ئەدەبىي تەتقىقاتچى رامىز ئاسكەرگە ئەزەربەيجان دۆلەت مېدالى بېرىلدى

0:00 / 0:00

تۈرك دۇنياسىدا شۇنداقلا ئەزەربەيجاندا ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇت قەشقىرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتاتقۇ بىلىك» ناملىق ئەسەرلىرىنى ئەزەرى ۋە رۇس تىللىرىغا تەرجىمە قىلىش بىلەن تونۇلغان ئەزەربەيجان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىي خەلقلەر ئەدەبىياتى فاكۇلتېتى مۇدىرى پروفېسسور دوكتور رامىز ئاسكەر ئەپەندىگە ئەزەربەيجان دۆلەت باشلىقى ئىلھام ئالىيېفنىڭ قول قويۇشى بىلەن «شۆھرەت نىشانى» نامىدا بىر مېدال بېرىلگەن. مەزكۇر مېدال ئۇنىڭ تۈرك دۇنياسى توغرىسىدا ئېلان قىلغان 40 ئەتراپىدا كىتابى ئۈچۈن بېرىلگەن.

تۆۋەندە ئۇنىڭ بىلەن بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

«‏يېقىندا دۆلەت مېدالى ئېلىپسىز، بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرسىڭىز» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
‏-ھۆرمەتلىك دۆلەت باشلىقىمىز ماڭا «شۆھرەت نىشانى» نامىدا بىر مېدال بەردى. بۇنى مەن تۈرك دۇنياسى توغرىسىدا يېزىلغان 40 كىتابنى ئەزەربەيجانچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلغانلىقىم ۋە 10 مونوگراپىك كىتاب يازغانلىقىم ئۈچۈن بەردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مېدال 60 ياشقا توشقان كۈنۈم بولغان 10-يانۋار كۈنى دۆلەت باشلىقىمىز ئىلھام ئالىيېفنىڭ تەستىقلىشى بىلەن بېرىلدى.

ئەزەربەيجان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىي خەلقلەر ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور دوكتور رامىز ئاسكەر ئەپەندى تۈرك دۇنياسى توغرىسىدا نەشر قىلدۇرغان 40 ئەسىرىنىڭ مۇھىملىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
‏-مەن تۇنجى بولۇپ ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇت قەشقىرىنىڭ 3 توملۇق تۈركىي تىللار دىۋانى ناملىق ئەسىرىنى ئەزەربەيجان تۈركچىسىگە تەرجىمە قىلدىم. بۇ ئەسەرنى 2006-يىلىدا ئەزەربەيجان تۈركچىسىگە، 2009-يىلىدا بولسا رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلدىم. يەنە ئۇلۇغ ئالىمىمىز يۈسۈف خاس ھاجىپنىڭ قۇتاتقۇ بىلىك ناملىق ئەسىرىنى ئەزەرىچىگە تەرجىمە قىلدىم. مەن ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، تۈركىيە ۋە باشقا تۈركىي ئاپتونوم رايونلاردىن نۇرغۇن ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئەزەرىچە تەرجىمە قىلدىم. مەسىلەن، تۈركىيەلىك داڭلىق تارىخچى فارۇق سۈمەرنىڭ «ئوغۇزلار تارىخى»، داڭلىق تارىخچى باھەتتىن ئۆگەلنىڭ «تۈرك مىتولوجىسى» ناملىق ئەسىرىنى، «بابۇرنامە» ناملىق ئەسەرنى، سۇلتان ھۈسەيىن بايقارانىڭ ئەسەرلىرىنى، تۈركمەنلەرنىڭ داڭلىق شائىرى مەختۇم قۇلىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئەزەرىچىگە تەرجىمە قىلدىم. بۇلتۇر تاتارلارنىڭ داڭلىق شائىرى ئابدۇللاھ توقاينىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭ ئىككى مۇھىم ئەسىرىنى ئەزەرىچىگە تەرجىمە قىلدىم. بۇلارنىڭ سىرتىدا تۈركمەن ۋە ئۆزبېك شائىرلىرىدىن تاللانمىلار ناملىق ئەسەرلەرنى ۋە تۈرك ئەدەبىيات تارىخى ناملىق ئەسەرلەرنى يازدىم. قىسقىسى مەن ھازىرغىچە تۈرك دۇنياسى توغرىسىدا 40 ئەتراپىدا كىتابنى تەرجىمە قىلدىم، 10 كىتابنى يېزىپ نەشر قىلدۇردۇم. تۈرك دۇنياسىغا قوشقان بۇ تۆھپەم ئۈچۈن ئەزەربەيجان دۆلەت رەئىسى ئىلھام ئالىيېف ماڭا «شۆھرەت نىشانى» مېدالى بەردى.

‏«دۆلەت رەئىسىنىڭ مېدال بېرىش مۇراسىمى قاچان، قەيەردە ئۆتكۈزۈلدى، كىملەر قاتناشتى» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
‏-بۇ «شۆھرەت نىشانى» مېدالى ئەزەربەيجان دۆلەت رەئىسىنىڭ يوليورۇقى بىلەن، ئۆز قولى بىلەن تەستىقلاپ قول قويغاندىن كېيىن بېرىلىدۇ. بۇ ئەزەربەيجاننىڭ 3-مۇھىم مېدالى. بىرىنچىسى، «ئىستىقلال مېدالى»، ئىككىنچىسى، «شەرەپ مېدالى»، ئۈچىنچىسى بولسا ماڭا بېرىلگەن «شۆھرەت مېدالى.» بۇ ناھايىتى مۇھىم بىر مېدال. بۇ مېدالنى بېرىش مۇراسىمى 10-يانۋار كۈنى مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمدە ئەزەربەيجان ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۆلەتلىك قول يازمىلىرى ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلدى. كېيىن ئەزەربەيجان يازغۇچىلار جەمئىيىتىدىمۇ ئۆتكۈزدۇق. تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىمگە بۇنداق بىر مېدال ئالغانلىقىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلىۋاتىمەن.

«بۇ مېدال قاچان تەسىس قىلىنغان، ھازىرغىچە كىملەر ئالغان ئىكەن، بۇندىن كېيىن نېمىلەرنى قىلماقچىسىز» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
‏-ئەزەربەيجان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن بۇ خىل دۆلەت مېداللىرى تەسىس قىلىندى. بۇرۇن بىر قانچە مۇھىم كىشىلەر ئالغان ئىكەن. ئەزەربەيجان ئەدەبىياتىدا بەزى بوشلۇقلار بار. قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىشىمىز كېرەك. مەسىلەن، ئەلىشىر ناۋايىنىڭ خەمسىسى تېخى ئەزەرىچىگە تەرجىمە قىلىنمىدى. مەن تۈركىي خەلقلەر ئەدەبىياتلىرى فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىمەن. بۇ دەرسلەرنى بېرىۋاتىمەن، ئەمما دەرسلىك كىتابىمىز يوق. بابۇرنامە دەپ دەرسىمىز بار ئىدى، بۇرۇن كىتاب يوق، ھازىر بار. ئەلىشىر ناۋايى دەرسىمىز بار، ئەمما كىتابى يوق، بۇنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نەشر قىلدۇرۇشىمىز لازىم. چۈنكى، ئۇ بۈيۈك ئالىم، شائىر ۋە پەيلاسوپ. شۇنداقلا تۈرك دۇنياسىنىڭ ئۇلۇغ شائىرى. مەسىلەن، ئۇيغۇر شائىرلىرىدىن تاللانمىلار نامىدا كىتاب تۈزۈشىمىز كېرەك. قازاق، قىرغىز شائىرلىرىدىن تاللانمىلار تېخى نەشر قىلىنمىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تۈزۈپ چىقاي دەيمەن. بۇلار تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەڭ مۇھىم بايلىقلىرى.