0:00 / 0:00
غۇلجىدا 40 - يىللىرى يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەرنىڭ شاھىدى بورىس مايېۋسكىي ئائىلىسى بىلەن 1963 - يىلى قازاقىستاننىڭ جېزقازغان دېگەن شەھىرىگە كۆچۈپ چىققان. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە ئورۇنلاشقان ھەربىي قىسىملار، ئۇ يەردە تەشكىللەنگەن پۇتبول كوماندىسى ۋە قازاقىستانغا قانداق كۆچۈپ چىققانلىقى ھەققىدە ئەسلىمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.