ئۇلۇغ شائىر ئەلىشىر ناۋايى ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 515 يىللىقى تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خاتىرىلەندى. بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور مۇستافا ئەرگۇنشاھ ئەپەندى «تۈرك تىلى ۋە شېئىرىنىڭ بۈيۈك ۋە ئۇنتۇلماس ئۇستىسى ئەلىشىر ناۋايى» سەرلەۋھىلىك ماقالە يېزىپ تور گېزىتىدە ئېلان قىلدى.
ئۇ ماقالىسىدە ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ھاياتى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ پەقەتلا چاغاتاي ئەدەبىياتىدىكى ئۇلۇغ شائىر بولۇپلا قالماستىن، پۈتۈن تۈركىي خەلقلەر ئەدەبىياتىنىڭ بۈيۈك شائىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
ئەلىشىر ناۋايى پەقەتلا چاغاتاي ئەدەبىياتىنىڭلا ئەمەس پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ ئۇلۇغ شائىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ھەر ساھە بويىچە 29 ئەسەر يېزىپ قالدۇرغان. ئۇنىڭ بۇنچىۋالا كۆپ ساندا ئەسەر يېزىپ قالدۇرۇشى ئۇ ياشىغان دەۋردىكى تارىخىي مۇھىت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۇ، تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ھەرات شەھىرى ئەينى زاماندا كۈلتۈر ۋە سەنئەت مەركىزى ئىدى. ھەرات شەھىرىدىكى زامانداش مەشھۇر شائىر، ئەدىب، خەتتات ۋە مۇتەپەككۇرلار بىلەن سۆھبەت مەجلىسلىرىگە قاتناشقان ئەلىشىر ناۋايى ئۇ مۇھىتتىن كۆپ ئوزۇق ئالغان. ئەدەبىيات-سەنئەتكە زور ئەھمىيەت بېرىدىغان ھۆكۈمدارلاردىن ھۈسەيىن بايقارا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان مەزگىل ئەلىشىر ناۋايىنىڭ مۇھىم ئەسەرلەرنى يېزىشىغا سەۋەب بولغان.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ جۇغراپىيە فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى رىزا ھەيئەت ئەپەندى، ئەلىشىر ناۋايى پەقەتلا چاغاتاي ئەدەبىياتىنىڭلا ئەمەس، ئىران، ئاناتولىيە ھەتتا بالقان رايونىدىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەدەبىياتىغىمۇ زور تەسىر كۆرسەتكەن ئۇلۇغ شائىر ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«ئەلىشىر ناۋايى 16-ئەسىردىن 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە پۈتۈن تۈرك دۇنياسىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئۆزى ياشىغان دەۋرىنى ئالتۇن دەۋرگە ئايلاندۇرغان پەقەتلە ئۆزى ياشىغان جۇغراپىيەدىلا ئەمەس، شەرقىي تۈركىستاندىن بالقان رايونىغىچە بولغان كەڭ رايونغا تەسىر كۆرسەتكەن ئۇلۇغ بىر شائىر. ئۇنىڭ تەسىرى پەقەتلا چاغاتاي يېزىق تىلى ئىشلەتكەن تۈركىي خەلقلەرگىلا ئەمەس، ئوسمانلىچە يېزىق تىلى ئىشلىتىدىغان خەلقلەرگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن. ھەتتا پارس تىللىق مىللەتلەر ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ چۈشىنىش ئۈچۈن ئونلىغان لۇغەت يازغان. مەسىلەن 18-ئەسىردە ئىراندا مىرزا مەيتىخان ئەسىر ئابادى ‹سەڭگىلات› لۇغەت يازغان. ئۇ، لۇغىتىنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا ‹مەن ئۇشبۇ لۇغەتنى ئەلىشىر ناۋايىنى ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ چۈشىنىش ئۈچۈن يازدىم› دەپ يازغان. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇ، مەزگىلدە ئىراندا ۋە ئاناتولىيەدە ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇيدىغان كىشىلەر بار ئىكەن. بۇ رايونلاردىكى تۈركىي قەۋىملەر ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇش بىلەنلا قالماي، ئەلىشىر ناۋايى ئىشلەتكەن بەزى سۆزلەرنى قوبۇل قىلىپ، تىلىنى بېيىتقان.»
ئۇلۇغ شائىر ئەلىشىر ناۋايى ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 515 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شائىر توغرىسىدىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەدەبىياتشۇناس ئابدۇۋېلى ئەپەندى، ئەلىشىر ناۋايىنىڭ تۈركىي خەلقلەر ئەدەبىياتىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا دەۋر بۆلگۈچ ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئۇلۇغ شائىر ئەلىشىر ناۋايى 1441-يىلى ھېرات شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، دادىسى غىياسىددىن باھادىر، تىمۇر ئوردىسىدا خىزمەت قىلىدىغان بىر ئۇيغۇر. ئۇنىڭ بالىلىق چاغلىرى تىمۇرنىڭ شاھزادىسى ھۈسەيىن بايقارا بىلەن بىرلىكتە ئۆتكەن.
ئۇ ھۈسەيىن بايقارا بىلەن بىرلىكتە ئوقۇغان. 1469-يىلىدا ھۈسەيىن بايقارا خوراساننى قولغا چۈشۈرۈپ، تىمۇر دۆلىتىنىڭ تەختىگە چىققاندىن كېيىن ئەلىشىر ناۋايى ئۇنىڭ يېنىدا خىزمەت قىلغان. ئۆمرىدە كۆپ ساندا كىتاب يېزىپ قالدۇرغان ئەلىشىر ناۋايى 1501-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۆزى تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ھېرات شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن.