خىتاي ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر ئارىسىدا «مىللىي بۆلگۈنچىلىككە زەربە بېرىش» نى تەكىتلىدى

0:00 / 0:00

«شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق خىتاي مەنبەلىرىدىن قارىغاندا، 6-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى ئېچىلغان.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرچە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلاردا، بىر قىسىم داڭلىق ئۇيغۇر يازغۇچى-شائىرلىرى، سەنئەتكارلىرى ئارقىمۇ ئارقا تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە ئېلىپ كېتىلگەن، بىر قىسىم كىتابلار چەكلەنگەن، بۇ ئەدىب ۋە سەنئەتكارلارنىڭ تەقدىرىدىنمۇ خەۋەر يوق تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە ئېچىلغان مەزكۇر قۇرۇلتايغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭمۇ قاتنىشىپ ئېيتقان قاتتىق سۆزلىرىنىڭ دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىيات سەنئەت ساھەسىنى كونترول قىلىشقا تۇتقان جىددىي پوزىتسىيەسىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقى مۇنازىرە قىلىنماقتا. دەرۋەقە چېن چۈەنگو يىغىندا، سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمىتىنى گۈللەندۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدە مەخسۇس سۆز قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بايانلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت سېپىدە، «ئىككى يۈزلىمىچى» دېگەن نامدا تازىلاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، قۇرۇلتايدا «مىللىي بۆلگۈنچىلىككە زەربە بېرىش»، «پانتۈركىزم ۋە پان ئىسلامىزمغا قارشى تۇرۇش»، «تارىخنى بۇرمىلاش سۆز-ھەرىكەتلىرىگە قارشى» تۇرۇش، «ئىككى يۈزلىمىچىلەرگە زەربە بېرىش» قاتارلىقلار تەكىتلەنگەن.

يىغىندا ھۆرمەتكە سازاۋەر ۋە پېشقەدەم سەرخىللەر كۆرۈنمەيدۇ

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلىرىدىن ئاپتونوم رايوننىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىنىڭ ۋەكىللىرى ئىچىدە تونۇلغان پېشقەدەم يازغۇچىلار، پېشقەدەم سەنئەتكارلارنىڭ سېيماسى كۆرۈنمىسىمۇ ئەمما، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇللار، ئابدۇكېرىم ئابلىز، ئادىل ھوشۇر، مەمەتجان روزى دېگەندەك، ئۇيغۇر سەنئەت ساھەسىدىكى بىر قىسىم ئاكتىپلارنىڭ تاللاپ يىغىنغا قاتناشتۇرۇلغانلىقى مەلۇم.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن خەلقئارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ باش كاتىپى ئەنگلىيەدىكى ئەزىز ئەيسا ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەدەبىيات سەنئەت ساھەسىدىكىلەرگە قويغان تەلەپلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئەدەبىيات سەنئەتچىلىرىگە قاراتقان تەقىبلەش سىياسىتىنى 3 نۇقتا بويىچە ئانالىز قىلدى.

«ئىككى يۈزلىمىچىلەر» نى تارتىپ چىقىش داۋاملىشىدۇ

چېن چۇەنگو يىغىندا قىلغان سۆزىدە سىياسىي ئىدېئولوگىيە جەھەتتە ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكىلەردىن قەتئىي ھالدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، ئۇ ھەرگىز «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» قىلماسلىق، «ئىككى يۈزلىمىچى» بولماسلىق كېرەك دەپ تەكىتلىگەن.

بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى ئابدۇلھەمىت ئەپەندى: «خىتاي دائىرىلىرى تونۇلغان تۆھپىكار ئۇيغۇر سەرخىللىرىدىن، سەنئەت ساھەسىدىن ئابدۇرېھىم ھېمىت، ئابلاجان ئاۋۇت، ئەيساجان، ئابدۇقادىر يار ئېلى قاتارلىقلار، ئەدىبلەر ۋە پروفېسسورلاردىن ئابدۇقادىر جالالىدىن، يالقۇن روزى، مۇختەر بۇغرا، ئەبەيدۇللا تۇردى، ئارسلان ئابدۇللا، راھىلە داۋۇت ۋە باشقىلارنى قاماپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىز ۋە سەنئىتىمىزگە بۇزغۇنچىلىقلارنى ئېلىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇردى. چېن چۈەنگو قاتارلىقلارنىڭ سۆزلىرى ئۇلارنىڭ بۇ خىل مىللىي مەدەنىيەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى» دەپ كۆرسەتتى.

گەرچە، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق تارىلىۋاتقان ئابدۇلھەمىت ئەپەندى تىلغا بۇ شەخسلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ھەتتا كېسىلگەنلىكى دەلىللەنگەن، ئەدەبىيات سەنئەت ساھەسىدىكى يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى ئېنىق بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ ئاخباراتقا بولغان كونتروللۇقىنىڭ كۈچىيىشى سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئىگە بولۇش قىيىن بولماقتا.

ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزى باش كاتىپى ئەزىز ئەيسا ئەپەندى بولسا، خىتاي ئۇيغۇر دىيارىنى پۈتۈنلەي مۇنقەرز قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ بارلىق بايلىقلىرىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان تەقدىردىمۇ، ئەمما مەدەنىيەت جەھەتتە ئۇيغۇرلارنى بويسۇندۇرالمايۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ يۈكسەك تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ئالدىدا خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ ئېستېتىك ئارزۇسى بويىچە ئىجاد قىلىش تەلەپ قىلىنغان


خىتاي ھۆكۈمىتى ئەدەبىيات سەنئەتچىلەرگە ئاچقان بۇ قۇرۇلتىيىدا بۇ ساھەدىكىلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگىمۇ يول بېكىتىپ بەرگەن بولۇپ، چېن چۇەنگو بۇ ھەقتە توختالغاندا ئىجادىيەت ئىشلىرىدا «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىن ئاكتىپ كۈچ قوبۇل قىلىپ جۇڭگونىڭ قىممەت قارىشىنى تارقىتىدىغان، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ روھىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئېستېتىك ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى تىرىشىپ ئىجاد قىلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش كېرەك. دەپ تەكىتلىگەن. شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا، «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىنىڭ زەھىرىنى قەتئىي تازىلاپ، «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈزۈشنى مەدەنىيەت تىرىكى بىلەن تەمىنلەپ، تېخىمۇ قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ مۇجەسسەملىشى كېرەك.» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.

ئابلىمىت قاراخان ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان سىياسەت ۋە تەشۋىقاتلىرىدا تارىخنى بۇرمىلاش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تۈركى مىللەتلەرگە ئورتاق مەدەنىيەت مەنبەسىدىن ئايرىپ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مىللىي ئىرقىي قانداشلىقىنىمۇ ئېتىراپ قىلماي، يالغان تارىخ ياساش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى-مەدەنىيەت سەنئىتىنىمۇ خىتايلاشتۇرۇشقا ھەتتا دىننىمۇ خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ دەپ تەنقىد قىلدى.

ئەزىز ئەيسا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بىر مىللەتنىڭ ئەدەبىيات-سەنئىتى شۇ مىللەت خەلقنىڭ چىن رېئالنى ھاياتى ۋە ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلىگەندە ئۇنىڭ قىممىتى بولىدۇ، ئەدەبىيات سەنئەت ئەسەرلىرىمۇ سىياسەتتىن خالى ھالدا ئەركىن روھ ۋە چىنلىقنى مەنبە قىلالىغاندا ئىسسىتىكىلىق بىر ئەسەر بولالايدۇ. ئەزىز ئەپەندى بۇ ھەقتە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدەبىيات سەنئەت ساھەسىدىكىلەرنى سىياسىي ئىجادىيەتكە زورلىنىشنىڭ ئۆزىنى پۈتۈنلەي مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى دېيىشكە بولىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

ئىختىساسلىقلارنى تاللاش شەرتى «پارتىيەگە سادىق» بولۇش


دائىرىلەرنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىگە قاراتقان كونتروللۇقى ئىختىساس ئىگىلىرىنى قانداق تاللاش ۋە تەربىيەلەشكە قويغان تەلىپىدىنمۇ گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن بولۇپ، «پارتىيەگە سادىق، ۋەتەنگە سادىق، ئىشىنىشكە ۋە تايىنىشقا بولىدىغان ئەدەبىيات-سەنئەت ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇپ چىقىش» نى تاپشۇرغان.

ئابدۇلھەمىت ئەپەندى خىتاينىڭ ئەدەبىيات سەنئەت ساھەسىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل سىياسىتىنى تەنقىدلەپ: «بۇلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، خىتاي ئىككىنچى قەدەمدە بۇ سىياسىتىنى ئۇيغۇرلار بىلەن مەدەنىيەت ئورتاقلىقى بولغان قېرىنداش مىللەت ۋە قېرىنداش ئەللەرگە قاراپ كېڭەيتىدىغانلىقىدىنمۇ دېرەك بېرىدۇ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدەك دۇنيا مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەر قوشقان بىر مەدەنىيەتنىڭ يوقىلىشى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىدىكى چوڭ يوقىتىش بولىدۇ» دېدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى ئابدۇلھەمىت ئەپەندى يەنە تەقىبلەشكە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئەتچىلىرىنىڭ ئاۋازى بولۇش، ئۇلارغا ئىگە چىقىش ئۈچۈن، مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ مەخسۇس بىر دوكلات تەييارلاپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىگە سۇنۇش تەييارلىقىدا ئىكەنلىكى بىلدۈردى.

ئەزىز ئەيسا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، «تارىختىن بۇيان ئىنتايىن ئېغىر بەدەللەر تۆلەپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى بۇ نۆۋەتمۇ يەنىلا ئورنىدىن دەس تۇرالايدۇ. چۈنكى ئۇيغۇرلار شۇنداق شانلىق ۋە كۈچلۈك مەدەنىيەتنىڭ ساھىبى، بۇ تراگېدىيەدىن يەنە ساق قالىدۇ، تېخىمۇ كۈچلىنىدۇ.»

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى يېپىلغان. بىرلەشمىنىڭ يېڭىدىن سايلاپ چىقىلغان رەھبەرلىك ئاپپاراتىدا ئۇيغۇرلاردىن غەيرەت ئاسىم رەئىسلىككە، بەختىيار باۋۇدۇن مۇئاۋىن رەئىسلىككە سايلانغان بولۇپ، ئۇلار ئىككى يۈزلىمىچىلىككە قارشى ماقالە ئېلان قىلىپ دەسلەپكى قەدەمدە ئاشكارا پوزىتسىيە بىلدۈرگەن كادىرلار ئىدى.