ئەنقەرەدىكى «12-نۆۋەتلىك كىتاب يەرمەنكىسى» دىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى كىتابلارمۇ ئورۇن ئالغان

0:00 / 0:00

تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن «12-نۆۋەتلىك كىتاب يەرمەنكىسى» دىن تۈركىي مىللەتلەر شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، تارىخى، ئەدەبىياتى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتىگە دائىر كىتابلارمۇ ئورۇن ئالغان.

2-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان بۇ يەرمەنكىدە تۈركىيەدىكى 300 دەك نەشرىيات مەخسۇس بۆلمە ئاچقان بولۇپ، بەزى نەشرىياتلار تۈركىي مىللەتلەر، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى كىتابلارنىمۇ يەرمەنكىگە قويغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەنقەرەدىكى ئاقچاغ نەشرىياتى بىلەن ئۆتۈكەن نەشرىياتىغا ئوخشاش داڭلىق نەشرىياتلارمۇ بار ئىكەن. مەزكۇر يەرمەنكىگە يەنە «40 لار كۇلۇبى» نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «بىر پاجىئە 40 سۆز: شەرقىي تۈركىستان » ناملىق كىتابمۇ قويۇلغان.

بىز بۇ قېتىملىق كىتاب يەرمەنكىسى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئەنقەرەدىكى يەرمەنكىگە بېرىپ، نەشرىيات مەسئۇللىرى ۋە يەرمەنكىگە كېلىپ ئۆز كىتابلىرىغا ئىمزا قويۇپ تارقىتىۋاتقان پروفېسسورلارغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

تۈرك دۇنياسى توغرىسىدا 11 كىتابى نەشر قىلىنغان ئەلئازىغدىكى فىرات ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئەخمەت بوران ئەپەندى بۇ قېتىملىق كىتاب يەرمەنكىسىگە بولغان قىزىقىشنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «قىزىقىش يامان ئەمەس. ياشلار قىزىقىپ سېتىۋېلىۋاتىدۇ. تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى، ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئېلىۋاتىدۇ. بۇلاردىن باشقا كىشىلەرمۇ ئېلىۋاتىدۇ. بۇنداق يەرمەنكىلەردە نەشرىياتلار كىتابلىرىنى ياخشى تونۇشتۇرسا قىزىقىش تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، دەپ ئويلايمەن.»

ئوقۇرمەنلىرى سېتىۋالغان كىتابلارغا ئاقچاغ نەشرىياتىنىڭ بۆلمىسىدە قول قويۇۋاتقان پروفېسسور ئەخمەت بوران ئەپەندى كىتاب يەرمەنكىلىرىنىڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئاپتورنى ئۇچراشتۇرىدىغان بىر سورۇن ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «كىتاب يەرمەنكىلىرى بەك پايدىلىق، ئۇ ئاپتور بىلەن ئوقۇرمەنلەرنى ئۇچراشتۇرىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئاپتورنىڭ ئىسمىنىلا بىلىدۇ، ئەمما ئۆزىنى تونۇمايدۇ. شۇڭا ئوقۇرمەنلەر ئاپتورلارنى كۆرگەندە خۇرسەن بولىدۇ، سۆزلىشىدۇ. بۇ جەھەتتىن بەك ياخشى. بىلىشىمچە، ئوقۇرمەنلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدىكى كىتابلارغىمۇ قىزىقىش بار.»

1991-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ھەر جەھەتتىن كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە. بۇنىڭغا ئەگىشىپ تەتقىقات ئىشلىرىمۇ كۆپەيمەكتە. ئۇنداقتا، تۈركىيەدە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى توغرىسىدا شۇنداقلا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا نەشر قىلىنىۋاتقان كىتابلار كۆپىيىۋاتامدۇ؟ پروفېسسور ئەخمەت بوران ئەپەندى بۇ ھەقتىكى كىتابلارنىڭ سان ۋە سۈپەت جەھەتتە كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ جەھەتتە ناھايىتى زور تەرەققىيات بار. بۇندىن 25 يىل بۇرۇن تۈركىيەدە تۈرك دۇنياسى ھەققىدە نەشر قىلىنغان كىتابلار يوق دېيەرلىك ئىدى. 25 يىل ئىچىدە بۇ ھەقتە ناھايىتى كۆپ ۋە مۇھىم كىتابلار نەشر قىلىندى. بۇ كىتابلار ئارقىلىق تۈركىيەدىكى ئوقۇرمەنلەر تۈرك دۇنياسىنىڭ شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىۋاتىدۇ. بۇ ھەقتە يېزىشقا تېگىشلىك نەرسىلەر ناھايىتى كۆپ، بىلىم ئادەملىرى بۇ جەھەتتە كۆپ كۈچ چىقىرىشى كېرەك.»

ئەخمەت بوران ئەپەندى پەقەت ئاقچاغ نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان 9 كىتابىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر كىتابنىڭ تەھرىرلىكىنى قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ ئۈچ كىتابنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئۈچ كىتابىمدا ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەلۇماتلار بار. بىرى ‹ئوق تەگكەن تۈركولوگىيە› ناملىق كىتابىمدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەلۇمات بار. ئىككىنچى كىتابىم ‹ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى› ناملىق ئەسىرىمدە ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى ھەققىدە بايانلار بار، ئۈچىنچى كىتابىم بولغان ‹ھازىرقى زامان ئەدەبىي تىلى› ناملىق 4 توملۇق كىتابىمنىڭ 2-تومى مەخسۇس ئۇيغۇر تىلىغا بېغىشلانغان. ‹تۈركولوگىيە ئاتالغۇلىرى› ناملىق كىتابىمدىمۇ ئۇيغۇر تىلى ئاتالغۇلىرى توغرىسىدا مەلۇماتلار بار. ھازىر ئۇيغۇرلار توغرىسىدا نەشر قىلىنىۋاتقان كىتاب ۋە ماقالىلەرنىڭ سانىمۇ كۈنسايىن كۆپەيمەكتە.»

ئاقچاغ نەشرىياتى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىلى تارىخى، ئەدەبىياتى توغرىسىدا كۆپلەپ كىتاب بېسىۋاتقان نەشرىياتلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر نەشرىياتنىڭ تەھرىراتى مەسئۇللىرىدىن پروفېسسور بىلگەخان ئاتسىز گۆكداغ ئەپەندى نەشرىياتنىڭ تۈرك دۇنياسى توغرىسىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپ ساندا كىتاب نەشر قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ‹تۈركلەرنىڭ دۇنياسى› ناملىق كىتابىم نەشر قىلىندى. بۇ كىتابىم بۈگۈن ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. ئەسلىدە بۇ كىتابنى 2015-يىلى نەشر قىلدۇرغان ئىدۇق. بىرىنچى نەشرى تۈگىگەندىن كېيىن، بۈگۈن ئىككىنچى نەشرىنى يەرمەنكىگە قويدۇق. بۇ كىتابىمدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇماتلار بار. بۇ شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، تۈركىيە ئوقۇرمەنلىرىنىڭ تۈرك دۇنياسىغا، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشى كۈنسايىن كۈچەيمەكتە.»

ئۇ يەنە شۇنداق بولۇشىغا قارىماي تۈركىيەدە بۇ ساھەدىكى نەشر خىزمەتلىرىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ ساھەدە تۈركىيەدىكى نەشر خىزمەتلىرى يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس دەپ ئويلايمەن. تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتى كۆپرەك تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى ساھەسىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. مەن كۆپرەك تۈرك دۇنياسىدىكى ھەر بىر رايون ھەققىدە مەخسۇس تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك، دەپ ئويلايمەن. ھەرقايسى تۈركىي مىللەتلەر ياشاۋاتقان رايونلارنىڭ تارىخى، تىلى، ئەدەبىياتى، ئۇلارنىڭ قوشنا مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئەتراپلىق تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرىقى تۈركىي مىللەتلەر توغرىسىدا سىياسەت بەلگىلىشىگە ياردەم قىلىشىمىز كېرەك، دەپ ئويلايمەن. ئەلۋەتتە، شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدىمۇ ھەر ساھەدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك. مېنىڭ ‹تۈرك دۇنياسى داستانلىرى› ناملىق ئەسىرىمدە ئۇيغۇر داستانلىرىغىمۇ يەر بەردىم. قىسقىسى، تۈرك دۇنياسى توغرىسىدا يېزىلغان كىتابلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەلۇماتلار بار. چۈنكى ئۇيغۇرلار تۈرك دۇنياسىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى.»

بىز تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدىكى ئەنقەرە تىجارەت ئۇيۇشمىسىنىڭ چوڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن «12-نۆۋەتلىك كىتاب يەرمەنكىسى» نى ئېكسكۇرسىيە قىلىش جەريانىدا مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ، ھەر يىلى بۇ يەرمەنكىنى زىيارەت قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ يىلقى يەرمەنكىدە گەرچە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەخسۇس يېزىلغان كىتابلار ئاز بولسىمۇ، ئەمما تارىخ، تىل، ئەدەبىيات ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدا يېزىلغان كىتابلارنىڭ كۆپىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەلۇماتلار بېرىلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

«12-نۆۋەتلىك كىتاب يەرمەنكىسى» نى ئەيلۈل يەرمەنكىچىلىك شىركىتى، تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى، تۈركىيە ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە تۈركىيە ئەدەبىي ئەسەرلەر، ئاپتورلار بىرلىكى ئورتاق ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، 2-ئاينىڭ 25-كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن.