ئىگىلىشىمىزچە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسى ۋە شائىر ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىنىڭ شېئىرلىرى ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، «ئەي، ئۇيغۇر تۇپرىقى!» نامىدا نەشر قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتىكەن.
شائىر ئەخمەتجان ئوسماننىڭ 70 نەچچە پارچە شېئىرى تاللانغان مەزكۇر توپلامنى ياپونىيە خوسو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور مۇقەددەس خانىم بىۋاسىتە ئۇيغۇرچىدىن ياپونچىغا تەرجىمە قىلغان. ياپونىيەلىك داڭلىق شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان ۋە روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرى ناكۇتا ئەپەندى شېئىرىي ئۇسلۇبتا تەھرىرلىگەن.
مەزكۇر شېئىرلار توپلىمى بۇ يىل 3 - ئايدا ياپونىيەدە نەشر قىلىنىپ، تارقىتىلىش ئالدىدا تۇرماقتىكەن. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر توپلامنىڭ تەرجىمانى مۇقەددەس خانىم بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.
سوئال: ھۆرمەتلىك مۇقەددەس خانىم، ئاڭلىشىمىزچە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر شائىرى ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىنىڭ شېئىرلىرى ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، بىر توپلام ھالىتىدە نەشر قىلىنىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. سىز ئەخمەتجان ئوسماننىڭ شېئىرلىرىنى ئۇيغۇرچە ئەسلى نۇسخىدىن ياپونچىغا تەرجىمە قىپسىز؟ مۇمكىن بولسا شائىر ئەخمەتجان ئوسمان شېئىرلىرىنىڭ ياپونچىغا تەرجىمە قىلىنىش جەريانى ۋە تەپسىلاتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن بولسىڭىز؟
جاۋاب: مەن ياپونىيەدە ئۇزۇن مەزگىل ئوقۇپ، ياپونىيە خەلق مەدەنىيىتى ۋە فولكلورى بويىچە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، بىر مەزگىل تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا تەرجىمان بولۇپ ئىشلىدىم. ئاندىن خوسو ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇتقۇچى بولۇپ كىرىپ، ئۇيغۇر تىلىدىن دەرس بېرىشكە باشلىدىم. بۇ جەرياندا مەندە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى مۇھىم ئەسەرلەرنى ياپونىيەلىك ئوقۇغۇچىلارغا ۋە ئوقۇرمەنلەرگە تونۇشتۇرۇش خىيالى پەيدا بولدى. ئىلگىرى بىر قىسىم ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە شائىرلىرىنىڭ خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بىر قىسىم ئەسەرلىرى ۋاستىلىق ھالدا ياپونچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئىكەن. مەن بۇ قېتىم شائىر ئەخمەتجان ئوسماننىڭ شېئىرلىرىنى ئۇيغۇر تىلىدىن بىۋاسىتە ياپونچىغا تەرجىمە قىلدىم. ھازىر توپلام نەشرىياتقا بېرىلدى، 3 - ئايدا نەشر قىلىنماقچى.

سوئال: شائىر ئەخمەتجان ئوسماننىڭ شېئىرلىرىنى ياپونچىغا تەرجىمە قىلىش جەريانىدا قىيىنچىلىقلارغا يولۇقتىڭىزمۇ؟ يولۇققان بولسىڭىز ئۇنى قانداق ھەل قىلدىڭىز؟
جاۋاب: شۇنداق، قىيىنچىلىقلار كۆپ بولدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ شېئىرىي مىسرالىرىدا ئىشلەتكەن بەزى سۆزلەرنى ياپونچىغا دەلمۇ - دەل ئېلىش مەسىلىسىدە كۆپ قىينالدىم. ئەمما تەرجىمە جەريانىدىكى بۇ خىل قىيىن نۇقتىلارنى بىر - بىرلەپ ھەل قىلدىم. شائىر ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىم تەرجىمە جەريانىدا ماڭا يېقىندىن ماسلاشتى، گۇگۇل تەرجىمە پروگراممىسى ئارقىلىق بەزى سۆزلەرنىڭ تەرجىمىسىنى بىر - بىرلەپ سېلىشتۇرۇپ چىقتى. ياپونىيەلىك داڭلىق شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان ۋە روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرى ناكۇتا ئەپەندى مېنىڭ ئۇيغۇرچىدىن قىلغان تەرجىمەمنى شېئىرىي ئۇسلۇبتا تەھرىرلەپ ئاخىرىقى نۇسخىنى بېكىتتى. شۇنداق قىلىپ ياپونچە توپلام ئاخىرى تاماملاندى.
سوئال: يېقىندا يەنە سىز ئۇيغۇر تىلىدىن دەرس بېرىۋاتقان ئۇنىۋېرسىتېتتا ئەخمەتجان ئوسماننىڭ شېئىرلىرىنى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىدىغان ياپونىيەلىك ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇن دەرسلىك ماتېرىيالى قىلىپ بېكىتىلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇماتلار بار. بۇ ھەقتە ئۇچۇر بەرسىڭىز؟
جاۋاب: شائىر ئەخمەتجان ئوسماننىڭ شېئىرلىرى ياپونچىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن، نەشرگە بېرىلىشنىڭ ئالدىدا بىز «ئەخمەتجان ئوسمان شېئىرىيىتى» ناملىق بىر ياپونچە تور بەت ياسىدۇق ۋە ھەممە شېئىرلارنى مۇشۇ بەتكە قويدۇق. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي تور كېزەرلەر سانى ھەسسىلەپ ئاشتى، چۈشكەن ئىنكاسلارمۇ ناھايىتى ياخشى بولدى. بۇنىڭ بىلەن مەن ئۇيغۇر تىلىدىن دەرس بېرىۋاتقان ئۇنىۋېرسىتېتمۇ بۇ ئىشقا جىددىي قاراشقا باشلىدى. كېلەركى مەۋسۈمدە مەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە بىر دەرس ئاچماقچى بولدۇم. ئۇنىڭغا ئۇيغۇرچە ئۆگىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەم مەدەنىيىتىگە قىزىقىدىغان ياپونىيەلىكلەر قاتناشماقچى بولدى. ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن شائىر ئەخمەتجان ئوسماننىڭ يېڭىدىن ياپونچىغا تەرجىمە قىلىنغان شېئىرلار توپلىمى بۇ دەرسىمىزنىڭ مۇھىم دەرسلىك ماتېرىيالى قىلىپ بېكىتىلدى.
سوئال: شائىر ئەخمەتجان ئوسماننىڭ شېئىرلىرىدىن 70 نەچچە پارچە شېئىر ياپونچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، سىز ئاچقان تور بەتكە قويۇلغاندىن كېيىن ياپون تىللىق ئوقۇرمەنلەردىن نۇرغۇن ئىنكاسلارنىڭ كەلگەنلىكى مەلۇم. بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلار، ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەسىراتى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە بولغان چۇشەنچىسى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەن بولسىڭىز؟
جاۋاب: ئىنكاسلار ھەقىقەتەنمۇ كۆپ ۋە ئىجابىي بولدى. ئۇنى يىغىنچاقلاپ ئېيتسام مۇنداق 3 نۇقتىغا مەركەزلىشىدۇ: بىرى، مۇتلەق كۆپ ئوقۇرمەنلەر ئۇيغۇر ياش شائىرلىرىدىن ئەخمەتجان ئوسمان شېئىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىن بىۋاسىتە ياپونچىغا تەرجىمە قىلىنغانلىقىغا ناھايىتى خوش بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭ ياپون تىللىق ئوقۇرمەنلەرگە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ يېقىنقى نادىر ئۈلگىلىرىنى تونۇشتۇرۇشتا بىر باشلىنىش بولۇپ قالىدىغانلىقىنى يازغان. ئىككىنچىسى، ئۇيغۇر بۈگۈنكى يېڭى شېئىرىيىتىنىڭ ئىلگىرى ياپونلارنىڭ چۈشەنچىسىدىكى «جۇڭگودىكى بىر ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىياتى ياكى خەنزۇ شېئىرىيىتىدىكى گۇڭگا شېئىرلارنىڭ تەسىرىدە مەيدانغان كەلگەن شېئىرىيەت» دېگەن ئۇقۇمنى يېڭىلىغان. ئۇلار ئەخمەتجان ئوسماننىڭ شېئىرلىرىدىكى تىل، دۆلەت، مەدەنىيەت ۋە چېگرا ھالقىغان دۇنياۋىي تۇيغۇلار ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان ھېسسىياتنى ئوقۇپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ فىرانسىيە ئەدەبىياتى ياكى ياپونىيە ئەدەبىياتى بىلەن بىر قاتاردا تۇرالايدىغان ئەدەبىيات ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان. ئۈچىنچىدىن، مەزكۇر توپلامدىكى شېئىرىي گۈزەللىك ۋە بەدئىي تەپەككۇرنىڭ چوڭقۇرلۇقى ئارقىلىق ياپونىيە ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ھەمدە ئۇلارنىڭ باي مەدەنىيىتىگە بولغان ھۆرمىتى، قىزىقىشى شۇنداقلا سۆيگۈسىنىڭ تېخىمۇ ئاشقانلىقىنى بايان قىلغان.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.