خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى 1-ئاپرېلدىن باشلاپ ئىجرا قىلىشقا كىرىشكەن «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش بەلگىلىمىسى» دە ھالال-ھارام چۈشەنچىسىدىن تارتىپ ھېجاپ ۋە ئۇزۇن ساقال-بۇرۇتقىچە بولغان مەزمۇنلارنىڭ ئەسەبىيلىك ئىكەنلىكى ئېيتىلىپ، ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىنغان ئىدى. نۆۋەتتە بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇشتا ئۇيغۇرلاردىكى دىنىي ئېتىقادنىڭ «ئەسەبىيلىك» دەپ رەتكە تىزىلغان قىسمىدىن باشقا مەزمۇنلىرىمۇ پۈتۈنلەي ھۇجۇم نىشانى بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ سىيەك يېزىسىدا ياردەمچى ساقچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان بىرەيلەن بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، ھازىر بۇ تەۋەدە باش كىيىمى كىيىدىغان ياكى ئۇزۇنراق ساقال قويىدىغان كىشىلەرنىڭ قالمىغانلىقىنى، ئۇنداق بولمىغاندا «ئەسەبىيلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ «تەربىيەلەش» كە بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈرلۈك ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر مۇشۇ خىلدىكى ھەرقانداق دىنىي مەزمۇنلار بىلەن ئۇچراشقان ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسى «تەربىيەلەش» تە «ئۆزگەرتىش» نى قوبۇل قىلماقتا ئىكەن. ھالبۇكى، بۇ خىلدىكى دىنىي ئاممىنى توپ-توپ لاگېرلارغا سولاش شەكىل ۋە ماھىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان زەھەر چەككۈچىلەرنى توپ-توپى بىلەن قاماش ئۇسۇلىغا ئوخشاپ كەتمەكتە ئىكەن. بىر قىسىم ئانالىزچىلار بولسا بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنىنى «روھىي كېسەللىك» دەپ قاراشتەك يېتەكچى ئىدىيەسىنىڭ يەنە بىر تۈرلۈك ئىنكاسى، دەپ قارىماقتا. «چەتئەل سىياسىتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئېمىلىي دېركىس ئىمزاسىدىكى «خىتاي ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلارغا زەھەر چەككۈچىلەر قاتارىدا مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ» سەرلەۋھىلىك ماقالىدىمۇ مۇشۇ مەسىلە ئالاھىدە مۇلاھىزە قىلىنىدۇ.
ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ قانۇنىدا زەھەر چەككۈچىلەر قاماققا ھۆكۈم قىلىنمايدۇ، ئەكسىچە مەخسۇس زەھەر تاشلاتقۇزۇش مەركەزلىرىگە قامىلىپ زەھەر خۇمارى يوقالغۇچە داۋالىنىدۇ. خىتاي ساقچىلىرى يىلدا نەچچە مىڭ كىشىنى مۇشۇنداق مەركەزلەرگە ئەكېلىپ سولايدۇ. بۇنىڭ شەكلى ماھىيەتتە 1950-يىللىرىدىن باشلاپ ۋۇجۇدقا كېلىشكە باشلىغان «ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش» لاگېرلىرىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا بۇنداق لاگېرلارغا جەمئىيەت تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان، ئەمما جىنايى جازا بېرىشكە شەرتى توشمايدىغان كىشىلەر قامالغان. 1960-يىللاردا بولسا «ئوڭچىلار» ياكى «ئەكسىلئىنقىلابچىلار» سولىنىشقا باشلىغان. 1990-يىللاردا بولسا يانچۇقچىلار ياكى نەشىكەشلەر سولانغان. بۇ كىشىلەر بىردەك بۇ جايلاردا خالىغان مۇددەتكىچە تۇتۇپ تۇرۇلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قاچان قويۇپ بېرىلىشىنى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بېكىتىپ كەلگەن. 2013-يىلىغا كەلگەندە بولسا بۇ سىستېما خەلقئارانىڭ بېسىمى بىلەن بىكار قىلىنغان. نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا دەل مۇشۇ خىلدىكى لاگېرلار «تەربىيەلەش مەركىزى» دېگەن نامدا يېڭىۋاشتىن ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان. بۇ جايلارغا بولسا دىنىي مەزمۇنلارغا «خۇمار» بولغان كىشىلەر توپ-توپ بولۇپ قامىلىشقا باشلىغان. نۆۋەتتە بۇ ساننىڭ بىر مىليوندىن ئاشقانلىقى ھەققىدە كۆپلەپ ئۇچۇرلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا.
ماقالە ئاپتورىنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل لاگېرلارغا قامالغان كىشىلەر بىر بولسا دىندار كىشىلەر، بىر بولسا تېلېفونلىرىدىن بىرەر-ئىككى پارچە دىنىي تېكىست چىقىپ قالغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ قاچان قويۇپ بېرىلىشىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئۇلار زەھەر چەككۈچىلەر زەھەر خۇمارىنى تاشلاشقا مەجبۇرلانغاندەك ئۆزلىرىنىڭ مېڭىسىدىكى دىنىي ئېتىقادقا مۇناسىۋەتلىك بارچە مەزمۇنلارنى ئىنكار قىلىشقا، «ئەسەبىيلىكى» ئۈچۈن توۋا قىلىشقا، شۇ ئارقىلىق ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلمايدىغان خىتايلارغا ئوخشاش بولۇشقا مەجبۇرلىنىدۇ.
ئاۋسترالىيەدىكى جېيمىس كۇك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئاننا خايېسمۇ بۇ جەھەتتە مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان قاراشتا بولۇپ، ئۇنىڭچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئەڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام ئېتىقادىنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىپ، ئۇلارنى خىتاي خەلقىگە ئوخشاش قىلىپ چىقىش ئىكەن. ئۇنىڭ پىكرىچە، نۆۋەتتە «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلارغا سولانغانلارنىڭ كۆپ قىسمى دەل مۇشۇ خىل ئىسلامىي ئېتىقادقا چېتىشلىق كىشىلەر بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مۇنداق دەيدۇ:
«بۇ ‹جىنايەتچىلەر› خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە ‹جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا تەھلىكە پەيدا قىلغۇچى كىشىلەر› دەپ قارالماقتا. بۇ خىلدىكى كىشىلەر بولسا خىتاينىڭ ‹ئەسەبىيلىك› كە ئالاقىدار قانۇنلىرىدىكى تۇتقۇن ئوبيېكتلىرىدۇر. قانۇن ماددىلىرىدا بۇ ھالنىڭ ئۇيغۇرلارغىمۇ، خىتايلارغىمۇ ئوخشاش ئىكەنلىكى ئېيتىلىدۇ. ئەمما ھازىر بۇ دائىرىگە چۈشكەنلا كىشى ئۆزىنى ‹تەربىيەلەش لاگېرى› دا كۆرىدىغان بولدى. بۇ قانداق كىشىلەر، دەپ سورالسا ئۇلار ساقال قويۇۋالغان، ھاراق-تاماكا تاشلىغان دېگەندەك كىشىلەر بولۇپ، بۇلار بىردەك ‹دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغۇچىلار› دەپ قارالماقتا. بۇنداق ھادىسىلەرنىڭ ھازىر بارغانسېرى زورىيىپ مېڭىۋاتقانلىقى ماھىيەتتە ‹بىخەتەرلىك› نىڭ كەملىكى، ‹بىخەتەرلىك› نامىدىكى باستۇرۇش ۋە كونتروللۇقنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ماھىيەتتە ئۇيغۇرلارنى بارغانسېرى خىتايلارغا ئوخشايدىغان بولۇشقا مەجبۇرلاش ئارزۇسى دەل مۇشۇ ‹مەدەنىيەتلىك› دۆلەتنىڭ مۇستەملىكىچىلىك تەسۋىرى بىلەن بىرىكىپ كەتكەن بولىدۇ. دېمەك مۇشۇنداق بىر ‹مەدەنىيەتلىك› بىر دۆلەت ھازىر ئۇيغۇرلارنى خىتايلارغا ئوخشاش ئىنسانلارغا ئايلاندۇرۇشقا بەكلا كۈچەپ كېتىۋاتىدۇ.»
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى «داۋالاش» ئۇسۇلى سەۋەبلىك ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق پائالىيەتلەر چەكلىنىشكە باشلىغان. بۇ ھال ھازىر ئۇيغۇرلار دىيارىدىن كېڭىيىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئىسلام دىنىنىڭ قەدىمىي مەركەزلىرى بولغان جايلارغىچە ئومۇملىشىۋاتقانلىقى مەلۇم. 2018-يىلى ئىيۇل ئېيىدا ئامېرىكىدىكى رودېس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، تونۇلغان دىنىي ئالىم شەيخ ياسىر قازى خىتاينىڭ بېيجىڭ، شىئەن قاتارلىق جايلىرىدىكى ئىسلام مەركەزلىرىدە زىيارەتتە بولغاندا ئۇ كۆرگەن ئەھۋاللار ئىسلام دىنىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە قايسى دەرىجىدە تەقىبگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى جانلىق تەسۋىرلەپ بېرىدۇ.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بىز شىئەن شەھىرىدىكى ‹بۈيۈك مەسچىت› كە باردۇق. ئۇ جايدا ئۈچ-تۆت ئىمام بار ئىكەن. بىز ئۇلار بىلەن كۆرۈشتۇق ۋە ئۇلاردىن ئالاقىدار ئەھۋاللار بويىچە سوئاللار سورىدۇق. ئەمما بۇ بىز ئۈچۈن شۇنداقمۇ بىر كۆڭۈلسىز زىيارەت بولدى. چۈنكى ئۇلار ھەر بىر ئېغىز گەپنىڭ ئاخىرىدا ‹خىتاي ھۆكۈمىتىگە تەشەككۈرلەر بولسۇن› دېگەن ئىبارىنى قايتا-قايتا قوشۇپ ماڭاتتى. ئىماملارنىڭ بۇ ئىبارىنى شۇنچە كۆپ تەكرارلىشىدىن بىز شۇنى ھېس قىلدۇقكى، ئۇ كىشى جەزمەن شۇنداق دېيىشى، ھەر بىر ئېغىز گېپىدە كومپارتىيەگە مەدھىيە ئوقۇشى، ‹ئەلھەمدۇلىللا، خىتاي كومپارتىيەسى بىزگە شۇ قەدەر مەرھەمەتلىك› دەپ تۇرۇشى لازىم ئىكەن. شۇ جەرياندا بىز مەيلى قانداقلىكى سوئالنى سورىساق ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن چىققان ئىككىنچى جۈملە سۆز ئەنە شۇ خىلدىكى كومپارتىيەگە مەدھىيە ئوقۇش بولدى. بىزگە يەنە شۇ نەرسە ئايان بولدىكى، ئۇلار ئىمام بولغان بىلەن ئۆزلىرى خالىغان بىر كىشىگە ئىسلام ھەققىدە ساۋاق بېرەلمەيدىكەن. شۇنداق ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ ئىسلام ئېتىقادىنىڭ ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدا ئىجرا بولۇشىنى قانداقمۇ ئۈمىد قىلالايمىز؟ بۇ ھالنى كۆرۈپ ئىچىم ئاچچىققا تولدى. چۈنكى بۇ خىتاينىڭ ئاساسلىق چوڭ شەھەرلىرىدىكى، ئىسلام دىنى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە جايلاردىكى رېئاللىق ئىدى. مەدىنە، ئەزھەر قاتارلىق جايلاردىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇپ كەلگەن بىرنەچچە مۇھىم ئوقۇغۇچىلار بۇ سۆھبەتكە قىسىلىپ بولغۇچە جاسۇسلار ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا پەيدا بولدى ھەمدە ئۇلارنى تۈرمىگە ئېلىپ كەتتى ياكى شۇنداقراق بىر ئىش بولدى.»
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى جازا ۋە باشقا تەشۋىقاتلار ئارقىلىق ئىسلام دىنىنى خۇنۈكلەشتۈرۈپ كۆرسىتىش ئۇرۇنۇشى ھەققىدە پىكىر قىلغان «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى «جۇڭخۇا ئائىلىسى» گە سىڭدۈرۈۋېتىش ئارزۇسىنىڭ يېتەكچى ئامىل ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ پىكرىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام ئېتىقادىدا ھېچقانداق «ئەسەبىيلىك» ئامىلى مەۋجۇت بولمىسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى كېيىنكى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ تۈگىتىشكە قۇلايلىق يارىتىش ئۈچۈن ھازىر «ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش» نامىدا ئىسلام دىنىنى يوقىتىش ھەمدە ئۇنى ياش بوغۇنلارغا سەلبىي شەيئى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا ئىكەن.
ئېمىلىي دىركىسنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ يوسۇندا ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا سولاپ ئۇلارنى دىنىي ئېتىقادتىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاش ئۇسۇلى زەھەر چەككۈچىلەرنى زەھەر تاشلاشقا مەجبۇر قىلغىنىدەك ئۈنۈم بېرىشى ناتايىن ئىكەن. گەرچە ئەينى ۋاقىتتا «زەھەرگە قارشى خەلق ئۇرۇشى» قوزغاپ قىسمەن غەلىبە قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمدىلىكتە «ئەسەبىيلىككە قارشى خەلق ئۇرۇشى» قوزغىشى كۈتكەندەك نەتىجىگە ئېرىشىشى ئېھتىمالدىن يىراق ئىكەن.
0:00 / 0:00