ئۇيغۇر تىلى دەرسلىك كىتابلىرى تۈركىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇتۇلماقتا

0:00 / 0:00

تۈركولوگىيە تەتقىقاتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇپ، سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدىن بۇرۇن، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن غەرب دۇنياسىنى مەركەز قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، تۈركلەر قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر بىلەن بولغان تارىخىي مۇناسىۋەتلىرىنى قايتا جانلاندۇرۇش ئۈچۈن تۈركولوگىيە تەتقىقاتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى. ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرىنى ئوقۇتۇش باشلاندى، دەرسلىك كىتابلار يېزىلدى.

تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر تىلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى گرامماتىكىسىنى يازغان كىشىلەردىن بىرى، ئەلازىغ فىرات ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئەخمەت بۇران ئەپەندىدۇر. ئۇ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تۈرك دۇنياسىغا بالىلىق چاغلىرىدىن تارتىپلا قىزىقىشقا باشلىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن تۈركىيەنىڭ ئەلازىغ شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1980-يىلىدا ئەلازىغ فىرات ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ، تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى كەسپىنى ئوقۇدۇم. مەن ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرىشتىن بۇرۇنلا تۈرك دۇنياسىغا قىزىقاتتىم. ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرگەندىن كېيىن ئوقۇغان كىتابلار، دەرسلەر ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن تۈركولوگىيىگە ۋە تۈركىي مىللەتلەرگە ئىلمىي جەھەتتىن تېخىمۇ كۆپ قىزىقىشقا باشلىدىم. تونۇلغان تۈركولوگ پروفېسسور دوكتور تۇنجەر گۈلەنسوي مۇئەللىمدە دوكتورلۇق ئوقۇش جەريانىدا تۈركىي تىللارغا قىزىقىشقا باشلىدىم.»

تۈركىيە 1980-يىللاردا باشلانغان سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتى بىلەن تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركىي مىللەتلەردىن ۋە ئۇلار ھەققىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەتقىقاتلاردىن خەۋەردار بولۇشقا باشلىغان ئىكەن. 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ھەر ساھەدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئورتاق ئىلمىي تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلىشقا، ھەتتا ئورتاق ئۇنىۋېرسىتېتلار قۇرۇلۇشقا باشلىدى، دەرسلىك كىتابلار يېزىلىشقا باشلىدى. پروفېسسور دوكتور ئەخمەت بۇران ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرىغا قىزىقاتتىم، ئەمما بۇ ھەقتە سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن كىتاب يېزىشقا باشلىدىم. مەن ئۇنىۋېرسىتېتتا ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى دەرسىگە كىرىۋاتاتتىم، دەرستە ئىشلەتكەن لېكسىيەلىرىمدىن پايدىلىنىپ، ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى نامىدا بىر كىتاب يازدىم. 1999-يىلىدا تۈركىيەنىڭ ئەلازىغ شەھىرىدە نەشر قىلدۇردۇق. بۇ كىتاب تۈركىيەدە ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى توغرىسىدا يېزىلغان تۇنجى ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.»

دۇنيادا 7 مۇستەقىل تۈركىي جۇمھۇرىيەت، 15 ئاپتونوم رايون بار بولۇپ، ئەدەبىي تىلى ۋە يېزىقى بار تۈركىي تىلىنىڭ سانى يىگىرمە ئىكەن. پروفېسسور دوكتور ئەخمەت بۇران ئەپەندى نەشرگە تەييارلىغان كىتابىغا نوپۇسى كۆپ ۋە تارىخى قەدىمىي بولغان تۈركىي تىللارنى كىرگۈزگەنلىكىنى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغىمۇ ئورۇن بەرگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ دەرسلىك كىتابى بولغاچقا ھەممىسىگە ئورۇن بېرەلمىدۇق. ئەڭ كۆپ ئادەم ئىشلىتىدىغان، ئەڭ قەدىمىي تارىخقا ئىگە تۈركىي تىللارنى تاللىدۇق. قارلۇق گۇرۇپپىسى ئۈچۈن ئۆزبېك تىلى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنى تاللىدۇق، ئوغۇز گۇرۇپپىسى تۈركىي تىللىرىغا ۋاكالىتەن ئەزەربەيجان تۈركچىسى بىلەن تۈركمەنچىنى تاللىدۇق. مەزكۇر كىتابىغا قىپچاق تىللىرىدىن قازاق، تاتار ۋە قىرغىز تىللىرىنى كىرگۈزدۇق. بۇ دەرسلىك كىتابى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇتۇلۇۋاتىدۇ، ئۇيغۇرچە ئۆگىتىشتىمۇ پايدىلىنىشقا تېگىشلىك بىر دەرسلىك كىتاب ھېسابلىنىدۇ.»

تۈركىيەدە تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇۋاتقان ئالىي مەكتەپتىن سىرت، ئەڭ كۆپ ئوقۇغۇچى ئوقۇۋاتقان «ئاچىق ئۆگرەتىم» يەنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇيدىغانلار ئۇنىۋېرسىتېتمۇ بار. بۇ ئۇنىۋېرسىتېتلاردا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىن سىرت، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىمۇ دەرس قىلىپ ئوقۇتۇلماقتا. پروفېسسور دوكتور ئەخمەت بۇران ئەپەندى بۇ مەكتەپنىڭ دەرسلىك كىتابىنىمۇ تۈزگەن.

ئۇ، بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇيدىغانلار ئۈچۈنمۇ ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى نامىدا 2 توملۇق دەرسلىك كىتاب تەييارلىدىم. بۇ كىتابتىمۇ ئۇيغۇر تىلى بار. ئەڭ كۆپ كىشى تەرىپىدىن ئىشلىتىلىدىغان 7 تۈركىي تىلىنى كىرگۈزدۇق. ھازىرمۇ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئۇنىۋېرسىتېت پۈتتۈرىدىغانلار ئۈچۈن دەرسلىك كىتاب قىلىپ ئوقۇتۇلۇۋاتىدۇ.»

ئەلازىغ فىرات ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئەخمەت بۇران ئەپەندى يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن ئىككى دەرسلىك كىتابىدىن سىرت، يېزىق تىلى بار تۈركىي تىللارنى تونۇتۇش ئۈچۈن 4 توملۇق بىر كىتاب يازغانلىقىنى، بۇ كىتابتىمۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ گرامماتىكىسىغا ئورۇن بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

پروفېسسور دوكتور ئەخمەت بۇران ئەپەندىنىڭ تىل تەتقىقاتىدىن باشقا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا كوممۇنىست تۈزۈمىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان تۈركولوگلار ھەققىدە يازغان «قۇرشۇنلانغان تۈركولوگىيە» يەنى ئوق تەككەن تۈركولوگىيە ناملىق كىتابى 2007-يىلى ئاقچاغ نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.

ئۇ، مەزكۇر كىتابى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئوق تەككەن تۈركولوگىيە» ناملىق كىتابتا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچىدىكى تۈركىي مىللەت تۈركولوگلار بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى سىرتىدىكى تۈركولوگلار 80 يىلدىن بېرى دۇچار بولغان قىرغىنچىلىقلارنى بايان قىلدىم. كىتابىدا يەنە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تۈركلىرى دۇچار بولغان قىرغىنچىلىقلارغىمۇ ئورۇن بەردىم. بۇنىڭدا ئابدۇقادىر داموللام، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، مەمتىمىن بۇغرا، مەسئۇد سابىرى بايقوزى ۋە ئوسمان باتۇر قاتارلىقلارنىڭ كۈرەشلىرىنى تونۇتتۇم. بۇلاردىن باشقا، خىتاي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر شائىر ۋە يازغۇچىلاردىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، تۇرغۇن ئالماس ۋە ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر قاتارلىق شائىر ۋە يازغۇچىلارنىڭ ھايات سەرگۈزەشتلىرىنى بايان قىلدىم.»

ئەخمەت بۇران ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۇرۇنۇشنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر تىلى تۈركىي تىللار ئىچىدىكى ئەڭ كونا، ئەڭ قەدىمىي تىللاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ تىلنى مەنئى قىلىش، مائارىپتىن چەكلەش ئىنسانىي ئىش ئەمەس. بۇ خەلقئارا قانۇنغىمۇ خىلاپ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ئىشلىتىش ۋە ئۇ تىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققى بار. ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوغداپ قېلىش، ئانا تىلدا مائارىپ ئېلىپ بېرىشقا باغلىق، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلدا مائارىپ ئېلىپ بېرىش ھەق -ھوقۇقىنى بالدۇرراق بېرىشىنى تەلەپ قىلىمەن. خىتاينىڭ ھازىرقى سىياسىتىنى ئەيىبلەيمەن.»

ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ جۇغراپىيە فاكۇلتېتى ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتى كەسپى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ئايخان چەلىكباي ئەپەندى، پروفېسسور دوكتور ئەخمەت بۇران ئەپەندىنىڭ تۈركولوگىيە تەتقىقاتىغا بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىغا قوشقان تۆھپىسىگە يۇقىرى باھا بەردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن پروفېسسور دوكتور ئەخمەت بۇران مۇئەللىم بىلەن قىرغىزىستان-تۈركىيە ماناس ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىككى يىل بىللە ئىشلىدىم. كۆپ قېتىم تۈركولوگىيە تەتقىقاتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم. ئۇ، يازغان ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى توغرىسىدىكى دەرسلىك كىتابلىرى تۈركىيەدىكى بەزى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇتۇلۇۋاتىدۇ. بۇ كىتابلىرىدا ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى قىسمىمۇ بار. كىتابىدا ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسىدىن سىرت، ئۇيغۇر تىلى، ئەدەبىياتى ۋە تارىخى توغرىسىدىمۇ قىممەتلىك مەلۇماتلار بار. ئەخمەت بۇران مۇئەللىم تېخى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانمىغان، تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىل بولمىغان چاغدىلا بۇ تىللار توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان، تۈركولوگىيە توغرىسىدا كۆپ ساندا كىتاب ۋە ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. شۇڭا مۇئەللىمنى تۈركىيەدىكى ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى تەتقىقاتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بولغان مۇھىم بىر تۈركولوگ دېيىشكە بولىدۇ.»

پروفېسسور دوكتور ئەخمەت بۇران ئەپەندىنىڭ 12 كىتابى، 50 پارچىدىن كۆپ ماقالىسى تۈركىيەدە ئېلان قىلىنغان. ھازىر تۈركىيەدە 15 ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۇيغۇر تىلى كافېدراسى بار بولۇپ، تۈركىيەلىك ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر تىلى ئۆگەنمەكتە.