ئەنقەرەدە «ئۈممەتنىڭ يېتىم جۇغراپىيەسى شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق يىغىن چاقىرىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015-03-05
Share
seyit-tumturk-enqere-yighin.jpg د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى «ئۈممەتنىڭ يېتىم جۇغراپىيەسى شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا دوكلات بەرمەكتە. 2015-يىلى 29-فېۋرال، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرە شەھىرىدە «ئۈممەتنىڭ يېتىم جۇغراپىيەسى شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق يىغىن چاقىرىلدى.

ئەنقەرەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىقلىم ياشلار كۇلۇبى بىلەن خانىم-قىزلارنىڭ ئاۋازى ئۇيۇشمىسى ئورتاق ئورۇنلاشتۇرغان يىغىنغا ئەنقەرەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار، تەۋفىك ئىلەرى ئىمام خاتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ، 400 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

28-فېۋرال كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دە ئەنقەرەنىڭ يېڭىمەھەللە رايونىدىكى تەۋفىك ئىلەرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش يىغىنى سومالىدىن كەلگەن دىنى زاتنىڭ قۇرئان تىلاۋەت قىلىشى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى «ئۈممەتنىڭ يېتىم جۇغراپىيەسى شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا دوكلات بەردى. ئۇ، دوكلاتىدا ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، نۇقتىلىق ھالدا خىتاينىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي بېسىمىنى ۋە خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى تۈپەيلى مەيدانغا كېلىۋاتقان توقۇنۇشلار توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. مەزكۇر دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشقانلار ئارىسىدا ئاياللارنىڭ كۆپ بولۇشى دىققىتىمىزنى تارتتى. سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئاڭلاتقاندا بىر قىسىم ئاياللار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ شوئار توۋلاشتى، بەزى كىشىلەر دوكلات جەريانىدا كۆز يېشىنى تۇتالماي يىغلاپ كەتتى. يىغىن ئاخىرىدا يىغىنغا قاتناشقان كىشىلەر سېيىت تۈمتۈركتىن، بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى سورىدى.

بىز يىغىن ئاخىرىدا مىكروفونىمىزنى دوكلات بەرگۈچى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن تەتقىقاتچى ژۇرنالىست ئازاتجان بۇغرا ئەپەندىگە ئۇزاتتۇق. ئازاتجان بۇغرا ئەپەندى يېقىندىن بېرى تۈركلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قىزىقىشىنىڭ تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كۈچەيگەنلىكىنى، بۇرۇن مەلۇم بىر سىياسىي كۆز قاراشقا ئىگە كىشىلەر تەرىپىدىن كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىنگەن بولسا بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيەدىكى ھەر خىل دۇنيا كۆز قارىشىگە ئىگە كىشىلەر تەرىپىدىن كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىنىشكە باشلانغانلىقىنى، بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، دەۋا ئۈچۈن كونكرېت خىزمەتلەرنى قىلىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت