0:00 / 0:00
ھازىر قازاقىستاننىڭ ئالماتا ۋىلايىتىگە قاراشلىق چېلەك يېزىسىدا ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن بۇيان ياشاپ كېلىۋاتقان رۇس خەلقىنىڭ ۋەكىلى بورىس مايېۋسكىي غۇلجىدا 40-يىللىرى يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەرنىڭ تىرىك شاھىدىدۇر. ئۇ كىچىكىدىنلا ئۇيغۇرلار بىلەن كۆپ ئارىلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ياخشى بىلىۋالغان ئىدى.
بورىس مايېۋسكىي سۆھبىتىمىزدە بولۇپ، غۇلجىدا بولغان جەڭلەر ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئۇيغۇر ئېلىغا كىرگۈزۈلگەن ئەسكەرلەر، ئىلى ۋىلايىتىدە ياشىغان بەزى مىللەتلەر ھەققىدە ئۆز ئەسلىمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.