بىريۇسسېل ھۆكۈمىتىنىڭ مىنىستىرلىرىدىن بىرى برىگىتتە گروۋېلس خانىمنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۇيغۇرلار تونۇتۇلدى.
22- ۋە 28-سېنتەبىر كۈنلىرى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەردە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلدى. بولۇپمۇ 28-سېنتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇزىكا ۋە ئۆرپ-ئادەتلەر فېستىۋالىدا گۈلنىسا تېيىپوۋا باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئۇيغۇر مۇزىكىسى، ئۇيغۇر تاماقلىرى ۋە ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تونۇتقان. بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇرلاردىن باشقا بېلگىيەدە ياشاۋاتقان ھەرقايسى مىللەتلەرمۇ ئۆز مۇزىكىلىرى ۋە كۈلتۈرىنى تونۇشتۇردى. مەزكۇر پائالىيەت جەريانىدا يەنە ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلغان كۆپ ساندىكى ۋاراقچىلارمۇ تارقىتىلدى.
گۈلنىسا تېيىپوۋا خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، بىريۇسسېل ھۆكۈمىتىنىڭ مىنىستىرى برىگىتتە گروۋېلس خانىمنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا، 10-ئاينىڭ 12-كۈنى بىريۇسسېل شەھىرىدە « تۈرك دۇنياسى خانىم-قىزلار مەسىلىسى» ماۋزۇلۇق بىر يىغىن چاقىرىلىدىغان بولۇپ، يىغىنغا ياۋروپا دۆلەتلىرى، بالقان دۆلەتلىرى، تۈركىيە، ئەزەربەيجان، ئىراق، ئىران، سۈرىيە، ئۇيغۇر دىيارى ۋە باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن تۈركىي مىللەتلەردىن خانىم -قىزلار قاتنىشىدىكەن. يىغىندا تۈرك دۇنياسىدىكى خانىم-قىزلار دۇچار بولۇۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن. بۇ يىغىنغا قاتنىشىشنى خالايدىغان ئۇيغۇر خانىم-قىزلار قاتنىشىش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن. ئىلتىماس قىلىش ئادرېسى: dutap2013@gmail.com
بىز بۇ پائالىيەتلەر توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر پائالىيەتچى گۈلنىسا تېيىپوۋا خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.