ئەلىشىر ناۋايىنىڭ مەقبەرىسىنى قايتا ياساش ۋە ناۋايى مىراسلىرىنىڭ ھەقدارلىرى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلان
2013.07.26
elishir-nawayi-305.jpg ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر ئالىمى ئۇلۇغ ئەدىب ئەلىشىر ناۋايى.
en.wikipedia.org

يېقىندا 15-ئەسىردىكى تۈركىي ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر نامايەندىسى، يېتۈك مۇتەپەككۇر ئەلىشىر ناۋايىنىڭ مەقبەرىسىنى قايتا ياساش قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، ئافغانىستاننىڭ ھېرات شەھىرىدىكى گۆۋھەرشاتبېگىم باغچىسىدا داغدۇغىلىق يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن.

ب ب س نىڭ ئۆزبېك تىلىدا تارقاتقان خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، 2012 - يىلىدىن بۇيان ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ھېراتتىكى كونىراپ كەتكەن ئەسلى مەقبەرىسىنى ياساش ئىشى ئافغانىستان بىلەن ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەتلىرى ئارىسىدا مەلۇم سۈركىلىشلەر پەيدا قىلغان. ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ئەسلىدىكى مەقبەرىسىنى قانداق ئۇسۇل ۋە شەكىلدە قايتا ياساپ چىقىش شۇنداقلا بۇ قۇرۇلۇشقا قايسى تەرەپ ئىگە بولۇش مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا كېلىپ چىققان بۇ تالاش - تارتىشلار ئورتا ئاسىيا رايونىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيا مەدەنىيەت ساھەسىدىكىلەرنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان. بۇ ئىشقا ھەتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەن، مەدەنىيەت ۋە مائارىپ تەشكىلاتى (UNESCO) مۇ ئارىلاشقان.

ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ھېراتتا يېڭىدىن ياسالغان مەقبەرىسى (مەنبە: BBC ئۈزبەك بۆلىمى)
ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ھېراتتا يېڭىدىن ياسالغان مەقبەرىسى (مەنبە: BBC ئۈزبەك بۆلىمى)

مەلۇم بولۇشىچە، 2004 - يىلى ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ھېراتتىكى ئەسلى مەقبەرەسىنى قايتىدىن ياساش ئۈچۈن قەبرە ئۈستىدىكى كونا گۈمبەزنى بۇزدۇرغان. بۇ ئىشقا خەلقئارالىق بابۇر فوندى جەمئىيىتى مەبلەغ چىقارغان. ئەمما ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ناۋايى مەقبەرىسىنى زامانىۋىي ئۇسلۇبتا قايتا ياساش پىلانى ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. ئۇنېسكومۇ بۇ ئىشقا ئارىلىشىپ دۇنياۋىي شۆھرەتكە ئىگە مەدەنىيەت ئەربابلىرىنىڭ بىرى بولغان ئەلىشىر ناۋايىنىڭ مەقبەرىسىنى قايتا ياساشتا تېمورىيلار ئىمپىرىيەسى دەۋرىدىكى ئورتا ئاسىيانىڭ بىناكارلىق سەنئىتى ۋە ئەسلىدىكى ناۋايى مەقبەرىنىڭ ئۇسلۇبىغا سادىق بولغان ھالدا قايتا ياساشنى تەشەببۇس قىلغان. ۋاھالەنكى، ئۆزبېكىستان تەرەپ ئۆز لايىھەسىدە چىڭ تۇرغان. بۇنىڭ بىلەن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ھېراتتىكى ناۋايى مەقبەرىسىنى قايتا ياساش قۇرۇلۇشىنى ۋاقتىنچە توختىتىپ قويغان.

2012 - يىلىغا كەلگەندە، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بۇ ئىشقا قايتىدىن تۇتۇش قىلىپ، ناۋايى مەقبەرىسىنى قايتا ياساش قۇرۇلۇشىنى ئۆزبېكىستانغا ئەمەس، بەلكى ئافغان شىركىتىگە تاپشۇرغان. پۈتكۈل قۇرۇلۇش 6 ئايغا پىلانلىنىپ، جەمئىي 60 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ ئاجرىتىلغان. شۇنداق قىلىپ، ئەلىشىر ناۋايىنىڭ مەقبەرىسى ئەسلىدىكى ئۇسلۇبىنى ساقلىغان ھالدا رەسمىي تاماملىنىپ، 2013 - يىلى 18 - مايدا تەنتەنىلىك ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن.

مەلۇمكى، ئەلىشىر ناۋايى (1441 - 1501) كلاسسىك تۈركىي ئەدەبىياتىنىڭ يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن كېيىنكى ئىككىنچى قېتىملىق ئالتۇن دەۋرىنى ياراتقان بۈيۈك ئەدىبتۇر. تارىخچى مىرزا ھەيدەر ناۋايى ۋاپاتىدىن 50 يىل كېيىن يازغان «تارىخىي رەشىدى» ناملىق ئەسىرىدە ناۋايىنىڭ ئاتىسىنىڭ ئۇيغۇر باخشىلىرىدىن ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. ناۋايىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش، كۆچۈرۈپ ساقلاش، نەزىرە باغلاش ھەمدە قايتا ئىجات قىلىشتەك ئەدەبىي ئەنئەنە بويىچە، ئورتا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇرلار يۇرتىدا مەخسۇس ئېقىم شەكىللىنگەن. ناۋايى ئەسەرلىرىنى كۆچۈرۈپ تارقىتىش بويىچە مەخسۇس «قەشقەر خەتتاتلىق مەكتىپى» مەيدانغا كەلگەن. ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇزىكىسى «ئون ئىككى مۇقام» نىڭ كۆپلىگەن تېكىستلىرى ناۋايى غەزەللىرىدىن تەشكىل تاپقان. قىسقىسى، 15 - ئەسىردىكى بۈيۈك شائىر ۋە مۇتەپەككۇر ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ئەدەبىي مىراسلىرى يېقىنقى زامان تۈركىي ئەدەبىياتىنىڭ، بولۇپمۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى چوڭقۇر تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن. بىز بۇ ھەقتە پىكىر ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيە ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئالىمجان ئىنايەتنى زىيارەت قىلدۇق.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.