ئەركىن ئالىپتېكىن: شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈشكە ھازىر بولۇش كېرەك

0:00 / 0:00

5-نۆۋەتلىك د ئۇ ق يىغىنىدىن كېيىن ئۆز قاراشلىرىنى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە قۇرۇلتاي خادىملىرى بىلەن ئورتاقلىشىشنى خالىغان ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرىدىن 80 ياشقا كىرگەن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بۈگۈن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بەزى تەۋسىيە ھەم تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى تەۋسىيەلىرىنى بايان قىلىشتىن ئىلگىرى، ئۆزىنىڭ 11، 13-ئىيۇل كۈنلىرى د ئۇ ق نىڭ پارىژدا چاقىرىلغان 5-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ ئۆتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىلگىنىڭىزدەك، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىنلار ئامېرىكا ۋە ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلدى. 2004-يىلى ئېلىپ بېرىلغان يۈرەك ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن، دوختۇرلار ماڭا ئۇزۇن ساياھەتلەرنى چەكلىگەن ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن مەن، بۇ يىغىنلارغا قاتناشمىغان ئىدىم. ئاڭلىغان گەپ ۋە يېزىلغان نەرسىلەردىن قارىغاندا، بۇ قېتىم پارىژدا چاقىرىلىدىغان يىغىننىڭ جىددىي بىر مۇھىت ئىچىدە ئۆتكۈزۈلۈش خەۋپى بار ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، يىغىننىڭ مەدەنىي بىر مۇھىت ئىچىدە ئۆتۈشىگە ئۆزۈمنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇش مەقسىتىدە پارىژغا باردىم.»

ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى سۆزىدە يەنە، يىغىننىڭ نەتىجىلىك ئاياغلاشقانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ شۇلارنى تىلغا ئالدى: «بەزىبىر كەمچىلىكلىرىمىزگە قارىماي، يىغىن چىرايلىق ئۆتتى. يۇرتداشلار ئارىسىدىكى بەزىبىر كىلىشىمسىزلىكلەر ھازىرچە بىرتەرەپ قىلىنغان بولدى. ھەركىم ئۆزىنىڭ مەقسىتىگە ئېرىشتى. رەسمىي ساننى بىلمەيمەن، ئەمما يىغىنغا قاتناشقان 140 ۋەكىلنىڭ ئەڭ ئاز 40 نەپىرى د ئۇ ق دىكى تۈرلۈك ئورۇنلارغا سايلاندى. ئەڭ مۇھىمى، يىغىن جەريانىدا دۈشمەنلەرنىڭ نېنىغا ياغ سۈرتۈپ بېرىدىغان ئىشلار بولمىدى. مېنى خوش قىلغان تەرىپى بۇ.»

ئۇيغۇر سىياسىي زاتلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى 1980-يىللىرىدىن باشلاپلا ياۋروپادا سىياسىي دەۋا يولىغا قەدەم قويغان داڭلىق دەۋا ئادەملىرىدىن بىرى. ئۇ ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر زاتلاردىن ئەيسا يۈسۈف ئالىپتېكىننىڭ ئوغلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 40 يىللىق ھاياتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرى يولىدا كۈرەش قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن. ھاياتىدا د ئۇ ق ۋە ئۇ ن پ ئو غا ئوخشاش 10 دىن ئارتۇق سىياسىي تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە رەئىسى بولغان.

ئەركىن ئالىپ تېكىن ئەپەندى ئۆز تەۋسىيەسىنى تىلغا ئېلىشتىن ئىلگىرى يەنە، ئالدى بىلەن 5-قۇرۇلتايدا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن د ئۇ ق خادىملىرىنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلدى: «مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، د ئۇ ق ئىدارە ھەيئىتىگە سايلانغان پۈتۈن خادىملىرىمىزنى چىن يۈرەكتىن تەبرىكلەيمەن، ئۇلارغا چوڭ ئۇتۇقلار تىلەيمەن ۋە شەرقى تۈركىستان داۋاسىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىلەرگە كۆتۈرۈش، خەلقىمىز ئارىسىدىكى بىرلىك، باراۋەرلىك ۋە ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك پىداكارلىقلارغا كۆكرەك كېرىدىغانلىقىغا يۈزدە- يۈز ئىشىنىمەن. 80 ياشقا كىرگەن بىر پېشقەدەم بولۇشۇم، ئىستىسەممۇ، ئىستىمىسەممۇ بىر سىياسىي ئائىلە ئىچىدە چوڭ بولۇشۇم ۋە كېيىكى 40 يىلىمنى ‹شەرقى تۈركىستان خەلقىگە بولغان ئۆزۈمنىڭ بىر كىشىلىك ۋىجدانى قەرزىمنى ئادا قىلىمەن› دەپ يولغا چىققان بىر يۇرتدىشىڭلار بولۇشۇمدىن پايدىلىنىپ، د ئۇ ق ئىدارە ھەيئىتىگە سايلانغان خادىملىرىمىزغا ئاجىزانە تەۋسىيەلەردە بولۇشنى ئىستەيمەن.»

ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى ئۆز تەۋسىيەسىنى مۇنداق باشلىدى: «تۈركىيەدە ‹سۇلتان سۇلايمانغا قالمىغان بۇ دۇنيا، ھېچ بىرىمىزگە قالمايدۇ› دەيدىغان بىر ماقال بار. ئاللاھ تائالا ھەممىمىزگە سالامەتلىك، ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە بەخت-سائادەت نېسىپ قىلسۇن. ئەمما، بۇ دۇنيا ھېچ بىرىمىزگە قالمايدۇ. مەنسەپ، شان-شۆھرەت ۋە بايلىق ھەممىسى مۇشۇ دۇنيادا قالىدۇ. باقىي قالىدىغىنى پەقەت دائىما مىننەت بىلەن ئەسلىنىدىغان ئۆلۈمسىز بىر نام، ئىز ۋە ئەسەردۇر. رەھمەتلىك دادام بىزگە: ‹ئوغلۇم، بىر ئىتتەك ئۆلۈپ، كۆمۈلۈپ، ئۇنتۇلۇپ كېتىش ئورنىغا، ئارقاڭلاردا ياخشى بىر نام قالدۇرۇپ كېتىشكە تېرىشىڭلار› دەيتتى. ئەمما بىز ئۇ ۋەيا بۇ سەۋەبتىن دادامنىڭ بۇ ئارزۇسىنى ئورۇندىيالمىدۇق. بۇنىڭ ئۈچۈن مەن، د ئۇ ق ئىدارە ھەيئىتىگە يېڭى سايلانغان ۋە بۇنىڭدىن كېيىن سايلىنىدىغان پۈتۈن خادىملاردىن ئۆتۈنۈپ سورايدىغىنىم: ‹نېمە قىلساڭلار قىلىڭلار، بىراق ئارقاڭلاردا دائىما مىننەت بىلەن ئەسلىنىپ تۇرىدىغان ئۆلۈمسىز بىر نام، ياش نەسىللەرگە ئۈلگە بولىدىغان بىر ئىز ۋە ئۆچمەس بىر ئەسەر قالدۇرۇپ كېتىشكە غەيرەت قىلىڭلار› شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈشنىڭ يوللىرىنىمۇ ھازىردىن ئويلاپ تېپىڭلار دەيمەن.»

ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى ئۆز تەۋسىيەسىدە، د ئۇ ق نى مۇكەممەل بىر تەشكىلات ھالىغا كەلتۈرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

ئۇ: «د ئۇ ق نى خىتايغا قارشى ئىلمىي يوللار بىلەن تاقابىل تۇرالايدىغان، ياشلىرىمىزنى تەربىيىلەيدىغان، ئۇلارنى مىللەتكە پايدىلىق بولىدىغان زامانىۋى پىكىرلەر بىلەن جابدۇيدىغان، ئۇلارنى دەۋاغا سەپەرۋەر قىلالايدىغان ۋە كېلەچەكتە شەرقىي تۈركىستاندا ھاكىممۇتلەق كوممۇنىست تۈزۈمدىن، كۆپ پارتىيەلىك دېموكراتىك تۈزۈمگە ئۆتۈش جەريانىدا بىر سىياسىي پارتىيە بولۇپ پائالىيەت ئېلىپ بارالايدىغان مۇكەممەل بىر تەشكىلات ھالىغا كەلتۈرۈشكە تېرىشىشىڭلار لازىم. ئەكسى تەقدىردە، كېيىنكى 25 يىل جەريانىدا مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرگەن بەزى بىر دۆلەتلەردە بولغىنىدەك، خەلقىمىز بىر دىكتاتورىلىق تۈزۈمدىن قۇتۇلۇپ، يېڭى بىر دىكتاتورىلىق تۈزۈم ئاستىدا قالىدۇ. چەتئەللەردە سىياسىي پائالىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ خىتايغا قارشى پەقەت پىكرى جەھەتتىنلا تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى ئەسلا ئۇنتۇماڭلار. چۈنكى، ئۇلۇغ دەۋالارنى پەقەت ئىلغار پىكىرلەر بىلەنلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.»