1944-1949-يىللىرىدىكى ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاينى ئاساس قىلغان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا قاتناشقان تارىخىي شاھىتلارنىڭ سانى بارغانسېرى ئازلىماقتا. سابىق مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرلىرىدىن ناھايىتى ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەر ھازىر ئالمۇتا، بىشكەك قاتارلىق شەھەرلەردە ياشىماقتا. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇڭگانلاردىن ئىبراھىم ياۋاخۇنوف ۋە ئۇيغۇرلاردىن باتۇر ئەرشىدىنوف ئەڭ پېشقەدەم ئوفىتسېرلاردىن ھېسابلىنىدۇ.
باتۇر ئەرشىدىنوف ھازىر ئالماتادا ياشىماقتا. ئۇ مىللىي ئارمىيىنىڭ ئوفىتسېرى بولۇپ، 6 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ھەربىي سەپتە ئىشلىگەن ھەمدە مىللىي ئارمىيە ھەربىي مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلغان.
باتۇر ئەرشىدىنوف 1960-يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، تارىخى، ئېغىز ئەدەبىياتى قاتارلىق ساھەلەر بويىچە تەتقىقات قىلىپ، ئۇيغۇر ئالىمى شەرىپىگە ئېرىشكەن ھەمدە كۆپلىگەن كىتابلارنى نەشر قىلدۇرغان.
قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ياشاۋاتقان 87 ياشلىق باتۇر ئەرشىدىنوف، 1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابقا قاتناشقان ھەم تۆت يىل مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابى قارمىقىدىكى ھەربىي مەكتەپنىڭ ئوفىتسېرى ۋە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ھەربىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس بەرگەن.
1945-يىلى، 8-ئاپرېلدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، 1947-يىلىدىن ئېتىبارەن غۇلجا باياندايدا ھەربىي مەكتەپ ئېچىپ، تاكى 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بىر قانچە قارار ئاتلىق ۋە پىيادە قىسىملار ئوفىتسېرلىرىنى تەربىيىلىگەن ئىدى. باتۇر ئەرشىدىنوف شۇنىڭدەك ھەربىي مەكتەپنىڭ تۈزۈلمىسى ۋە دەرسلىكلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بەردى. ئىلى ھۆكۈمىتى ئالدى بىلەن 1945-يىلى، 1-ئايدا قورغاستا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۈچ ئايلىق رادىستلار، ھەربىي ئوفىتسېرلارنى تەربىيىلەش كۇرسى ئېتىپ، دەسلەپكى قەدەمدە خېلى كۆپ ساندا ئوفىتسېر تەربىيىلىگەن. بۇلار مىللىي ئارمىيە قۇرۇلغاندا مىللىي ئارمىيىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ئوفىتسېرلىرى بولۇپ خىزمەت قىلغان.
مىللىي ئارمىيە ئىزچىل تۈردە ئوفىتسېر تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، ئىلگىرى-كېيىن ھەر قايسى پولكلارمۇ كۇرس ئاچقان ھەتتا ئوتتۇرا يۆنىلىش فرونتىدىمۇ مەخسۇس كۇرس ئېچىلغان ئىدى. ئەمما، ئەڭ مۇھىمى يەنىلا، باياندايدىكى مىللىي ھەربىي مەكتىپىدۇر.
بايانداي ھەربىي مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچى باتۇر ئەرشىدىنوف مەزكۇر مەكتەپ ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرىنى بايان قىلدى.
باتۇر ئەرشىدىنوف 1949-يىلى، 12-ئايدا مىللىي ئارمىيە 5-كورپۇسقا ئۆزگەرتىلىپ، ئىككى دېۋىزىيىگە ئايرىلغاندا، ئۇ مۇھەممەد ئىمىن ئىمىنوف قوماندانلىقىدىكى 13-دېۋىزىيىنىڭ شتابى بىلەن قەشقەرگە بېرىپ ئورۇنلاشقان ھەمدە 1950-يىللاردىن كېيىن ھەربىي سەپتىن بوشاپ، مەمۇرىي ۋە ئىلمىي ساھەلەردە ئىشلىگەن.
