ئۇيغۇر ئۆسمۈر سەنئەتكارلىرى «بىر دۇنيا ئۆيى» سەھنىسىدە

0:00 / 0:00

16-ئىيۇل كۈنى «بىر دۇنيا ئۆيى» دە ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىپ ئالقىشقا ئېرىشتى.

ميۇنخېن شەھەرلىك چەتئەللىكلەر مەجلىسى، مەدەنىيەت ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلار يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي، ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىنى تۈرلۈك شەكىللەردە قوللاپ كەلمەكتە. ئۇلار بۇ قېتىممۇ مەخسۇس ئۇيغۇرلار ئۈچۈن «بىر دۇنيا ئۆيى» دە بىر سەھنە ھازىرلاپ بەرگەن.

ھەر مىللەت خەلقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەت مەركىزى بولغان ميۇنخېندىكى «بىر دۇنيا ئۆيى» دە 16-ئىيۇل كۈنى كەچ سائەت 7 بىلەن باشلانغان بۇ پائالىيەتنىڭ مۇقەددىمىسىدە، ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى، تارىخى، مەدەنىيىتى ھەمدە بۈگۈنى ھەققىدە ئىشلەنگەن سىن فىلىمى تاماشىبىنلارنىڭ نەزىرىگە سۇنۇلدى.

ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئىشتىن سىرتقى ئۇيغۇر سەنئەت ھەۋەسكارلىرى قاتناشقان بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇر فولىكلورى تەتقىقاتچىسى نۇرنىسا خانىم ۋە ئۇسۇل ئۇستازى خالىسە خانىملار يېتەكچىلىك قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئورۇنلانغان ئۇيغۇر ئۇسۇللىرى ۋە ئۇيغۇر چۆچەكلىرىنى ئاساس قىلغان نومۇرلار كىشىلەرنىڭ زوقىنى كەلتۈردى.

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان گېرمانىيەدە ئۇيغۇر سەنئىتى، مەدەنىيىتى بويىچە تەتقىقات ۋە ئىجادىيەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن نۇرنىسا خانىم نەق مەيداندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئالدى بىلەن ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىدىن قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە گېرمانىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كۆپلىگەن پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا پائالىيەتلىرىنىڭ سانىنىڭ يىلدىن ‏-يىلغا ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ۋە گېرمانىيەدە تېخىمۇ كۆپ قوللاشقا، قىزىقىشقا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

بۇ قېتىمقى سەنئەت پائالىيىتىمۇ گېرمانىيەدە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزىقىشى يەنىمۇ كۈچەيگەن بىر چاغدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتتە، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ كۆرسەتكەن تۈرلۈك نومۇرلىرى تاماشىبىنلارنى يەنە بىر قېتىم جەلپ قىلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ مەيلى قىياپەت، مەيلى مەدەنىيەت، مەيلى تىل ۋە تارىخ جەھەتتىن خىتاي بىلەن قىلچە ئورتاقلىقى بولمىغان بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىشنى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى دۇنياغا تونۇتۇشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئۇسۇل يېتەكچىسى خالىسە خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، سەنئەت ئارقىلىق ئۇيغۇرنى تونۇتۇشنىڭ ئىستىقبالىدىن زور ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئىلچىن ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بولسا، ئۆزىنىڭ بۇ پائالىيەتتىن كۆپ مەمنۇن بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە، تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بۇ پائالىيەتلەرنى قىزغىن قوللىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى قويۇق مىللىيچە سەنئەت كىيىملىرىنى كېيىشكەن بولۇپ، ئۇلار ئورۇنلىغان نەپىس ئۇسۇللار مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇر تۇپراقلىرىدىكى سەنئەت سەھنىلىرىنى ئەسلىتەتتى. پائالىيەت خاتىمىسىدە، ئۇيغۇرلار ئىختىيارىي ئۇسۇلغا چۈشۈپ، سەھنىدە جانلىق بىر بايرام كەيپىياتى ياراتتى.