ئىستانبۇلدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تونۇلغان يازغۇچىلاردىن بىرى بولغان ئەخەت تۇردىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. 26-ئىيۇل كۈنى ئاخشام ئىستانبۇل توپقاپى رايونىدىكى مەركۇري مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە يازغۇچى ئەخەت تۇردىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، دوستلىرى، تۈركىيە ساكاريا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن پېنسىيىگە چىققان پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى پروفېسسور سۇلتان مەخمۇت ئەپەندى، ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى ۋە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ كۆپ كىشى ئىشتىراك قىلدى. ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان يىغىن مەرھۇم يازغۇچى ئەخەت تۇردىنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان ئەخەت تۇردى 2018-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن ئىدى. ئەخەت تۇردى 1959-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغۇچى ۋاقتىدا ئۇنىڭغا دەرس بەرگەن سۇلتان مەخمۇت ئەپەندى ئەخەت تۇردىنىڭ ۋاپاتىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن زور يوقىتىش بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
مەرھۇم يازغۇچى ئەخەت تۇردى ئۆزىنىڭ «ئۇنتۇلغان كىشىلەر»، «بەختسىز سەئىدىيە»، «ھايات شۇنداق»، «ئاي يامغۇرى». «سەرسان روھ» قاتارلىق ناملىق رومانلىرى ھەمدە «گۈلخان»، «قىيانلىق دەريا»، «گىرىمسەن يوللار»، «قەترە» قاتارلىق ھېكايە توپلىمى ۋە پوۋېستلىرى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشكەن يازغۇچى ئىدى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتچىلارنىڭ قارىشىچە، ئەخەت تۇردى ئەسەرلىرىدىكى رېئال تېمىلار ۋە جانلىق پېرسوناژلار ئوبرازى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى زامان ئىجتىمائىي ھاياتىنى ئوچۇق يورۇتۇپ بەرگەن ئىستېداتلىق ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن. ئۇنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسى زور ئىكەن. يىغىندا سۆز قىلغان بۇرۇن مىسىردىكى ئەين شەمس ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور ئابدۇراخمان جامال كاشغەرى ئەپەندى تونۇلغان يازغۇچى ئەخەت تۇردىنىڭ «سەرسان روھ» ناملىق ئەسىرىنى ئوقۇغانلىقىنى، مەزكۇر ئەسەردە ۋەتەنپەرۋەر ۋە مىللەتپەرۋەرلىكنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.
مەرھۇم ئەخەت تۇردىنىڭ ئۇزۇن يىللىق دوستى، پېنسىيىگە چىققان دوختۇر تۇرغۇنجان ئەپەندى ئۇنىڭ 1991-يىلى تۈركىيەگە كېلىپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، «تارىم ۋادىسىدىن ئارافات تاغلىرىغىچە» دېگەن مەشھۇر زىيارەت خاتىرىسىنى ئېلان قىلغانلىقىنى، بۇ ئەسەر ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنى سەئۇدى ئەرەبىستان، تۈركىيە توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىسى قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئەدەبىياتنىڭ مىللەتلەرنىڭ كىملىكىنى قوغداپ قېلىشتىكى رولى توغرىسىدا توختالدى.
مەرھۇم ئەخەت تۇردى 1940-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى قەشقەر شەھىرىدە قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1959-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن «تارىم» ژۇرنىلىدا مۇھەررىر ۋە كېيىنچە مۇئاۋىن باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. مەرھۇم ئەخەت تۇردى ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە 1958-يىلى «تارىم» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «گۈرۈچ» ناملىق ھېكايىسى بىلەن كىرىپ كەلگەن ئىكەن. ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەخەت تۇردىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى چەتئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغانلارغا زىياپەت بېرىلدى.