ئاتاقلىق شائىر، 1980-يىللاردىكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە بارلىققا كەلگەن شېئىرىي تەپەككۇردىكى يېڭىلىق ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى ئەخمەتجان ئوسماننىڭ شېئىرلار توپلىمى چەتئەل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىشقا باشلىدى. ئەڭ ئاۋۋال ئامېرىكىدىكى بىر ئەدەبىيات جەمئىيىتى ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلغان ئىدى. نۆۋەتتە، ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ياپونچە نەشرى چىقىش ئالدىدا تۇرىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، بۇ يىل ئۇنىڭ شېئىرلار توپلىمى خىتايچىغا تەرجىمە قىلىنىپ تەيۋەندە نەشر قىلىنىش شۇنداقلا يەنە ئىسپانچىغا تەرجىمە قىلىش كۈنتەرتىپكە قويۇلغان. ئەگەر ئۇنىڭ شېئىرلار توپلىمى ئىسپانچىغا تەرجىمە قىلىنسا، بۇ لاتىن تىلىدا نەشر قىلىنغان تۇنجى ئۇيغۇر ئەدەبىي ئەسىرى بولىدۇ.
ئەخمەتجان ئوسماننىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنىشى، دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلارنى ھەر تەرەپلىمىلىك چۈشىنىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز، شائىر ئەخمەتجان ئوسمان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئەخمەتجان ئوسمان، ئۇيغۇر گۇڭگا شېئىرىيىتى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بىر شېئىرىي شەكىل ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۆز ۋاقتىدا ئۇنىڭغا «گۇڭگا» دەپ ئات قويۇلۇشى بىر «خاتالىق» دەپ كۆرسەتتى.
ئەخمەتجان ئوسمان: ئۇيغۇر گۇڭگا شېئىرىيىتىنى خىتاي گۇڭگا شېئىرىيىتىنىڭ پارچىسى، دەپ قارايدىكەنتۇق بۇرۇن خىتايشۇناسلار.
مۇخبىر : لېكىن، ئۇيغۇر گۇڭگا شېئىرىيىتى بىلەن خىتاي گۇڭگا شېئىرىيىتى ئىككىسى ئايرىم-ئايرىم ئىككى دۇنياغۇ؟
ئەخمەتجان ئوسمان: ئەلۋەتتە، ھازىر ئۇنداق ئەمەس، پۈتۈنلەي ياخشى تەسىرى بولدىغۇ، بۇ شېئىرلار توپلىمى تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن. ھەمدە بۇ كىتاب چىقسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. «تەرجىمان» جېفرېي ياڭمۇ جىق سوراپ كەتكەن بۇنى. مەندىن سورىدى، ئاندىن كېيىن مەن بۇ ھەقتىكى ئىشەنچلىك بىر ئادەمدىن سورىسام، دەپ «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىدا ئىشلىگەن ئابلىكىم باقى، شۇ چاغدا گۇاڭگا شېئىرىيىتىنى ئېلان قىلغان ژۇرناللاردا باش مۇھەررىر بولۇپ. شۇنىڭ بىلەن سۆزلەشسەم، دەپ تېلېفون نومۇرىنى ئېلىپ، ئابلىكىم باقى بىلەنمۇ سۆزلەشتى ئۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى بۇ ئۇيغۇر گۇڭگا شېئىرىيىتى بىلەن خىتاي گۇڭگا شېئىرىيىتىنىڭ زادى قانداق مۇناسىۋىتى بار، بۇنى بىلسەم دەپ. ئۆزۈڭ بىلىسەن، بۇ ناھايىتى نازۇك مەسىلە بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلگۈسى كەلدى.
شۇنىڭ بىلەن جېفرېي ياڭمۇ شۇنى يازدى. ئۇيغۇر گۇڭگا شېئىرىدىكى پەقەتلام گۇڭگا دېگەن سۆز خىتايدىكى مېڭلۇڭنىڭ تەرجىمىسى، لېكىن ئۇ ئۆزى ئايرىم بىر (مۇستەقىل) ئېقىم، دەپ. مەن بىلەن، ئابلىكىم باقى بىلەن سۆزلىشىپ. ئەمدى ياپونىيەدىكىلەر ئۇنىڭغا ئوخشىمايدىكەن. لېكىن ئۇلار بۇ قېتىم ئۆزگەرتمەكچى ئۆزلىرىنىڭ قارىشىنى.
مۇخبىر: بۇ ياخشى بولۇپتۇ، لېكىن ئۆز ۋاقتىدا بۇنى گۇڭگا، دەپ قوللىنىشنىڭ ئۆزى چاتاق بولغانتىغۇ، دەيمەن؟
ئەخمەتجان ئوسمان: چاتاق يېرى شۇ. بۇ قانداق بولدى دېسەڭ، مېنىڭ شېئىرلىرىم «تەڭرىتاغ»نىڭ سىناق نۇسخىسىدا ئېلان قىلىنىپ 1986-يىلى ھېلىھەم ئېسىمدە بار. مېنى كىم چاقىردى، يەنى ئابدۇشۈكۈر مەمتىمىن ئەمەس، تېيىپجان ئېلىيۇپ ئەمەس، ھېلىقى «ھەيكەل» دېگەن شېئىرنى يازغان ئابدۇكېرىم خوجايوپ. ئابدۇكېرىم خوجايوپ چاقىرىپ، بۇ بىزنىڭ خىتايلاردىمۇ بار، بىز بۇ شېئىرنى گۇڭگا دەيمىز، دېدى. شۇنىڭ بىلەن شۇنداق ئاتىلىپ قالدى. بۇ گۇڭگا دەپ ئاتىلىش ئابدۇكېرىم خوجايوپتىن باشلاندى. بۇ ئەسلى بىر خاتالىق، دىققەتسىزلىك. بۇ خىتاينىڭ «مېڭلۇڭ» ئىنى تەرجىمە قىلىپ قويدى، دېگەنلىك.
مۇخبىر: بۇ خىتاينىڭ گۇڭگىسىدىن پەرقلىق بىر شەكىل بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىنىڭ ئىسمىنى قويۇش كېرەك-دە ئەسلى؟
ئەخمەتجان ئوسمان: ئەلۋەتتە، لېكىن چاتاق يېرى ھازىرغا قەدەر مانا 30 يىل بولۇپ قالدى ئۇنىڭغا، مۇشۇ 30 يىلدا بۇ شەكىل مۇئەييەنلەشمىدى، دېگەن گەپ بىزگە. بەزى مىللەتلەرنىڭكى 20-30 يىلدا مۇئەييەنلىشىپ، ئوقۇتۇش كىتابلىرىغا كىرىدۇ. لېكىن بىزدە ئۇنداق بولمىدى. بىراق بۇ بولىدۇ بىر كۈنى. بۇ نوقۇل شائىرلارنىڭ ئارىسىدا قوبۇل قىلىنىپ بولدى. نۆۋەتتە، ھەر قانداق شائىر شېئىر يازغاندا گۇڭگا تەپەككۇر شەكلى ئارقىلىق باشلايدۇ شېئىر يېزىشنى. بۇ شائىرلارغا ئۆزلىشىپ بولدى. لېكىن رەسمىي ئەدەبىيات تەنقىدچىلىكى، ئەدەبىيات تارىخى ۋە مائارىپىمىزدا ھازىرغا قەدەر رەسمىيلەشمىدى.
مۇخبىر: بىراق، بۇ گۇڭگا شېئىرلىرىنىڭ شېئىرىي تەپەككۇرى بىر ئاز ئابستراكىتچۇ، ئابستراكت بولغاچقا بۇنىڭغا بىزگە ئوخشاش جەمئىيەتلەردە ئەدەبىي سەۋىيە ئېگىز-پەس ياكى جەمئىيەتنىڭ ئەدەبىي تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى ئانچە بەك يىتىلمىگەن جەمئىيەتلەردە بۇنداق ئابستراكت ئەدەبىي تەپەككۇرلەرنى قوبۇل قىلىشقا بىر ئاز ۋاقىت كېتەمدۇ-قانداق؟
ئەخمەتجان ئوسمان: توغرا، شۇنداق. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ ئۆز مائارىپىمىز بولسا، بەلكىم باشقا دۆلەتلەر، باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش ئۆزلىشىپ كېتەر بولغىيتتى.
مۇخبىر: شۇنداق، ئەمدى ماۋۇ تەرجىمىسىدىكى پىكىرلەر ياخشى بولۇپتۇ-دە، ھازىر ئەمدى ئىنگلىزچىسى چىقتى، ياپونچىسى چىقسا، خىتايچىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىندىمۇ سېنىڭ ئەسەرلىرىڭ؟
ئەخمەتجان ئوسمان: ئەمدى باشلىنىۋاتىدۇ، ھازىر تەيۋەندە نەشر قىلىنماقچى. مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىلىرىغا پىلانلاۋاتىدۇ. ئانىڭدىن كېيىن شېئىرلىرىم سلاۋيان يېزىقىدا تاشكەنتتە چىقماقچى. ئۇنىڭدىن كېيىن ھازىر ئىسپانچىسىنى باشلىدى، ئىسپانچىغا.
مۇخبىر: ئىسپانچە بولغاندا قايسى ئىسپانچىغا لاتىن ئامېرىكىدىمۇ، ئىسپانىيەدىمۇ ياكى ئامېرىكىدىمۇ؟
ئەخمەتجان ئوسمان: لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئىسپانچىغا. ماۋۇ مېنىڭ كىتابىمنى (ئىنگلىزچە) نەشر قىلغان نەشرىياتنىڭ باشلىقى دەيۋىد شوك، دەيدىغان بىرى بار. ئۇ ئۆزى ئامېرىكىلىق، لېكىن تېگى-تەكتى مېكسىكىلىق. ئۇ ھەم ئىسپانچىدىن تەرجىمە قىلىدۇ ئىنگلىزچىغا ھەم ئېنگلىزچىدىن ئىسپانچىغا تەرجىمە قىلىدىغان تەرجىمان. ئۇ ئۆزى ھەم شائىر. ئۇ كۇباغا بېرىپتىكەن، كۇبا يازغۇچىلار جەمئىيىتىدە 3-4 داڭلىق شائىر بار. خەلقئارادا داڭقى بار شائىرلار. ئۇلار مېنىڭ شېىرلىرىمنىڭ گېپىنى قىلىپ پاراڭلىشىپتىكەن. پاراڭلىشىپ بىر ئىسپانچىغا تەرجىمە قىلساق بولۇپتىكەن بۇ شائىرنىڭ شېئىرلىرىنى، دەپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن دەيۋىد شوك قوپۇپ، بولىدۇ، ئۇنداق بولسا مەن ئاپتورنى تونۇيمەن، ئالاقىلىشىپ سورايلى، ئەگەر بولسا باشلايلى، دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كېلىپ ماڭا خەت يېزىپتىكەن. شۇنىڭ بىلەن مەن، ناھايىتى ياخشى بولۇپتۇ دېسەم، ئۇنداق بولسا سېنىڭ ئىنگلىزچە شېئىرلىرىڭغا ئاساسەن ئېنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلايلى، ئەمىسە ئىسپانچىغا دېدى. بولىدۇ دېدىم.
مۇخبىر: گۈزەل، بۇمۇ ناھايىتى ياخشى ئىش بولۇپتۇ. ئىسپان تىلى دۇنياسىمۇ ناھايىتى چوڭ دۇنياچۇ، لاتىن دۇنياسى. بۇلارنىڭ ئەدەبىياتىمۇ خېلى كۈچلۈكقۇ، بۇلارنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن نەچچە شائىر، ئەدىبلىرى بارغۇ. مەسىلەن، ھېلىقى گارسىيا ماركۇس، ئوكتاۋىئو پاز دېگەنلەر؟
ئەخمەتجان ئوسمان: ئوكتاۋىئو پاز دېگەن دۇنيادا ئۇستاز خاراكتېرلىك شائىر. مېكسىكىلىق شائىر ئۇ.
مۇخبىر: دۇنيادا ئىسپان تىلىدا سۆزلىشىدىغان 40-50 دۆلەت بار. (ئەگەر شېىرلىرىڭىز ئىسپان تىلىغا تەرجىمە قىلىنسا) ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، شېئىرىيىتىنى تونۇشتۇرۇشتا چوڭ ئىش بولىدۇ. ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ بۇنداق دىققەت قوزغىشىد ئاقانداق ئامىل سەۋەب بولۇۋاتىدۇ، دەپ قارايسىز؟
ئەخمەتجان ئوسمان: ئىش قىلىپ بىر سەۋەبلەر بار. ئەلۋەتتە، بۇ ئۇيغۇرنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنىڭ تەسىرىمۇ بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاينىڭ ھازىر چوڭ بىر كۈچ بولۇپ چىقىشى دۇنياغا. مۇشۇنداق ئامىللار سەل دىققەت قوزغىغان ئوخشايدۇ. بۇلارنىڭ (ئۇيغۇرنىڭ) شېئىر، ئەدەبىياتىدا كىملەر بار. كىم تىرناققا توختىغۇدەك ئۇ-بۇ دېگەندەك ئىزدىنىشلەر بولغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. ھازىرچە پروزىلىرىدا ئۇنداق سەۋىيە بولمىسىمۇ، شېئىرىيىتىدە مۇشۇنداق سەۋىيە بارمۇ-نېمە دېگەن گەپلەر بىلەن، ئۇنداق بولسا شېئىرىيىتىدە كىم بار دەپ، شۇ ماڭا يېتىپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلايمەن.
مۇخبىر: يەنە بىر گەپ، مۇشۇ يېقىننىڭياقى يازغان شېئىرلىرىڭ بارمۇ ئەخمەتجان؟ بولسا، 2-3 كۇبلىت ئوقۇپ بېرەمسەن؟ ئۆزۈڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان شېئېرلاردىن بىرنى؟
ئەخمەتجان ئوسمان: راست گەپنى قىلسام، ھېلىقى ياخشى كۆرىدىغان شېئىرلىرىم يادىمدا يوق. لېكىن ئۇ-بۇ يەردە ئوقۇپ بەرگەن شېئىرلاردىن يادىمدا بار. ئوقۇپ بەر دېسەڭ، شۇلارنى ئوقۇپ بېرىمەن شۇ. مەسىلەن، «ئۆمۈرلۈك كېچە» دېگەن.
كېچە ئىكەن تۇغۇلغاندا مەن،
تاش ناخشىسى ئېيتاركەن ئانام.
ئۇپۇقلارغا باقسام ھەر قېتىم،
تاڭ ئاتىدۇ، دەيدىغان دادام.
قاراڭغۇلۇق ئىزناسىمىكىن،
چېچىم قارا، كۆزلىرىم قارا.
ۋۇجۇدۇمغا غۇۋا نۇر چاچار،
قەلبىمدىكى ساقايماس يارا.
ياشاپتىمەن 42 يىل،
تۈگۈمىدى بۇ ئۇزۇن كېچە.
قانچىلىغان يۇلتۇزلار ئاقار،
ئاھ! ئىلاھىم، شۇ تاڭ ئاتقۇچە.