ئەنقەرەدە «ئەتەبەتۇلھەقايىق» تەتقىقاتى بويىچە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
2018.06.29

ئەدىب ئەخمەت يۈكنەكى تەرىپىدىن يېزىلغان «ئەتەبەتۇلھەقايىق» ناملىق كلاسسىك ئەسەرنىڭ قوليازمىسى نەجىپ ئاسىم تەرىپىدىن تۈرك تىلىدا نەشر قىلىنغانلىقىغا توپ-توغرا 100 يىل بولدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت كومىتېتى 2018-يىلىنى «ئەتەبەتۇلھەقايىق يىلى» دەپ ئېلان قىلدى شۇنداقلا تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە «ئەتەبەتۇلھەقايىق» ناملىق كلاسسىك ئەسەرگە بېغىشلانغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
28-ئىيۇندىن 30-ئىيۇنغىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى، ئەزەربەيجان، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركىيەدىن بولۇپ 150 دەك تەتقىقاتچى قاتناشتى. بۇ يىغىنغا ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار كېلەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەر قاتنىشىپ، «ئەتەبەتۇلھەقايىق» تەتقىقاتى بويىچە دوكلات بەردى.
مەزكۇر يىغىننى يېڭى تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، 28-ئىيۇندىكى ئېچىلىش مۇراسىمىغا تۈركىيەنىڭ مۇئاۋىن مەدەنىيەت مىنىستىرى، تونۇلغان تارىخچىلار ۋە بەزى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ رەئىسلىرى قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.
يىغىنغا قاتناشقان تەتقىقاتچىلار 100 يىلدىن بېرى كلاسسىك ئەسەر «ئەتەبەتۇلھەقايىق» توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار ۋە ئۇلارنىڭ نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئامېرىكا مىچېگان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى تىمۇر قوجائوغلۇنىڭ «قاراخانلى دۆلىتى مەزگىلىدىن كېيىنكى تۈركىي تىللارنىڭ شەكىللىنىشى» ناملىق ماقالىسى، ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەتنىڭ بۇ تېمىدىكى خاس ماقالىسى ۋە تۈركىيە رادىئو-تېلىۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ مۇخبىرى ئادىل ئەرئۇيغۇرنىڭ «ئۇيغۇر دىيارىدىكى ‹ئەتەبەتۇلھەقايىق› توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار» ناملىق ماقالىسى يىغىن ئەھلىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتتى.
پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى يىغىندا ئۇيغۇرلار يېتىشتۈرگەن ئەڭ مۇھىم ئالىملاردىن ئەدىب ئەخمەت يۈكنەكى، مەخمۇت قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى توغرىسىدا ناھايىتى مۇھىم ماقالىلەرنىڭ ئوقۇپ ئۆتۈلگەنلىكىنى، يىغىننىڭ ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى «ئەتەبەتۇلھەقايىق» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىندا ئوقۇپ ئۆتۈلگەن ماقالىلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىگە بېغىشلانغان تەتقىقاتلار ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ يىغىننى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر كلاسسىك مەدەنىيىتى توغرىسىدا ئېچىلغان بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ئامېرىكا مېچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى تىمۇر قوجائوغلۇ ئەپەندى بۇ يىغىنغا ھەر قايسى تۈركىي مىللەتلەردىن كۆپلىگەن بىلىم ئەھلىلىرىنىڭ قاتناشقانلىقىنى، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىل، مەدەنىيەت ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ئورتاقلىقلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن بۇ خىل يىغىنلارنىڭ ئۈنۈمىنىڭ زور بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئادىل ئەرئۇيغۇر ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «ئەتەبەتۇلھەقايىق» ناملىق ئەسەرنىڭ 1980-يىلى پروفېسسور خەمىت تۆمۈر ۋە تۇرسۇن ئايۇپلار تەرىپىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى يەشمىسىنىڭ نەشر قىلىنغانلىقىنى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدا «ئەتەبەتۇلھەقايىق» ھەققىدە كۆپلىگەن تەتقىقاتلارنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بايان قىلدى.
پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى يىغىندا «ئەتەبەتۇلھەقايىق» توغرىسىدا نۇرغۇن يېڭى مەلۇماتلارنىڭمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى، «ئەتەبەتۇلھەقايىق» تەتقىقاتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر تىلى، ئەدەبىياتى ۋە تارىخى تەتقىقاتى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
پروفېسسور تىمۇر قوجائوغلۇ ئەپەندى زىيارىتىمىز ئەسناسىدا بۇ يىغىنغا ئۇيغۇر دىيارىدىن بىرەرمۇ مۇتەخەسسىسنىڭ كېلەلمىگەنلىكىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
«ئەتەبەتۇلھەقايىق» ئەدىب ئەخمەت يۈكنەكى تەرىپىدىن قاراخانىيلار دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە «كاشىغەر تىلى»، يەنى «خاقانىيە تىلى» دا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلغان كلاسسىك ئەسەردۇر. ئۇنىڭ قاچان، قەيەردە يېزىلغانلىقى ھازىرغىچە مەلۇم ئەمەس. مەزكۇر ئەسەر ئارۇز ۋەزىندە يېزىلغان بولۇپ، ئىجتىمائىي ئەخلاق ۋە ئىنسانىي پەزىلەت تېمىلىرى يورۇتۇلغان دىداكتىك داستان ھېسابلىنىدۇ. تەتقىقاتچىلار مەزكۇر ئەسەرنىڭ 14-ئەسىردە يېزىلغانلىقىنى پەرەز قىلماقتا.
ھازىرغىچە «ئەتەبەتۇلھەقايىق» نىڭ ئىستانبۇل نۇسخىسى ۋە سەمەرقەنت نۇسخىسى بار بولۇپ، تولۇق بولمىغان نۇسخىلىرىنى قوشقاندا مەزكۇر ئەسەرنىڭ جەمئىي 6 نۇسخىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىلىنمەكتە. يېقىندا گوللاندىيەدىكى بىر كۇتۇپخانىدىن بۇ ئەسەرنىڭ يەنە بىر يېڭى نۇسخىسىنىڭ تېپىلغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.