خىتاينىڭ چاغانلىق سەنئەت پروگراممىسىدىكى ئۇيغۇرلارغا دائىر تەشۋىقاتلار ئىنكاس قوزغىدى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 14-فېۋرال كۈنى 2018-يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنى كۆرسەتكەن. ئۇنىڭدا ئالدى بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا مەدھىيە ئوقۇلغان ئاندىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسى ناھىيەلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «بەخت تۇيغۇسى» غا چۆمۈلۈپ ياشاۋاتقانلىقى تەشۋىق قىلىنغان.

بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان مۇھاجىرەتتىكى ئانالىزچىلار، نۆۋەتتە خىتاينىڭ چېكىدىن ئاشقان سىياسىي بېسىملىرى ئىچىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا دېيىلگىنىدەك «بەخت تۇيغۇسى» دا ئەمەس، بەلكى ئازاب-ئوقۇبەتتە ياشاۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ خىل ساختا تەشۋىقاتىنىڭ تىبەتتىمۇ ئوخشاشلا بازارغا سېلىنغانلىقىنى بايان قىلدى.

خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2018-يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە يەنىلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يىللار بويى داۋاملىشىۋاتقان تەشۋىقاتى ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 14- فېۋرالدىكى «باھارغا ئاتلىنىش، چاغاننى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈش ۋە چاغان شادلىقى» نامىدىكى سەنئەت كېچىلىكىدە، خوتەن، ئاقسۇ، قەشقەر، قۇمۇل، ئىلى، سانجى ۋە ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت يەتتە جايدا 7 تارماق سەھنە ھازىرلانغان بولۇپ، ھەر بىر جاينىڭ سەنئەت كېچىلىكىدە ئوخشاش بىر مۇقام، يەنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا مەدھىيە ئوقۇش، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ «بەخت تۇيغۇسى» غا چۆمۈلۈپ ياشاۋاتقانلىقى تەشۋىق قىلىنغان.

ئامېرىكىدىكى سىياسىي پائالىيەتچىلەردىن «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ياڭ جيەنلى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇ يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى ئالدىنقى يىلاردىكىگە ئوخشاشلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىي تەشۋىقات كانىيى ۋە ئالدامچىلىق ۋاسىتىسىگە ئايلانغان. ئەمما بۇ خىل سىياسىي تەشۋىقاتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىياردىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى يوشۇرۇپ قالالمايدىكەن.

ياڭ جيەنلى مۇنداق دېدى: «مەن بۇ يىللىق چاغانلىق كېچىلىكنىڭ پەقەت بىر قىسمىنىلا كۆردۈم، چۈنكى ئاللىقاچان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتىغا ئايلىنىپ بولغان بۇ خىل سەنئەت كېچىلىكلىرى پۈتۈنلەي يالغانچىلىق بىلەن تولغان. بولۇپمۇ ئاتالمىش ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ شادلىقى ئىپادىلەنگەن بىرنەچچە سەنئەت نومۇرلىرىدا مىللىي كىيىملىرىنى كىيىشىپ سەھنىگە چىققان ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەردىن بولغان ئارتىسلار پەقەتلا شەكلىي مىللىيچە مەزمۇنى سىياسىيلىققا تولغان تەشۋىقات نومۇرلىرىنى ئورۇنلايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار قىپقىزىل يالغانچىلىق قىلىۋاتىدۇ. چۈنكى بىز خىتايدىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى ھەممىمىز بىلىمىز، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەبلىك خىتايدا مىللەتلەر ئارىسىدىكى زىددىيەت بارغانچە ئۆتكۈرلىشىپ، مىللىي ئۆچمەنلىك ھەممىلا جاينى قاپلىغان ۋەزىيەت ئاللىقاچان شەكىللىنىپ بولدى.»

ياڭ جيەنلى ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: «ئاتالمىش ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا يەنى، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر رايونلىرىدا خىتاي كومپارتىيەسى مىللىي باستۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت جەھەتتىن بۇ رايونلاردا يۈرگۈزگەن باستۇرۇش سىياسىتى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل خەلقلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى كۈچەيتتى. بۇ رايونلا ھازىر خەلقئارا تاراتقۇلاردا تەرىپلەنگەندەك يېرىم ھەربىي ھالەتتىكى زېمىن ياكى ساقچى دۆلىتىگە ئايلىنىپ بولدى. بۇنداق ئەھۋالدا قانداقمۇ خىتاي تەشۋىقاتىدىكىدەك ئىناق مىللەتلەر مۇناسىۋىتى بولسۇن؟ ئۇيغۇرلاردا قانداقمۇ ئاشۇ خىل بەخت تۇيغۇسى بولسۇن؟ شۇڭا مەن بۇلارنىڭ ھەممىسى ساختىكارلىق، چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى پەردازلايدىغان بىر تەشۋىقات ۋاسىتىسىگە ئايلىنىپ بولدى، دەپ قارايمەن.»

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممەدىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چاغاننىڭ ئالدى-كەينىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەر خىل تەشۋىقاتلىرى ئىنتايىن رەزىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارغا خىتاي مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى مەجبۇرىي تېڭىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.