ئالمۇتادا «بىر قەشقەرلىق مويسىپىتنىڭ ھېكايىلىرى» ناملىق كىتاب تونۇشتۇرۇلدى

0:00 / 0:00

24-ئاپرېلدا ئالمۇتادىكى مىللىي كۇتۇبخانىدا تونۇلغان يازغۇچى ئىسمايىلجان ئىمىنوفنىڭ «بىر قەشقەرلىق موسىپىنىڭ ھېكايىلىرى» ناملىق كىتابىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. «مىر» نەشرىيات ئۆيى تەرىپىدىن رۇس تىلىدا نەشىر قىلىنغان مەزكۇر كىتابقا يازغۇچىنىڭ ئەينى ۋاقىتلاردا جۇمھۇرىيەتنىڭ ھەر خىل نەشىرلىرىدە يورۇق كۆرگەن ئوچېرىكلىرى، ھېكايىلىرى ۋە يېڭى ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن.

ھەر خىل مىللەت ۋەكىللىرى، زىيالىيلار، ياشلار، يازغۇچىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى قاتناشقان بۇ مۇراسىمگە خىتايشۇناس ئالىم، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى كلارا ھافىزوۋا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ يازغۇچىنىڭ ھاياتى ۋە پائالىيىتى ھەققىدە دوكلات قىلىپ، كېيىنكى سۆزنى كىتاب ئاپتورى ئىسمايىلجان ئىمىنوفقا بەردى. يازغۇچى دادىسى ئابدۇقادىر ئىمىنوفنىڭ ئۆتكەن ئەسىرىنىڭ 30-يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىدا پارتلىغان مىللىي-ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ ئاكتىپ ئىشتراكچىلىرىدىن بولغانلىقىنى، 1934-يىلى بولسا ئۇنىڭ ئۆز يۇرتى قەشقەرنى تاشلاپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە دادىسىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە يۇرتىنى سېغىنىپ، ۋەتىنىنى قايتا كۆرەلمەي ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى ئەسلىدى. ئىسمايىلجان ئىمىنوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ دادىسى قارغالى يېزىسىدا قازاق خەلقىنىڭ ئاتاقلىق ئاقىنى جامبۇل جابايېف بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇپ، شۇنىڭ قوللاپ-قۇۋەتلىشى بىلەن يېزىدا بىرىنچى مەسچىتنى ئاچقان ئىكەن. ئۇ ئۆز سۆزىدە مەزكۇر يېزىدا قازاق، ئۇيغۇر، تاتار، تۈرك قاتارلىق ھەر خىل مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ ئىناقلىقتا ياشاپ، خوشاللىقنىمۇ، ئېغىرچىلىقنىمۇ بىللە تارتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مۇراسىمدا سۆزگە چىققان رۇسىيەنىڭ ئالمۇتادىكى كونسۇلى ئىرىنا پېرېۋېرزېۋا يازغۇچى ئىجادىيىتى بىلەن رۇسىيەلىك كىتابخانلارنىڭمۇ ياخشى تونۇش ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ «ئەزىزانە قەشقەر»، «بالىلىق دەۋرىمنىڭ بۇلاقلىرى»، «ئۇلۇق چوقاننىڭ يىپەك يولى بىلەن» ناملىق كىتابلىرىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىملىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئالمۇتادىكى كونسۇلخانىسىدا يۇقىرى دەرىجىدە ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى. يازغۇچىنىڭ يۇرتى قارغالى يېزىسىنىڭ ھاكىمى دوسپول ئاقىلبېك ئوغلى ئىسمايىلجان ئىمىنوفنى بارلىق يۇرتداشلىرى نامىدىن تەبرىكلەپ، ئۇنىڭغا قازاقلارنىڭ مىللىي كىيىمىنى كىيدۈردى. مۇراسىمدا يەنە ئابلايخان نامىدىكى قازاق خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە دۇنيا تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋالېرىي مەخپىروف، ئارال كۆلىنى قۇتقۇزۇش خەلقئارا فوندىنىڭ مۇدىرى بېكنىياز بولات، «يىپەك يولى» شىركىتىنىڭ مۇدىرى ۋاققاس مامېدىنوف ۋە باشقىلار يازغۇچى ئەسەرلىرىنىڭ بەدئىي قىممىتى، ئالاھىدىلىكلىرى، ئەۋلاتلارنى تەربىيىلەشتىكى رولى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تارىخچى ئالىمە كلارا ھافىزوۋانىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كىتاب «بوۋاينىڭ يۈرىكى» دېگەن ھېكايە بىلەن باشلىنىدىكەن. ئۇنىڭدا يازغۇچى دادىسىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن سەرگۈزەشتىلىرىنى بايان قىلىدۇ. كلارا ھافىزوۋا بولۇپمۇ 1918-يىلى يەتتىسۇدا يۈز بەرگەن «ئاتۇ» پاجىئەسى، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ قىزىل ئەسكەرلەر تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنىشىغا بېغىشلانغان «ھالاكەتلىك خاتالىق» ناملىق ھېكايىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈدى. ئۇ بۇ يىلى مەزكۇر قانلىق ۋەقەنىڭ 100 يىللىقىنى ئاتاپ ئۆتۈشكە چوڭ تەييارلىقلارنىڭ كېتىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئەپسۇسكى، بۇ ۋاقىت ئىچىدە بۇ ھەقتە ئېنىق ھۆججەتلەرنى ھېچ كىم تاپالمىدى. كۆپچىلىكى بىزگە مەلۇم بولغان ۋەقەلەر ھەققىدە مەلۇماتلارنى بېرىۋاتىدۇ. مەن ئويلايمەنكى، بۇ ۋەقە ھەققىدە ئالىملار ماخمۇت ئابدۇراخمانوف ۋە خەمىت ھەمرايېف كۆپ يازدى. مېنىڭ ئويۇمچە، پەرغانە ئۇيغۇرلىرىنىڭمۇ ھاياتى توغرىلىق مەلۇماتلار كۆپچىلىكنى قىزىقتۇرىدۇ. پارغانە ۋادىسى بېۋاسىتە قەشقەرىيە بىلەن زىچ باغلىنىشلىق. شەرقىي تۈركىستاندا بىر نەچچە چوڭ ۋادىلار بولۇپ، ھەر قايسىنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكى ۋە مەدەنىيىتى بار. ئەلۋەتتە، قەشقەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن تاشقىرى خوتەن، كۇچار، تۇرپان، غۇلجا ۋە باشقىمۇ ۋىلايەتلەر مەدەنىيىتى ئۆز ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن پەرقلىنىدۇ. بۇنىڭ بارلىقى باي، مەزمۇنلۇق، كۆپ خىللىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يارقىن كۆرۈنۈشىدۇر».

يازغۇچى ئىسمايىلجان ئىمىنوف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ كىتاب ئاساسەن دادامنىڭ تەقدىرىگە، خەلقىمىزنىڭ تەغدىرىگە بېغىشلانغان. دادام ئاخىرقى ۋاقىتلارغىچە تۇغۇلغان يۇرتىنى سېغىنىپ ئۆتكەن. بۇ مەندىمۇ بار. مەنمۇ قەشقەرنى سېغىنىمەن. كۆرسەم دەپ ئارمان قىلىمەن. 2014-يىلى بىر گۇرۇپپا قازاق ئالىملىرى بىلەن قەشقەر، ئۈرۈمچى، قاراشەر، كورلا، ئاقسۇ، ئاتۇش، كۇچارلارنى كۆردۈم. نېمىشقا "قېرى قەشقەرلىقنىڭ ھېكايىلىرى" دەپ ماۋزۇ قويدۇم؟ سەۋەبى بۇ دادامنىڭ ئېيتىپ بەرگەن ھېكايىلىرى. پەرغانە ۋادىسىغا بارغاندىمۇ دادام ياشىغان شەھەر، يېزىلارنى كۆردۈم، تۇغقانلارنى كۆردۈم. ئۆز ۋاقتىدا پەرغانە ۋادىسىدا ئۇيغۇر مەكتەپلىرى بولغان. ھازىر ئۇلار يوق. مەن قازاقىستان ھۆكۈمىتىگە، دۆلەت پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفقا رەھمىتىمنى ئېيتىمەن. قازاقستاندا ئۇيغۇر مەكتەپلىرى بار».

ئىسمايىلجان ئىمىنوف ئۇيغۇر مەكتەپلىرى بولسا مىللەتنىڭ كېلەچىكىنىڭمۇ بولىدىغاندىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ يەنە كىتابنى رۇس تىلىدا يازغانلىقىنى، چۈنكى رۇس تىلى ئارقىلىق باشقىمۇ مىللەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن يېقىندىن تونۇشۇش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىگىلىشىمىزچە، ئىسمايىلجان ئىمىنوف 1959-يىلى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ جامبۇل ناھىيەسىگە قاراشلىق قارغالى يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ قازاق دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىلولوگىيە فاكۇلتېتىنى تاماملاپ، ئۇزۇن يىللار مائارىپ ساھەسىدە ئىشلىگەن. 2009-يىلدىن بۇيان ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. ئىسمايىلجان ئىمىنوف «ئەزىزانە قەشقەر»، «بالىلىق دەۋرىمنىڭ بۇلاقلىرى»، «ئۇلۇق چوقاننىڭ يىپەك يولى بىلەن»، «ئالتەشھەرگە ساياھەت» ناملىق بىر نەچچە كىتابلارنىڭ ئاپتورى. ئۇ 2014-يىلى قازاقىستان مىللىي جۇغراپىيە جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇغان «چوقان ۋەلىخانوفنىڭ يىپەك يولى بىلەن» ناملىق ئىلمىي ئېكىسپېدىتسىيەنىڭ رەھبىرى سۈپىتىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا زىيارەتتە بولۇپ قايتقان.