ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىلىرىدىن بىرى بولغان سىياسىي ئەرباب ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى ھايات مۇساپىسىنىڭ 80-يىلىغا قاراپ قەدەم باسماقتا.
50 يىللىق ھاياتىنى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەركىنلىكى، ھۆرلۈكى يولىدىكى كۈرەشلەرگە سەرپ قىلغان، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئاخىرقى 70 يىللىق تارىخىنىڭ ھايات شاھىتى بولغان ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى 1939-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى خىتاينىڭ گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لەنجۇ شەھىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەرھۇم لىدېرى، تۈرك دۇنياسىنىڭ پەخرى سانالغان ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئەسلى تۇغۇلغان ۋاقتى 1937-يىلى بولسىمۇ، مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن پاسپورتتىكى يېشى 39-يىلى بولۇپ يېزىلىپ قالغان. ئەركىن ئەپەندىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئەسلى يۇرتى قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ سايلىق، ساغان ۋە قازانچى ئېرىق يېزىلىرىدىن بولۇپ، ئاتا ۋە ئانا تەرەپتىن بولغان چوڭ دادىلىرىدىن شەيخ ھەزرىتىم، سادى ئىشقىبەگ ۋە نىياز بەگلەر 19-ئەسىردە مانجۇ-خىتايلارغا قارشى ئۇرۇشلاردا شېھىت بولغان. ئانا تەرەپ چوڭ دادىلىرىدىن ھۈسەيىن بەگ بولسا 1930-يىللىرى شىڭ شىسەينىڭ تۈرمىسىدە مىللەتچىلىكتە ئەيىبلىنىپ قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەن. تاغىسى ئابدۇكېرىم بولسا «ئەيسانىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن جاسۇسى» دېگەن تۆھمەت بىلەن 60-يىللىرى كوممۇنىست خىتاي تەرىپىدىن 20 يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان. مەرھۇم لىدېر ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ 95 يىللىق ئۆمرىنىڭ 70 يىلىنى ۋەتىنى، مىللىتى ئۈچۈن بەخش ئېتىپ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى يالغۇز ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، تۈرك خەلقىگىمۇ سىر ئەمەس. ئەركىن ئالىپتېكىن مانا مۇشۇنداق بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن.
ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى باشلانغۇچ تەربىيىنى ئۈرۈمچىدە ئالغان. ئوتتۇرا مەكتەپنى بولسا ھىندىستاننىڭ كەشمىر ۋىلايىتىدە، ئالىي مەكتەپنى تۈركىيەدە ئوقۇغان. ئۇ تۇغۇلۇپ 9 يىلدىن كېيىن، يەنى 1946-يىلى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ۋەتىنىگە ئاياق بېسىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.
ئەركىن ئالىپتېكىننىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئەمەس، خىتاينىڭ بىر شەھىرى بولغان لەنجۇدا دۇنياغا كەلگەنلىكى ئۇيغۇرلاردا قىزىقىش قوزغايدىغان تېمىدۇر. ئالىپتېكىن ئائىلىسى قانداق بولۇپ خىتاي شەھىرىگە يەرلىشىپ قالغان؟
بۇ سوئالىمىزغا ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى مۇنداق چۈشەنچە بېرىدۇ:
-1901-يىلى دۇنياغا كەلگەن مەرھۇم لىدېر ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەينى زاماندا يېڭىسارنىڭ ھاكىمى بولغان چېن دېلى ئىسىملىك خىتاينىڭ تەلىپى بىلەن يېڭىساردا ئېچىلغان تەرجىمانلىق كۇرسىدا خىتايچە ئۆگىنىدۇ. 1926-يىلى چېن دېلى ئەنجانغا خىتاي كونسۇلى بولۇپ تەيىنلەنگەندە، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندىنى تەرجىمان سۈپىتىدە بىرگە ئېلىپ چىقىدۇ. 1932-يىلىغىچە ئەنجان ۋە تاشكەنتتە ياشىغان، ئەمدىلا 27 ياشقا كىرگەن ئەيسا ئەپەندى زامانىنىڭ ئىلغارلىرىدىن بولغان ئۆزبېك زىيالىيلىرى ۋە ئەدىب، شائىرلىرى بىلەن تونۇشۇپ، مىللىيەتچىلىك ھېس-تۇيغۇلىرى بىلەن تەربىيىلىنىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان بۇ 6 يىللىق ھاياتتا ئۆزبېك مۆتىبەرلىرى ئۇنىڭغا ۋەتىنىنى جاھالەت ۋە ئاسارەتتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ يوللىرىنى ئۆگىتىدۇ ۋە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇملار ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. 1932-يىلى خوجا نىيازھاجى رەھبەرلىكىدە قوزغالغان قۇمۇل ئىنقىلابى ۋە قەشقەردە سابىت داموللام يېتەكچىلىكىدە يۈز بەرگەن ئىسيانلار سەۋەبىدىن چېگرالار تاقىلىپ كېتىپ، ئەيسا ئەپەندى ۋەتەنگە قايتىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. نەتىجىدە، مىللەتچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ پايتەختى بولغان نەنجىڭغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالىدۇ. ئەيسا ئەپەندى نەنجىڭدە ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپ-ئىستەكلىرىنى ھاكىمىيەتكە، خىتاي خەلقىگە ۋە چەتئەللىكلەرگە ئاڭلىتىش مۇجادىلىسىنى باشلايدۇ. كېيىن گەنسۇنىڭ لەنجۇ شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ، تاكى 1946-يىللىرىغىچە شۇ يەردە ياشايدۇ.
ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ لەنجۇدا تۇغۇلۇپ قېلىشىدىكى سەۋەبنى دادىسى ئەيسا ئەپەندىنىڭ مىللىي مۇجادىلىسىگە باغلاپ، شۇ زامانلاردا «ئۈچ ئەپەندىلەر» دەپ ئاتالغان ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ۋە مەسئۇد سەبرى بايقۇزىلارنىڭ خىتايدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي مەنپەئەتى ئۈچۈن تاكى 1947-يىلىغىچە زور مۇجادىلىلەر ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ۋەتىنىگە شىڭ شىسەي ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان دەۋرلەردە، 1930-يىللارنىڭ باشلىرىدىلا گەنسۇ، نىڭشيالاردا، ھەتتا خىتاينىڭ شۇ زاماندىكى پايتەختى نەنجىڭ، شاڭخەي ۋە بېيجىڭ شەھەرلىرىدىمۇ بىر قانچە يۈزلىگەن ئۇيغۇرلار تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرۇپ قالغان. لەنجۇدا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار سەنئەت ئۆمەكلىرىنى، ئۇيغۇر تىلىدىكى مىللىي مەكتەپلەرنى ھەمدە نەشر ئەفكارلىرىنى بەرپا قىلىپ، مىللىي مەۋجۇتلۇق ۋە مىللىي غايىلىرى يولىدا كۈرەشلەر قىلىشقان.
ئالىپتېكىن ئائىلىسىنىڭ پەرزەنتلىرى 5 بىر تۇغقان بولۇپ، ئاكىسى مۇرات ئالىپتېكىن تاشكەنتتە، ئۆزى لەنجۇدا، چوڭ ئىنىسى ئارسلان ئالىپتېكىن چۇڭچىڭدا، كىچىك ئىنىسى ئىلغار ئالىپتېكىن ئۈرۈمچىدە، سىڭلىسى گۈلتەن ئالىپتېكىن كەشمىردە دۇنياغا كەلگەن. ئالىپتېكىن ئائىلىسىدىن ھازىر ئەركىن ئالىپتېكىن بىلەن ئىلغار ئالىپتېكىندىن باشقا قېرىنداشلىرى ئاللانىڭ دەرگاھىغا ئۇزىغان.
بۇ پروگراممىمىزنىڭ داۋامىنى كېلەر قېتىملىق ئاڭلىتىشلىرىمىزدا ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.