«ئۆتكۈر» دېگەن ئۇيغۇرچە ئىسىم قوللىنىپ كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار بىلەن يېقىن ئالاقىدە بولۇپ كەلگەن چېخلىق ئۇيغۇرشۇناس ئوندرېي كلىمېس يېقىندا راۋان ئۇيغۇر تىلىدا ئۆزىنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى ھەققىدە توختالدى.
ئوندرېي كلىمېس 1990-يىللارنىڭ ئاخىرى چېخ جۇمھۇرىيىتىدە ئۇنىۋېرسىتېت پۈتتۈرگەندىن كېيىن خىتايشۇناسلىق بويىچە چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىش مەقسىتىدە خىتايچە ئۆگەنگەن. كېيىنچە تەيۋەن ۋە خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە بېرىپ مەخسۇس خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە ئىزدەنگەن.
2000-يىللارنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە تاسادىپىي پۇرسەتتە ئۇ ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان. شۇندىن باشلاپ ئۇنىڭ قىزىقىش نۇقتىسى ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە يۆتكەلگەن. كېيىنچە ئۇ ئۈرۈمچىگە بېرىپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەخسۇس ئۇيغۇر تىلى ئۆگەنگەن. ئوقۇش جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا بېرىپ جەمئىيەت تەكشۈرگەن ۋە ساياھەتتە بولغان. دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئۈچۈن يازماقچى بولغان ئىلمىي ئەمگىكىنىڭ تېمىسىنى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئىدىيە تارىخى ۋە زىيالىيلار قاتلىمىغا قاراتقان. بىرقانچە يىلغا سوزۇلغان ئىزدىنىش، ئەتراپلىق ماتېرىيال توپلاش ھەمدە ئۇيغۇر زىيالىيلار قاتلىمى بىلەن پىكىرلىشىش نەتىجىسىدە ئۇنىڭ دوكتورلۇق ئىلمىي ئەمگىكىنىڭ ئاساسى ھازىرلانغان.
2013-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئوندرېي كلىمېس «1880-يىللاردىن 1940-يىللارغىچە بولغان دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي دۆلەتچىلىك ئېڭى ۋە مىللەتپەرۋەرلىك ئىدىيىسى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئىلمىي ئەمگىكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياقلاپ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ھازىر ئۇ پراگا چارلېز ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، چېخ دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلىمەكتە.
دوكتور ئوندرېي كلىمېس راۋان ئۇيغۇر تىلى بىلەن رادىئومىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئۇيغۇر تەتقىقاتىغا قىزىقىپ قالغانلىقى ۋە بۇ جەرياندىكى ئىزدىنىشلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
ئۇ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ۋەتىنى ھەققىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئۇيغۇر ئېلى ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدىكى ئىنتايىن مۇھىم جاي. جۇڭگوغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ئىنتايىن سەزگۈر رايون. جۇڭگودا بولغان ھەرقانداق بىر مەسىلە شىنجاڭدىمۇ مەۋجۇت، ئەمما شىنجاڭدا مەۋجۇت بولغان مەسىلىلەرنى جۇڭگونىڭ باشقا جايلىرىدىن بايقىغىلى بولمايدۇ.»
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ھازىرقى زامان ئېڭى ۋە يېڭىلىقلىرى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە بولغان جەرياندا كىرىپ ئۆزلەشتى ھەمدە زور ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى. بۇ دەۋردە يېتىشىپ چىققان ئۇيغۇر سەرخىللىرى مىللىي دۆلەتچىلىك ۋە مىللىي ھوقۇق ھەققىدە ئىزدىنىشكە باشلىدى. جۇڭگونىڭ ھازىرقى سىياسىي ئاتموسفېراسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ دەۋر ھازىرقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ سەزگۈر بىر جەريان ھېسابلىنىدۇ. مەن ئۆز تەتقىقاتىم ئۈچۈن ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەڭ سەزگۈر بىر دەۋرنى تاللىۋالدىم.»
ئوندرېي كلىمېس ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بارغان ئىلمىي تەكشۈرۈشلىرى ۋە ساياھەتلىرى شۇنداقلا دۇچ كەلگەن بەزى كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە توختالدى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.