بىز بۇ ئۇچرىشىنىڭ تەپسىلاتى ۋە بۇ ئۇچرىشىشتا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت- مۇزاكىرىلەر ھەم بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېلىپ بارماقچى بولغان ئىش-پىلانلىرى توغرىسىدا يازغۇچى ئەدنان ئوكتار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلدۇق، ئەدنان ئوكتار بىز سورىماقچى بولغان سوئاللارغا «ئا9 تېلېۋىزىيە قانىلى» دا نەق مەيدان بىۋاسىتە تارقىتىش پروگراممىسىدا جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بىز ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار سورىغان 10 تۈرلۈك سوئالنىڭ بىر قىسمىنى«ئا9 تېلېۋىزىيە قانىلى» دا جاۋاب بەردى. ئۇ، بىر قىسمىنى بولسا يازما شەكىلدە جاۋاب بەردى.
ئارسلان تاش: ھۆرمەتلىك ئەدنان ئوكتار ئەپەندى، سىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلارغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتىسىز، خىتاي ئەلچىسى بەلكى شۇ سەۋەبتىن سىزنى زىيارەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن، سىزنىڭچە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ زىيارىتىنىڭ ئاساسى مەقسىتى نېمە؟ سىزدىن ئۇلار نېمە تەلەپ قىلدى، سىز خىتاي ئەلچىسى بىلەن نېمە توغرىسىدا سۆھبەتلەشتىڭىز، ئۇچرىشىشنىڭ ئاساسى كۈنتەرتىپى نېمە توغرىسىدا بولدى؟
ئەدنان ئوكتار: شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتاينىڭ دىققەتلىك مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكىنى ئۇلارغا ھېس قىلدۇرغان بولدۇق، خىتاي ھەيئىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ راھەت، تېخىمۇ خۇشال ۋە ياخشى شارائىتلاردا ياشىشى ئۈچۈن ئۇچرىشىۋاتىمىز، ئۇلار قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تەلەپلىرىنى سۇندۇق، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدۇق. خىتايدا ياۋروپا ئۆلچىمىدىكى بىر دېموكراتىيىنىڭ تەرەققىي قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردۇق، بۇ پەقەت ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئەمەس خىتاي خەلقى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، ئۆلۈم جازاسى بېرىشنىڭ ئۇنچىۋالا ئاساس ئىش ئەمەسلىكىنى، ئىنسانلارغا پىكىر ئەركىنلىكى بېرىلىشى كېرەكلىكىنى، ئىنسانلار ئويلىغانلىرىنى خالىغان بويىچە سۆزلىيەلمەسلىك، بىر ئەندىشە، قورقۇنچ پەيدا قىلىش ئادەتتىكى بىر ئىش ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ دەرھال ئۆزگەرتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردۇق. ئەگەر خىتاي، تۈركىيە بىلەن دوست بولۇشنى خالايدىكەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەركىن ياشاش ھوقۇقىنى بېرىش كېرەك. مۇشۇنداق قىلسا بۇ خىتاي ئۈچۈنمۇ چوڭ بىر ئىلگىرىلەش بولىدۇ، پۈتۈن تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر بىلەن ئىسلام دۇنياسى بىلەن تېخىمۇ كۈچلۈك بىر مۇناسىۋەت قۇرالايدۇ، يەنى شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ باشقا ئىنسانلاردەك يۇقىرى سەۋىيىدە، خۇشال ياشىشىنى قولغا كەلتۈرۈش خىتايلارنىڭمۇ مەنپەئىتى ئۈچۈن، تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاتتۇق.
ئارسلان تاش: سىز بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاي ھەيئىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا ئۇچراشتىڭىزمۇ؟ ئۇچراشقان بولسىڭىز سىز خىتايلاردىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا نېمىلەرنى تەلەپ قىلدىڭىز؟
ئەدنان ئوكتار: شۇنداق بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئۇچراشقان ئىدۇق، مېنى ۋە دوستلىرىمنى خىتايغا ۋە شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەتكە تەكلىپ قىلدى. كۆزىتىپ كېلىشنى تەلەپ قىلدى. بىر گۇرۇپپا قېرىنداشلار شەرقىي تۈركىستانغا باردى. تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. بىر تۈركۈم ياخشى ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى كۆردۇق. ئەمما شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز ئەندىشە ئىچىدە ئوچۇق سۆزلىيەلمىگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بېسىم ئاستىدا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ كەلدى. شۇ سەۋەبتىن بىز خىتايلار بىلەن ئۇچرىشىشتا دېموكراتىيىنىڭ تولۇق يۈرگۈزۈلۈشىنى، خىتايدا غەرب دېموكراتىيە ئۆلچىمى بويىچە بىر ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك بولۇشى كېرەكلىكىنى ئاڭلاتتۇق. تۈزىتىشكە تېگىشلىك مەسىلىلەر ھەل قىلىنسا تىز سۈرئەتتە ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن قورقماسلىق كېرەكلىكىنى چۈشەندۈردۇق.
ئارسلان تاش: خىتاي ئەلچىسى بىلەن بۇنىڭدىن كېيىن يەنە بۇ خىل ئۇچرىشىش داۋام قىلامدۇ؟ ئۇچرىشىشتا نېمە توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارىسىز؟ نېمىلەرنى تەلەپ قىلىسىز؟ بۇ ئۇچرىشىش ۋە سۆھبەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق پايدىسى بولىدۇ؟
ئەدنان ئوكتار: شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز بەك كۆپ ئازاب تارتتى. ئېغىر كۈلپەتلەرنى بېشىدىن كەچۈردى. خىتاي ئەلچىسى بىلەن ئۇچرىشىشتا، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەركىن، خاتىرجەم، بىخەتەر ۋە خۇشال ھاياتتا ياشىشىنى تەلەپ قىلىمىز، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەركىن بولۇشى خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشى خىتاي ئۈچۈنمۇ بىر ياخشى ئىش، ئۇلارغا بۇنى چۈشەندۈرۈش كېرەك. خىتاي، شەرقىي تۈركىستان ئازاد بولسا زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقىنى گۇمان قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە دەل ئەكسى بولىدۇ، شەرقىي تۈركىستاننى ئاسارەت ئاستىدا تۇتقانسېرى ھەم ئېتىبارىنى يوقىتىدۇ ھەم ئۆزى قىيىنچىلىققا ئۇچرايدۇ ۋە قورقۇنچ ئىچىدە ياشايدۇ، خىتاي ئىنسانلارغا ئەركىنلىك بەرسۇن، ھەر كىم ئۆزى ئارزۇ قىلغاندەك ئازاد ھۆر ياشىسۇن.
ئارسلان تاش: ھۆرمەتلىك ئەدنان ئوكتار ئەپەندى، ئۇيغۇر دىيارىدا دىنى بېسىم بولۇۋاتقانلىقى توغرىسىدا رەسىم كۆرۈنۈشلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ، ئىلگىرى باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئۇنىۋېرسىتېتقىچە ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئوقۇش مۇمكىن ئىدى، 2006-يىلدىن باشلاپ قوش تىللىق مائارىپ سېستىمى شوئار ئاستىدا ئۇيغۇر مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئوقۇش چەكلەندى، ھەتتا 4 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئېچىلغان يەسلى مەكتەپلەردىمۇ خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتى ئۆگىتىلىۋاتىدۇ، پەرزەنتلىرىنى بۇ يەسلىلەرگە بەرمىگەن ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارغا پۇل جازاسى قويۇپ بالىلىرىنى مەجبۇرى توپلايدۇ، ئۇ يەسلىلەردە خىتايدىن كەلگەن كۈچمەن خىتاي ئوقۇتقۇچى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىتىدۇ. خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىغا خىتاي كۆچمەنلەرنى كۆپلەپ يەرلەشتۇرىۋاتىدۇ، خىتايلارنىڭ نوپۇسى 1949-يىلى يۈزدە 3% پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان بولۇپ ھازىر يۈزدە 47% پىرسەنتتىن ئارتۇق ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈۋاتىدۇ، ئۇيغۇر دىيارىدا يەر ئاستى يەر ئۈستى تەبىئىي بايلىق مول، خىتاي ھەر يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىن نەچچە مىليون توننا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز يۆتكەيدۇ، خىتاينىڭ يۈزدە 32% پىرسەنت ئېنېرگىيە ئېھتىياجى ئۇيغۇر دىيارىدىن چىققان ئېنېرگىيە بىلەن قامدىلىدۇ، لېكىن ئۇيغۇرلار ناھايىتى كەمبەغەل پېقىر ھالەتتە ياشايدۇ، ئۇيغۇرلار ھازىر مۇشۇ مەسىلىلەرنى ئەڭ مۇھىم دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر دەپ قارىماقتا، سىزچە بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك بولىدۇ؟
ئەدنان ئوكتار: ئەسلىدە ئەڭ توغرا ئىش شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھېقىقى مەنىدە قۇتۇلۇشىنىڭ تەك يولى تۈرك ئىسلام بىرلىكىنىڭ قۇرۇلۇشى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىگە-چاقىسىز ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن تۈرك ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىرلىشىش ۋە پۈتۈن بولۇشى شەرت. تۈرك ئىسلام دۇنياسى بىرلەشكەن تەقدىردە ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىز ھەق-ھوقۇقلىرىنى قولغا ئالىدۇ. خىتاي ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە ئېرىشىش ۋە ئېنېرگىيە مەنبەلەردىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقۇپ بىر خەلققە زۇلۇم قىلىش ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر سېستىم. تۈرك ئىسلام بىرلىكى بولسا خىتاي، رۇسىيە، ۋە ئامېرىكىمۇ بۇ مەنبەلەردىن ئەڭ ئادىل بىر شەكىلدە پايدىلىنىدۇ، ئېنېرگىيە مەنبەنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىر خەلققە زۇلۇم قىلىشقا كېرەك قالمايدۇ، ئۇ بايلىق مەنبەلەر ھەممىمىزنىڭ ئادىل قوللىنىلىشى ئۈچۈن يارىتىلغان، خىتاي ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا زۇلۇم قىلمىسۇن، قېرىنداشلىرىمىزنى يوقىتىشقا ئۇرۇنمىسۇن، ئۇلارنى خاتىرجەم تىنچ ئامان ياشىغىلى قويسۇن، شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز ھەر زامان مېھرى-شەپقەت ۋە دوستلۇقنى بىرىنچى ئورۇندا قويۇپ كەلگەن مەزلۇم بىر خەلق. ھېچ كىمگە دۈشمەنلىك قىلمايدۇ.
ئارسلان تاش: ھازىرغىچە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېلىپ بارغان خىزمەت-پائالىيەتلىرىڭىزدە قانداق بىر نەتىجىدە قولغا كەلتۈرۈلدى؟ بۇ ھەقتە سۆزلەپ بېرىشنى خالامسىز؟
ئەدنان ئوكتار: خىتاي بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇچرىشىشلاردا ياخشى نەتىجىلەر كۆرۈلۈۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن 5، 10 يىل ئىلگىرىگە سېلىشتۇرغاندا ھازىرقى شارائىتلار ئوخشاش ئەمەس، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ ئىنشائاللا، ئۆتكەن قېتىمقى تەنقىدلىرىمىزدىن كېيىن جىددىي بىر ئۆزگىرىشكە باشلىدى، تۇتقۇن قىلىش ئازايدى، مەبلەغ سېلىش باشلاندى، خىتايلار ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم ئازايدى، بۇ ھەقتە خىتاينى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تەقىب قىلىمىز، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ مەسىلىلەرنى داۋاملىق كۆزىتىمىز.
