ھەر يىلى خىتاينىڭ چاغان ھارپىسى مەزگىلى چەتئەللەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ۋە كونسۇلخانىلىرى بىرلەشمە زىياپەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ. بىر ئايدىن بۇيان چەتئەللەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرىنىڭ بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغىمۇ تەكلىپنامە ئەۋەتىپ، ئۇلارنى بۇ يىللىق چاغانلىق زىياپەتلىرىگە چاقىرغانلىقى ئىنكاس قىلىنغان ئىدى. بىر قانچە دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئۇيۇشتۇرغان بۇ يىللىق چاغانلىق پائالىيەتلەرگە ئاز ساندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ قاتناشقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار مەلۇم بولماقتا.
ئىگىلىشىمىزچە، خىتاينىڭ نيۇ-يوركتىكى كونسۇلخانىسى ئامېرىكىنىڭ پېنسىلۋانىيە ۋە نيۇ-يورك شتاتلىرىدىكى خىتاي مۇھاجىرلار ۋە ئوقۇغۇچىلارغا چاغانلىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان. بۇ پائالىيەتكە 90 يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان تۆت-بەش نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ قاتناشقانلىقى ۋە پائالىيەتتە ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل كۆرسەتكەنلىكى مەلۇم.
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىدا 8-فېۋرال كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن چاغانلىق زىياپەتكە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قاتناشقانلىقى مەلۇم، ئەمما ئۇلارنىڭ سانى ئېنىق ئەمەس.
خىتاينىڭ توكيودىكى ئەلچىخانىسى چاغانلىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە ياپونىيەدە خىتاي پاسپورتى بىلەن ئوقۇۋاتقان بارلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا 1-ئاينىڭ بېشىدىلا تەكلىپ ئەۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ يىللاردىكىگە قارىغاندا زور دەرىجىدە ئازايغانلىقى مەلۇم. بەزىلەر كىشىلەر بۇ پائالىيەتكە 10 غا يەتمىگەن ئۇيغۇرنىڭ قاتناشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ يىللىق چاغانلىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى، 1-فېۋرال كۈنى ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ نۆۋەتلىكى ئىلگىرىكى يىللارنىڭكىدىنمۇ زور كۆلەمدە ئۆتكۈزۈلگەن. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيەدىكى ئەلچىلىرى، تۈركىيەنىڭ خىتايدىكى دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى ۋە كۆپ ساندىكى خىتاي مۇھاجىرلىرى قاتناشقان. زىياپەتكە يەنە بەش-ئالتە ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياش قىزلارنىڭ قاتنىشىپ، ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتكەنلىكى مەلۇم.
ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ خىتاي مۇھاجىرلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغان چاغانلىق پائالىيىتىگىمۇ مەلۇم ساندا ئۇيغۇرلار قاتناشقانلىقى بىلىنمەكتە.
خىتاي ئەلچىخانىلىرى چاغان پائالىيىتىگە ئوخشاش ھەر خىل يىغىلىشلارنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق چەتئەللەردە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئۆزىگە يېقىن تۇتۇشقا، ئۇلارنى كونترول قىلىشقا ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى سىر ئەمەس. شۇنداقلا بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر تۈرلۈك بېسىملار سەۋەبىدىن چەتئەللەردىمۇ ئوخشاشلا خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئىتائەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىمۇ مەۋجۇت بىر مەسىلە.
تۈركىيەدىمۇ بۇ خىل چاغانلىق زىياپەتلەرگە قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھېلىھەم بارلىقىنى ئاڭلىغان تۈركىيەدىكى بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاينىڭ زۇلۇمى چېكىگە يەتكەن، چەتئەللەردە ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ خىتايغا بولغان نارازىلىقى كۈچەيگەن بىر مەزگىلدە يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ چاغانلىق پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىۋاتقانلىقىدىن ھەيران ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، «ئۇلار مەيلى قانداقلا سەۋەب بىلەن خىتاي كونسۇلخانىلىرىنىڭ چاغانلىق پائالىيىتىگە قاتناشمىسۇن، بۇنى توغرا چۈشەنگىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس،» دېدى
مەككىدىكى ئەخمەتجان ھاجىم، -8فېۋرال جىددە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خىتاينىڭ بۇ يىللىق چاغانلىق پائالىيىتىگە يىللاردىكىدىن ئاز ساندا ئۇيغۇر قاتناشقانلىقىدىن خەۋىرى بارلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئەرەبىستان ۋە باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن كۈچلۈك تەنقىدلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
يېقىنقى كۈنلەردە، خىتاي كونسۇلخانىلىرىنىڭ چاغانلىق پائالىيىتىگە قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ غۇلغۇلا بولماقتا. گوللاندىيەدىكى ئاكتىپ پائالىيەتچىلەردىن ئالدۇلغېنى ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا 'قوشماق تۇغقانچىلىق' سىياسەتلىرىنى ئومۇملاشتۇرغان، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىگە، كىملىكىگە، غۇرۇرىغا تاجاۋۇز قىلىۋاتقان بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي بىلەن چاغان ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى ئېنىق. ئەمما چەتئەللەردە بۇنداق بىر مەجبۇرلاش يوق ھالدىمۇ ئۆزلۈكىدىن ياكى ئائىلىسىدىكىلەر بېسىمغا ئۇچراپ قالامدىكىن دېگەندەك ئەندىشىلەر بىلەن خىتاينىڭ چاغىنىنى بىللە ئۆتكۈزۈش، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنى قوللىغانلىق، زۇلۇمغا چاۋاك چالغانلىق بولىدۇ.»
خىتاي ئەلچىخانىلىرى تارقاتقان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەرنىڭ بۇ قېتىم چاغان مۇناسىۋىتى بىلەن ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتلىرى نوقۇل ھالدىكى كۆڭۈل ئېچىشنى ئاساس قىلغان بولماستىن، خىتاينىڭ بىرلىكىنى قوغداشنى، 19-قۇرۇلتاي روھىنى ۋە «بىر بەلۋاغ، بىر يول» سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىشتەك سىياسىي مەزمۇنلارنى ئاساس قىلغان ئىكەن.
0:00 / 0:00