قېتىمقى نامايىش ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيان بارىن ئىنقىلابى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى قېتىملىق نامايىشكەن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.