ئەنقەرەدە «كۆرۈنۈش ۋە سەنئەت ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننى تونۇتۇش» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى نەجمەتتىن ئەرباقان يىغىن زالىدا 3-ئاينىڭ 28-29-كۈنلىرى «كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننى تونۇتۇش» ماۋزۇلۇق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.

تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتنى گېرمانىيەدە تۇرۇۋاتقان بۇرخان چېتىن ئەپەندى، ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى بىلەن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ پائالىيەتكە ئىستانبۇل، قەيسەرى ۋە ئەنقەرەدىكى بەزى ئۇيغۇرلاردىن سىرت ئەنقەرەدىكى تۈركلەر ئىشتىراك قىلدى. بۇ پائالىيەتتە ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا تەييارلانغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى، ئارقىدىن كىچىك سەنئەت نومۇرلىرى بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى تونۇتۇلدى. ئارقىدىن قىزلار شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا يېزىلغان شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلدى. ئەڭ ئاخىرىدا بىر تۈرك ياش ناخشا ئوقۇدى. 3-ئاينىڭ 28-29-كۈنلىرى جەمئىي 4 مەيدان كۆرسىتىلگەن ئويۇندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 65 يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى، ئۇيغۇرلار تارتقان دەرد-ئەلەملەر تەسىرلىك ھالدا كۆرسىتىلدى.

ئىككى كۈنلۈك پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئىستانبۇلدىن كېلىپ بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ۋە بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بولغان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى باش كاتىپى در. ئۆمەر قۇل ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

ئۇ، ئەنقەرەدە تۇنجى قېتىم ئۇيۇشتۇرۇلغان كۆرۈنۈش ۋە سەنئەت نومۇرلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى تونۇتۇش پائالىيىتىنىڭ بەك ياخشى ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
بۇرخان چېتىن قېرىندىشىمىز گېرمانىيەدە 2010-يىلىدا بۇنداق بىر پائالىيەت ئۆتكۈزگەن ئىدى. 2014-يىلى ئاخىرىدا بىزگە بۇنى ئاڭلاتتى. بۈگۈنگىچە ئېلىپ بېرىلىپ كېلىۋاتقان دوكلات بېرىش يىغىنلىرى، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا ئوخشىمايدىغان شەكىلدە سەنئەتچىلەر جانلاندۇرغان نومۇرلارمۇ بار، كۆرۈنۈش ۋە فىلىملەرمۇ بار، ھەر مەيدان پائالىيەت 2-2 يېرىم سائەت داۋاملاشقان كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تونۇتۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. شەنبە كۈنى ئىككى مەيدان، يەكشەنبە كۈنى ئىككى مەيدان ئېلىپ بېرىلدى. ناھايىتى ياخشى ئۆتتى. بۇلاردىن باشقا يىغىن زالىنىڭ ئالدىدا رەسىم كۆرگەزمىسى، كىتابلىرىمىزنى تونۇتىدىغان كىچىك بىر كۆرگەزمىمۇ ئاچتۇق بەك ياخشى ئۆتتى. مەنچە بۇ ئىككى كۈن جەريانىدا خېلى كۆپ كىشى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىن خەۋەردار بولدى.

در. ئۆمەر قۇل ئەپەندى بۇ پائالىيەتكە دەۋانى خەلق ئاممىسىغا ئاڭلىتىش نۇقتىنەزىرىدىن قارىغان ۋاقتىمىزدا ناھايىتى پايدىلىق بولغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
كۆرۈنۈشلەر بىلەن كۆرسىتىلگەن نەرسىلەر كىشىلەرنىڭ يادىدا بەكرەك تۇرىدۇ. تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق پائالىيەت بولغاچقا مۇھىم ئىدى. پائالىيەت ئاخىرىدا كۆرۈشكەن كىشىلەر بەكلا تەسىرلەنگەنلىكىنى بايان قىلىشتى. بولۇپمۇ 2009-يىلى 5-ئىيۇلدا ئۈرۈمچىدە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەرنىڭ نەق مەيداندىن تارتىلغان كۆرۈنۈشلىرى بىلەن ئۇ ۋەقەنى سەنئەتچىلەرنىڭ جانلاندۇرۇپ ئاڭلىتىشى بەكلا تەسىرلىك بولدى. بىز، قانچىلىك كۆپ كىشىگە بۇ داۋانى ئاڭلىتالىساق شۇنچە ياخشى بولىدۇ دەپ ئويلىغان ۋاقتىمىزدا بۇ پائالىيەتنىڭ پايدىلىق بولغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ بۇندىن كېيىنكى پائالىيەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
ۋەقپىمىز بۇرۇندىن تارتىپ خىيال قىلىپ كېلىۋاتقان نەرسە كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا تارتىش. يىغىنلاردا ئالدىنقى يېرىم سائەتتە كىشىلەر ئاڭلايدۇ، كېيىن دىققەت-ئېتىبارى چېچىلىشقا باشلايدۇ. ئەمما كۆرۈنۈشلەر، تىياتىر ۋە سەنئەت نومۇرلىرى، شېئىرلار بىلەن ئاڭلاتقان ۋاقتىڭىزدا كىشىلەر زېرىكمەستىن ئاڭلايدۇ. شۇڭا بىز شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ خىل پائالىيەتلەرنى تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتىمىز. چۈنكى بەك تەسىرلىك بولدى. يەنە بىر پىلانىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى تارىخىي قەھرىمانلارنىڭ ئىش-ئىزلىرى بايان قىلىنغان رومان نەشر قىلدۇرۇش ۋە بۇ ھەقتە كىنو ئىشلەش. پىلانىمىز ئىمكانىمىزنىڭ يار بېرىشىچە پۈتۈن زامانىۋى ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تېخىمۇ كەڭ ئاممىغا تونۇتۇشتىن ئىبارەت.

ئەنقەرەنىڭ ماماق رايونىدىكى نەجمەتتىن ئەرباقان يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان كىشىلەر ئىككى يېرىم سائەتلىك بۇ پائالىيەت ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى شۇنداقلا 65 يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلار چېكىۋاتقان دەرد-ئەلەملەردىن تەسىرلىك بىر شەكىلدە خەۋەردار بولدى. بۇ پائالىيەت تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەت بولغاچقا كىشىلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى تارتتى.