1941-يىلى ئەھمەد كامال ئۇيغۇر ئېلىغا قايتا بېرىش ئۈچۈن تيەنجىنگە يېتىپ بارغاندا ياپونىيە تەرەپتىن قولغا ئېلىنىپ 1500 نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرى بىلەن بىللە شەندۇڭدىكى ئۇرۇش ئەسىرلىرى لاگېرىغا قامىلىدۇ.
1945-يىلى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندا ئۇ تۈرمىدىن بوشاپ ئامېرىكىغا قايتىدۇ. شۇ يىلى 11-نويابىردا ئۇنىڭ ئايالى ۋە ئانىسى بىلەن بىللە چۈشكەن سۈرىتى «لوس-ئانجېلېس ۋاقىت گېزىتى» گە بېسىلىدۇ.
1950-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئەھمەد كامال ھىندونېزىيەدە پەيدا بولۇپ، ئۇ يەردە «جامائەتى ئىسلام» تەشكىلاتىنى قۇرۇش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. بۇ تەشكىلات ئەسلىدە 1868-ۋە 1869-يىللىرى تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ چاررۇسىيە تاجاۋۇزىغا قارشى قۇرۇلغان ئاممىۋى تەشكىلاتى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا رۇسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەقىب قىلىنغانىدى. ئامېرىكا تەرەپنىڭ قوللىشى بىلەن ئەھمەد كامال بۇ تەشكىلاتنى قايتا تىرىلدۈرۈپ سوۋېت ئىتتىپاقى باشچىلىقىدىكى كوممۇنىزم لاگېرىغا قارشى مۇسۇلمانلار بىرلىكىنى بەرپا قىلىشنى پىلانلايدۇ.
ئەھمەد كامالنىڭ ھىندونېزىيەدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى بۇ دۆلەتنىڭ 1950-يىللاردا غەرب بىلەن كوممۇنىزم لاگېرى ئارىسىدىكى كۈچ سىنىشىشنىڭ يەنە بىر سەھنىسىگە ئايلانغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئەھمەد كامال بىر مەزگىل باندوڭ شەھىرىدە ئولتۇراقلىشىپ «جامائەتى ئىسلام» تەشكىلاتىنىڭ تەسىرىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىدۇ. جاكارتادا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خەير-ئېھسان شۆبىسىنى قۇرىدۇ. 1955-يىلى باندوڭدا «ئاسىيا-ئافرىقا ئەللىرى يىغىنى» ئېچىلماقچى بولغاندا، ئەھمەد كامال ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان «جامائەتى ئىسلام» تەشكىلاتىنىڭ تەسىرىگە تايىنىپ، بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىشىنى توسماقچى بولىدۇ. ۋەھالەنكى، بۇ ئۇرۇنۇش مەغلۇپ بولۇپ، ئەھمەد كامالنىڭ ھاياتى خەۋپكە ئۇچرايدۇ. ئۇ ھىندونېزىيەدىن ئىسپانىيەگە قېچىپ بارغاندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم سۇيىقەستكە ئۇچرايدۇ، لېكىن ھايات قالىدۇ.
شۇ يىللىرى ئەھمەد كامال يېتەكلەۋاتقان «جامائەتى ئىسلام» تەشكىلاتى فوندىنىڭ ئالجىرىيە پارتىزانلىرىنىڭ فرانسىيەگە قارشى كۈرىشىگە شۇنداقلا پەلەستىن ۋە ئىئوردانىيە ياشلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى كۈرەشلىرىگە يوشۇرۇنچە ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەنلىكى مەلۇم. كېيىنچە ئامېرىكا تەرەپ ئەھمەد كامالنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىنىڭ چەكلىمىدىن ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى سېزىپ ئۇنى بىر مەزگىل ئىشتىن توختىتىدۇ.
ھالبۇكى، ئەھمەد كامالنىڭ 1950-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن 1960-يىللارنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ميۇنخېندا ئېلىپ بارغان بىر قاتار سىرلىق ھەرىكەتلىرى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. ئۇرۇشتىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى غەربىي گېرمانىيە بىلەن بىرلىشىپ ميۇنخېندا سوۋېت ئىتتىپاقى باشچىلىقىدىكى كوممۇنىزم لاگېرىغا قارشى تەشۋىقات مەركىزى قۇرۇشنى پىلانلايدۇ. بۇ پىلان بويىچە ئىلگىرى ناتسىستلار گېرمانىيەسى دەۋرىدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئىشقا سېلىنغان تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنىڭ كۈچىدىن قايتا پايدىلىنىش لايىھىسى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (س ئى ئا) بۇ پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن مۇۋاپىق نامزات ئىزدەيدۇ. بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ نەزىرى ناتسىستلار دەۋرىدە تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنى تەشكىللەپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تەشۋىقات ئۇرۇشى ئېلىپ بارغان گېنېرال فون مېندېگە مەركەزلىشىدۇ. فون مېندې ئۇرۇشتىن قەپ قالغان تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنى قايتىدىن ئۇيۇشتۇرۇپ كوممۇنىزمغا قارشى تەشۋىقات ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىشقا قوشۇلىدۇ.
مانا مۇشۇنداق بىر ئارقا كۆرۈنۈشتە، ميۇنخېندا ئامېرىكا تەرەپ مەبلەغ سالغان «ئەركىنلىك رادىئوسى» قۇرۇلىدۇ. بۇ رادىئو ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تاتار، تاجىك تىللىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئاڭلىتىشنى باشلايدۇ. كېيىنچە ئۇنىڭغا ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشمۇ قوشۇلىدۇ. ۋەلى قېييۇمخان باشلىق كۆپلىگەن تۈركىستانلىق كىشىلەر بۇ ئىشقا جەلپ قىلىنىدۇ. ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن ميۇنخېندا تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر كۆچمەنلەر توپى پەيدا بولىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ مۇسۇلمانلارنى بۇ سەپكە جەلپ قىلىش ۋە ئۇلارنى كوممۇنىزمغا قارشى سوغۇق ئۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ياردەمچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرى يېڭىچە يول ئىزدەيدۇ. بۇ يىللاردا مۇسۇلمان ئەللىرىدىن تۈركۈملەپ غەربىي گېرمانىيەگە كېلىۋاتقان كۆچمەنلەر دولقۇنى ئۇلارنىڭ بۇ پىلانلىرىغا يول ئاچىدۇ. بۇنىڭ بىلەن سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدىكى مەشھۇر «ميۇنخېن جامەسى» پىلانى رەسمىي باشلىنىدۇ. بۇ پىلاننىڭ مۇھىم رولىنى يەنىلا سىرلىق شەخس ئەھمەد كامال ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. ئەھمەد كامال ميۇنخېندا قۇرۇلغۇسى مەزكۇر جامەگە كېتىدىغان بىرقانچە مىليون دوللار مەبلەغنى ئامېرىكا تەرەپتىن ھەل قىلىدۇ.
بۇ جامە ئەينى ۋاقىتتا مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى ئۈچ مەشھۇر جامەدىن كېيىن ياۋروپادا سېلىنغان ئەڭ مەشھۇر مەسچىت شۇنداقلا دۇنيادىكى تۆتىنچى چوڭ جامە دېگەن نامغا ئېرىشىدۇ. ميۇنخېن جامەسى پۈتكەندىن كېيىن گېرمانىيەدىكى مۇسۇلمان جامائىتىنىڭ تائەت-ئىبادەت ئورنى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى باشلىق كوممۇنىزم لاگېرىنىڭ دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسىتىگە قارشى تەشۋىقات مەركىزىگە ئايلىنىدۇ.
1962-يىلىدىن كېيىن ئەھمەد كامال كالىفورنىيەگە قايتىپ كېلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ بېرما قاتارلىق دۆلەتلەردە مەخپىي خىزمەتلەردە بولغانلىقى مەلۇم. ھالبۇكى، ئۇنىڭ كېيىنكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇرلار بارغانسېرى ئازىيىپ بارىدۇ.
ئۇنىڭ 1940-يىلى نەشر قىلغان «تەبەسسۇم يىتكەن زېمىن» ناملىق كىتابىدىن باشقا يەنە «تۆمۈرلەڭگە يەتتە سوئال»، «مۇقەددەس سەپەر: ھەج تاۋابىتى ئۈچۈن مەككىگە بېرىش» قاتارلىق 7 پارچە كىتاب يازغانلىقى مەلۇم.
ئەھمەد كامال 1989-يىلى 13-ئۆكتەبىردە كالىفورنىيەدە ئالەمدىن ئۆتىدۇ.
گېرمانىيە گۆتتىنگېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئابلەت سەمەت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئەھمەد كامالنىڭ سىرلىق كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە رادىئو ئاڭلىغۇچىلارغا تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.