بۈگۈن قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ شېئىرىيەت ساھەسىدە ئىجاد قىلىپ كېلىۋاتقان شائىرەلەر كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ مەزمۇن دائىرىسىنى بېيىتىپ، ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشۇۋاتقان دېھقان شائىرەلەر يوقنىڭ ئورنىدا.
ئىگىلىك ئىشلىرى ۋە ئائىلە مەجبۇرىيىتىنى ئۆز ھۆددىسىگە ئېلىش بىلەن بىللە يەنە ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە جامائەت ئىشلىرى بىلەنمۇ بىردەك شۇغۇللىنىش ھەر قانداق بىر كىشىدىن ئالاھىدە تىرىشچانلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەنە شۇنداق ئەدىبلەرنىڭ بىرى ھازىر ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ چېلەك تەۋەسىگە قاراشلىق قورام يېزىسىدا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان تاشگۈل ھېزىياروۋادۇر.
تاشگۈل ھېزىياروۋا بىر نەچچە شېئىر توپلاملىرىنىڭ ئاپتورى شۇنىڭدەك يەنە «ئاسىيا بۈگۈن» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ۋە ئۆز يۇرتىدىكى ئاكتىپلارنىڭ بىرىدۇر.
ئۇ رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى ھەققىدە توختالدى.