دوپپا بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن. دوپپا بايرىمى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي باش كىيىمى بولغان دوپپىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم - كېچەك مەدەنىيىتىدىكى ئوبرازلىق خاسلىقىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن پەيدا بولغان بايرامدۇر.
ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى كىملىكى خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە دوپپا بايرىمىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ياتلاشقان قەلىبلەرنى يېقىنلاشتۇرۇپ، ئەنئەنە ئېڭى سۇسلاشقان روھى بىتاپلىققا شىپا بولۇپ كەلمەكتە.
بىز شۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپا بايرىمى ھەققىدە قانچىلىك ئۇچۇرلارنى بىلىدىغانلىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن بىرقانچە ئۇيغۇرغا تېلېفون قىلىپ ئۇچۇر ئىگىلەپ باقتۇق.
دوپپا بايرىمى گەرچە ئۇيغۇر بىلىم ئىگىلىرىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 2009 - يىلدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما 90 - يىللاردىن باشلاپلا بىر قىسىم بىلىم ئىگىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى قىياپەت كىملىكىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان دوپپا مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنى پۈتۈن جەمئىيەتتە ئومۇملاشتۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئاتاغلىق ناخشىچى كۈرەش كۈسەن ئاشۇ تەشەببۇسنىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ دوپپا ھەققىدە كۆپلىگەن تەسىرلىك نۇتۇقلارنى سۆزلىگەن ئىدى.
كۈرەش كۈسەننىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇرلاردا دوپپا مەدەنىيىتى ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان كېيىپ كەلگەن دوپپىلارنىڭ تۈرىمۇ يۈز خىلدىن ئاشىدىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ 1991 - يىلى ئىجاد قىلغان «دوپپا» دېگەن ناخشىسىدا بىر تۈركۈم دوپپىلارنىڭ تۈرلىرىنى ساناپ ئۆتكەن ئىدى.
ئۇيغۇر كىيىملىرىنىڭ گۈلتاجى بولغان دوپپا ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر كىيىم - كېچەك مەدەنىيىتىدە ناھايتى مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلمەكتە.
0:00 / 0:00