ب د ت پەن-مەدەنىيەت-مائارىپ كومىتېتى تۈركىيە مىللىي كومىسسىيونىدا 1-ئاينىڭ 12-كۈنى چاقىرىلغان 2018-2019-يىللىق خىزمەت پىلانى تۈزۈش يىغىنىدا 2018-يىلى «ئەتەبەتۇل ھەقايىق يىلى» دەپ ئېلان قىلىنغان ۋە بۇ ھەقتە 2018-يىلى تۈركىيەدە نېمە پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.
ب د ت پەن-مەدەنىيەت-مائارىپ كومىتېتى تۈركىيە مىللىي كومىسسىيونىنىڭ مۇدىرى، پروفېسسور ئۆجال ئوغۇز رىياسەتچىلىك قىلغان يىغىنغا تۈركىيەدە «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلەردىن تىل تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى، پروفېسسور مۇستافا قاچالىن ئەپەندى، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتى ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، پروفېسسور سەما بارۇتجۇ ئۆزۆندەر خانىم ۋە ئەنقەرەدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن ئوقۇتقۇچىلار ئىشتىراك قىلغان. يىغىندا قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن ئەدىب ئەخمەت يۈكنەكى يازغان «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» ناملىق ئەسەرنىڭ تۈركىيەدە بايقىلىپ، رەسمىي نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 100-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 2018-يىلىدا تۈركىيەدە نېمە پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.
ب د ت پەن-مەدەنىيەت-مائارىپ كومىتېتى تۈركىيە مىللىي كومىسسىيونىنىڭ مۇدىرى ئۆجال ئوغۇز ئەپەندى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل نويابىردا ئۇنەسچو 39-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىن چاقىرىدى. يىغىندا تۈركىيەنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» ناملىق ئەسەرنىڭ ئىستانبۇلدا بايقىلىپ، نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 100-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 2018 يىلىنى ‹دۇنيا ئەتەبەتۇل ھەقايىق يىلى› قىلىپ بېكىتىش قوبۇل قىلىندى. بۇنىڭدىن باشقا 2019-يىلىدا يۈسۈپ خاس ھاجىبنىڭ ‹قۇتادغۇ بىلىك› ناملىق ئەسەرنى يازغانلىقىنىڭ 950-يىلىنى خاتىرىلەش قارار قىلىندى. بىز 12-چېسلا ھەرقايسى تەتقىقات ئورگانلىرى ۋە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىلىرىنى چاقىرىپ 2018-يىلىدا ‹ئەتەبەتۇل ھەقايىق› ھەققىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق.»
پروفېسسور ئۆجال ئوغۇز ئەپەندى 2018-يىلىدا «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «‹ئەتەبەتۇل ھەقايىق› ناملىق ئەسەرنىڭ تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىسى بار. ‹قۇتادغۇ بىلىك› نىڭمۇ شۇنداق. تولۇق ئوقۇلمىغان بەزى نۇسخىلىرىنى قايتا ئوقۇپ، ھەممە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتكەن بىر تولۇق نۇسخىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى شۇنداقلا بۇ ئىككى ئەسەرنى قايتا نەشر قىلدۇرۇشنى ئويلاۋاتىمىز ‹ئەتەبەتۇل ھەقايىق› بىلەن ‹قۇتادغۇ بىلىك› نى تەتقىق قىلىدىغان كىشىلەردىن باشقىلار بۇ ئەسەرنىڭ مەزمۇنىدىن بىخەۋەر. بۇ ئىككى ئەسەر توغرىسىدا ئىشلەنگەن، كىنو، تىياتىر ۋە تېلېۋىزىيە فىلىملىرىمۇ يوق. شۇڭا 2018-2019-يىللىرىدا بۇ ئىككى ئەسەرنى خەلقىمىزگە تەپسىلىي چۈشەندۈرمەكچىمىز.»
ئەخمەت يۈكنەكىنىڭ «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» ناملىق ئەسىرى 14 باب، ئۇنىڭ ئالدىنقى 4 بابى كىرىش سۆز قىسمى، كېيىنكى 10 باب ئاساسىي مەزمۇن قىسمى. شائىر ئۆز ئەسىرىنى، «تۈركىي كىتاب» دەپ ئاتىغان. ئەدىب ئەھمەد يۈكنەكىدىن كېيىنرەك ئۆتكەن ئەمىر ئارسلان خوجا تارقان دېگەن كىشى ئەسەرنىڭ ئاخىرىسىغا يازغان ئىلاۋىسىدە مۇنداق دېگەن:
تامامى ئەرۇر كاشغەر تىلى بىرلە،
ئايتمىش ئەدىب رىققاتى دىل بىرلە.
ئەگەر بىلسە كاشغەر تىلىن ھەر كىشى،
بىلۇر ئول ئەدىپنىڭ نە كىم ئايتمىش.
بۇنىڭدا ئەسەرنىڭ قەشقەر تىلىدا، يەنى 12-ئەسىردىكى خاقانىيە تىلىدا يېزىلغانلىقى بايان قىلىنغان. ئەسەر پەلسەپىۋى ۋە دىداكتىك داستان بولۇپ، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىمۇ مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. قاراخانىيلار دەۋرىدە يېزىلغان «تۈركىي تىللار دىۋانى»، «ئەتەبەتۇل ھەقايىق»، «قۇتادغۇ بىلىك» قاتارلىق ئەسەرلەر تۈركولوگلار تەرىپىدىن پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مىراسى دەپ قارىلىدۇ. ئۇنداقتا، 2018-يىلىنى دۇنيادا «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» يىلى دەپ ئېلان قىلىنىشىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىققا، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇشقا قانداق پايدىسى بار؟
بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، ۋە ئەنقەرەدىكى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ب د ت تەرىپىدىن 2018-يىلىنىڭ «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» يىلى دەپ ئېلان قىلىنىشىنىڭ باشقا تۈركىي مىللەتلەر ئۈچۈن بولغىنىدەك، ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، چۈنكى خاقانىيە تىلىنى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ داۋامى دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تارىخىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇ مەزگىلدە يېزىلغان «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش ئەسەرلەرنىڭ تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئەسىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۇ يىل تۈركىيەدە «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن كۆپ ساندا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن ئۇيغۇر ئىلمىي خادىملارنىڭ ياخشى پايدىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى 2018-يىلىنىڭ ب د ت تەرىپىدىن «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» يىلى ئېلان قىلىنغان بولغاچقا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نۇرغۇن پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، تارىخى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئەخمەت يۈكنەكى يازغان «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» ناملىق ئەسەرنىڭ نامى «ھەقىقەتلەر ئىشىكى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، مەزكۇر ئەسەرنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى يەشمىسى 1980-يىلى ئۇيغۇر تىلشۇناسلاردىن خەمىت تۆمۈر ۋە تۇرسۇن ئايۇپلار تەرىپىدىن نەشرگە تەييارلىنىپ، مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.
0:00 / 0:00