چېخلىق ئۇيغۇرشۇناس ئوندرېي كلىمېس: «ئۇيغۇرلار بىلەن چېخلارنىڭ بەزى تارىخىي كەچۈرمىشلىرى ئوخشايدۇ»

0:00 / 0:00

«ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى بىلەن چېخ خەلقىنىڭ 20-ئەسىردىكى بەزى تارىخىي كەچۈرمىشلىرىنى سېلىشتۇرغاندا مەلۇم ئوخشاشلىقلارغا ئىگە. چېخ خەلقى 1940-يىللاردا ئۆزىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى كۈچلۈك قوشنىسى ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ، 1960-ۋە 1970-يىللاردا شەرقتىكى قوشنىسى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۈچلۈك سىياسىي بېسىمىغا ئۇچراپ ياشاشتەك تارىخىي تەجرىبىگە ئىگە. بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارمۇ ئەنە شۇنداق قىيىن تارىخىي رېئاللىق ئىچىدە ياشىماقتا.»

چېخ جۇمھۇرىيىتىدە يېتىشىپ چىققان تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇرشۇناس، دوكتور ئوندرېي كلىمېس يېقىندا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا راۋان ئۇيغۇر تىلى بىلەن يۇقىرىقى سېلىشتۇرمىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دوكتور ئوندرېي كلىمېس دەسلەپ ئۆز تەتقىقاتىنى خىتايشۇناسلىق ساھەسىدىن باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىلىم ساھەسىدىكى ئىزدىنىشلىرى كېيىنچە ئۇيغۇرشۇناسلىققا قاراپ يۈزلەنگەن. 1990-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۇ ئۈرۈمچىگە بېرىپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە باشقا ئىلمىي ئورۇنلاردا ئۇيغۇر تىلى ئۆگەنگەن. بۇ جەرياندا ئۇ، ئۇيغۇرلار ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۆزىنىڭ كېيىنكى تەتقىقاتى ئۈچۈن ماتېرىيال توپلىغان. ئۆزىگە «ئۆتكۈر» دېگەن ئۇيغۇرچە ئىسىمنى تاللاپ، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ياشلىرى بىلەن قويۇق ئالاقىدە بولغان شۇنداقلا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىشكە تىرىشقان.

ئۇنىڭ دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئۈچۈن تاللىغان تېمىسى ئۇيغۇرلاردا 1880-يىلىدىن 1940-يىللارغىچە بولغان جەرياندا بىخ سۈرۈپ راۋاجلانغان ھازىرقى زامان دۆلەتچىلىك ۋە مىللەتپەرۋەرلىك ئىدىيەسىگە بېغىشلانغان. بۇ زور ھەجىملىك ئىلمىي تەتقىقاتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان دوكتور ئوندرېي كلىمېس ھازىر پراگا چارلېز ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى، چېخ جۇمھۇرىيىتى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىمەكتە.

ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تەتقىقاتىغا قىزىقىش جەريانى، ئۇيغۇر تىلىنى قانداق ئۆگەنگەنلىكى، ئۈرۈمچى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا جايلىرىدىكى كەچۈرمىشلىرى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ھاياتى ھەققىدە توختالدى.

دوكتور ئوندرېي كلىمېس يەنە، چېخسلوۋاكىيەنىڭ سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدىكى سىياسىي ۋەزىيىتى ھەمدە بۇ دەۋردە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي كونتروللۇقىغا قانداق ئۇچرىغانلىقى شۇنداقلا شەرقىي ياۋروپادىكى بىرقانچىلىغان دۆلەتلەر بىلەن بىرگە كوممۇنىزم لاگېرىدا ئۆتكۈزگەن قىيىن يىللىرى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى. ئۇ سابىق چېخسلوۋاكىيە فېدىراتسىيەسى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بەزى تارىخىي كەچۈرمىشلىرىدىكى ئوخشاشلىقلار ۋە پەرقلەرنى مۇھاكىمە قىلدى.

ئاخىرىدا ئۇ يەنە، ئۆزىنىڭ چېخ جۇمھۇرىيىتىدىكى تۇنجى ۋە يېگانە ئۇيغۇرشۇناس بولۇش سۈپىتى بىلەن، سوئاللىرىمىزغا راۋان ئۇيغۇر تىلىدا جاۋاب بەردى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.