پولات تۇرفانىنىڭ قىزى دادىسىنىڭ قەبرىسىدە كۆز يېشى تۆكتى

0:00 / 0:00

ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن دىدار كۆرۈشەلمەي ھەسرەت ئىچىدە ياشىغان ئۇيغۇرلار، يېقىندىن بېرى ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇغانلىرىنىڭمۇ قەبرىلىرىنى تېپىپ، قەبرە بېشىدا قۇرئان ئوقۇپ دۇئا قىلماقتا.

بۇلاردىن بىرى پولات قادىر تۇرفانىنىڭ قىزى چولپان خانىمدۇر. ئۇ ئۆتكەن ھەپتە ئىستانبۇلغا كېلىپ، 5 ياش ۋاقتىدا ئايرىلغان، ئۇزۇن يىل قەيەردە ئىكەنلىكىدىنمۇ بىخەۋەر ياشىغان دادىسى پولات قادىر تۇرفانىنىڭ قەبرىسىنى تېپىپ دۇئا قىلىپ كۆز يېشى تۆكتى.

يازغۇچى، تارىخچى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچى پولات قادىر تۇرفانى 1919-يىلى قۇتۇبى ناھىيىسىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1949-يىلى ۋەتىنى كوممۇنىست خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغاندىن كېيىن ئائىلىسىدىكىلەردىن نەگە بارىدىغانلىقىنىمۇ دېمەستىن ئايرىلغان. ئەيسا يۈسۈف ئالىپتېكىن، مۇھەممەتئىمىن بۇغرالار بىلەن كەشمىر ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن. تۈركىيەدە تونۇلغان تارىخچى زېكى ۋەلىدى تۇغاننىڭ يېنىدا بىر مەزگىل ئىشلىگەندىن كېيىن، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، كېيىن گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئەركىن ياۋروپا رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇرچە بۆلۈمىدە ئىشلىگەن. 1970-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى يۈرەك كېسىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ «ئۆلكە تارىخى» ۋە «مۇستەملىكە شەرقىي تۈركىستان» ناملىق ئىككى ئەسىرى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىندى.

60 يىلدىن كېيىن دادىسىنىڭ قەبرىسى بېشىدا كۆز يېشى تۆككەن چولپان خانىمنىڭ تۇيغۇلىرىنى بىلىشنى خالىسىڭىز، يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.