ئېلدوس غەيرەت 2015-يىللىق نورۋېگىيە تالانت مۇنبىرىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە تاللانغان (1)
2015.11.10

ياش ناخشىچى ئېلدوس غەيرەتنىڭ 2015-يىللىق نورۋېگىيە تالانت مۇنبىرىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە تاللىنىشى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا دىققەت قوزغىماقتا.
بىز بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن نورۋېگىيەدە ئولتۇرۇشلۇق ياش ناخشىچى ئېلدوس غەيرەت بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ 13-نويابىر نورۋېگىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى:
«مەن 2011-يىلىنىڭ ئاخىرى نورۋېگىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشتىم. كىچىكىمدە ئۈرۈمچىدە مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدىلا سەنئەتكە، بولۇپمۇ ياش ناخشىچىلارنىڭ مودا ناخشىلىرىغا قىزىقاتتىم. ئۆزۈمدە بىر سەنئەت خۇرۇچىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلاتتىم، ئەممە ۋەتەندە ئۆزۈمنىڭ سەنئەت ساھەسىدىكى بۇ ئارتۇقچىلىقىمنى جارى قىلدۇرىدىغان پۇرسەتكە ئېرىشەلمىدىم. نورۋېگىيەگە كەلگەندىن كېيىن بىر تەرەپتىن تىل ئۆگىنىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ياشاش ئۈچۈن تىرىشتىم. بىر قېتىم تاسادىپىيلا تېلېۋىزىيەدىن نورۋېگىيە تالانت مۇنبىرىگە قاتناشقان ماھىرلارنىڭ نەق مەيدان ناخشا مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ قالدىم. شۇ ۋاقىتتا ئۆز-ئۆزۈمگە سوئال قويدۇم: مەن نېمە ئۈچۈن ئۆزۈمنى سىناپ كۆرمەيمەن؟ بەلكىم بۇ مېنىڭ ئۆزۈمدىكى ئالاھىدىلىكنى جارى قىلدۇرىدىغان بىر سەھنە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەنە شۇ خىيال بىلەن مەن نورۋېگىيەدە ئالدىنقى بىرقانچە قېتىملىق تالانت مۇنبىرى مۇسابىقىلىرىگە قاتناشتىم ھەم دەسلەپكى نەتىجىلەرنى قازاندىم.»
ئۇ بىزنىڭ «سىز نېمە ئۈچۈن ناخشىلىرىڭىزنى باشقا ماھىرلاردەك ياكى نورۋىش تىلىدا ۋە ياكى ئىنگلىز تىلىدا ئېيتماي، بەلكى ئۇيغۇرچە بىلەن نورۋىشچىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئېيتتىڭىز» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
«سىز دېگەندەك، باشقا ماھىرلارنىڭ ھەممىسى ناخشىلىرىنى ساپ نورۋىش تىلىدا ياكى ئىنگلىز تىلىدا ئېيتتى. مەن ناخشىلىرىمنىڭ تېكىستىنى ئۇيغۇرچە ۋە نورۋىشچە ئارىلاشتۇرۇپ ئېيتىش ئۇسۇلىنى تاللىۋالدىم. نېمىشقا دېسىڭىز، بىزنىڭ بىر چىرايلىق ئۇيغۇر تىلىمىز بار. ناخشىنى سىز مەيلى قايسى تىلدا ئېيتماڭ، ئۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم نەرسە تۇيغۇ، يەنى ئاڭلىغۇچىنىڭ قەلب تارىنى چېكەلەيدىغان سەنئەت گۈزەللىكى ھەممىدىن مۇھىم. شۇڭا مەن تەۋەككۈل قىلىپ ناخشامنى ئۇيغۇر ۋە نورۋىش تىلىدا ئارىلاشتۇرۇپ ئېيتتىم. دېگەندەك بۇنىڭ ئۈنۈمى ئالاھىدە بولدى. باھالىغۇچىلارنىڭ ئىچىدە بىر چەتئەللىك مۇتەخەسسىس بار ئىدى. ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: "ئېلدوس، مەن سېنىڭ ناخشاڭنى ئاڭلاۋاتقاندا، ئۆز ئانا تىلىڭ بىلەن ئېيتقان قىسمى ماڭا ئەڭ كۈچلۈك تەسىر قىلدى. مەن ئۇيغۇر تىلىنى بىلمەيمەن، ئەمما مەنمۇ ساڭا ئوخشاش باشقا بىر ئەلدىن نورۋېگىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان سەنئەتكارمەن. مەن سېنىڭ ناخشاڭنى ئۆز تىلىڭدا ئېيتقان قىسمىنى ئاڭلاۋېتىپ شەخسەن ئۆزۈم بەك ھاياجانلاندىم، ۋۇجۇدۇم ئېرىپ كەتتى. سېنىڭمۇ ئۆز تىلىڭ بىلەن ناخشاڭنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەنلىكىڭنى ھېس قىلدىم." ئۇنىڭ بەرگەن باھاسى ماڭا تېخىمۇ زور ئىشەنچ ۋە كۈچ ئاتا قىلدى!...»
زىيارىتىمىز جەريانىدا ئېلدوس ئۆزىنىڭ «يۇرتۇم»، «ئانا» قاتارلىق ناخشىلارنى تاللاپ ئېيتىشتىكى سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ يەرلىك نورۋېگىيەلىك ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ ياردىمىدە مەزكۇر ناخشىلىرىنىڭ تېكىستىنى نورۋىش تىلىغا تەرجىمە قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئاخىرىدا ئېلدوس رادىئومىز ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىدىن بىر-ئىككى مىنۇت ۋاقتىنى چىقىرىپ ئۆزى ئۈچۈن بىر ئاۋاز تاشلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى:
«13-نويابىر كۈنى مەن يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىمەن. ھازىرغىچە بولغان نەتىجىلىرىم بىر تەرەپتىن ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقىدىن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز خەلقىمنىڭ مەدەت بېرىشى ۋە قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىدىن بولدى. مەن بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىدىن ئىككى مىنۇت قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ ماڭا ئاۋاز بېرىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن!»
ئۇ تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن 13-نويابىر كۈنى نورۋېگىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2015-يىللىق تالانت مۇنبىرىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە ئاۋاز بەرگىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى:
http://www.tv2.no/ua/7593824