بورتالا ئوبلاستىدىكى قەدىمى تاش قەبرىستانلىق 10 چوڭ ئارخىلوگىيىلىك بايقاشنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى
2013.04.18

خىتاي دۆلەتلىك مەدەنىي يادىكارلىقلار ئىدارىسى يېقىندا ئارخىلوگلارنى تەشكىللەپ، 2012-يىلى بايقالغان ئارخىلوگىيىلىك يادىكارلىقلارنى باھالاپ چىققان. باھالاش نەتىجىسىدە، 2012-يىلى يازدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بورتالا ئوبلاستى ئارىشاڭ ناھىيىسىگە قاراشلىق ئادۇنچۇلۇق دېگەن يەردىن تېپىلغان قەدىمكى تاش قەبرىستانلىقنى شۇ يىلى بايقالغان ئون چوڭ ئارخىلوگىيىلىك بايقاشنىڭ بىرى، دەپ باھالىغان. ئادۇنچۇلۇق مەدەنىي يادىكارلىقلار ئىزى ئارىشاڭ ناھىيىسى چاغان ئۇسۇ ئېغىزىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى يايلاققا جايلاشقان بولۇپ، پۈتكۈل قۇرۇلۇش تاشتىن قۇرۇلغان. بەزى تاشلارنىڭ ئېغىرلىقى بىر توننا كېلىدۇ. قەبرىستانلىقتىكى تۆت تەرىپى تاش بىلەن قورشالغان بىر لەھەتتىن ئادەم سۆڭىكى، تاش قورال، ساپال ۋە مىس بۇيۇملار تېپىلغان.
پۈتكۈل قۇرۇلۇش 11 دىنىي مۇراسىم سورۇنى، 30 تاش گۈمبەزلىك قەبرە ۋە تاش بىلەن قورشالغان 60 قەبرىدىن تەركىب تاپقان. خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئارخېئولوگلار قەبرىستانلىقتىن تېپىلغان بىر ياغاچ پارچىسىنى كاربون 14 تەجرىبىخانىسىدا تەكشۈرۈپ، قەبرىستانلىقنىڭ بۇنىڭدىن 3800 ئاۋۋالقى دەۋرگە ئائىت ئىكەنلىكىنى قارار قىلغان.
خىتاي ئارخىلوگلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئادۇنچۇلۇقتىكى بۇ تاش قۇرۇلما شىمال يايلاق مىللەتلىرىدە ھازىرغا قەدەر بايقىلىپ باقمىغان. بۇ ئورۇندا قانداق ئادەملەر ياشىغان؟ قايسى تائىپىلەرگە مەنسۇپ كىشىلەر ئولتۇرغان؟ قانداق تۇرمۇش كەچۈرگەن؟ ئۇلار نېمە ئۈچۈن بۇ شەكىلنى قالدۇرۇپ كەتتى؟ ئۇلار نەگە كەتتى ۋە ھازىر نەدە ياشايدۇ؟ بۇ ئارخېئولوگلار جاۋابىنى تېپىشكە ئىزدىنىۋاتقان سوئاللار.
بىز بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق تەتقىقاتچى، يىپەك يولى مەدەنىيىتى مۇتەخەسسىسى دوكتور قاھار باراتنى زىيارەت قىلدۇق.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.