شائىر ئەخمەتجان ئوسمان ياپونىيە زىيارەتتە بولدى

0:00 / 0:00

كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر شائىرى ئەخمەتجان ئوسمان ياپونىيەدە نەشر قىلىنىدىغان شېئىرلار توپلىمى مۇناسىۋىتى بىلەن 27-مارتتىن 1-ئاپرېلغىچە ياپونىيەدە زىيارەتتە بولدى.

1980-يىللارنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە تۇنجى قېتىم گۇڭگا شېئىرلار ھەرىكىتىنى باشلىغان شائىر ئەخمەتجان ئوسمان ئۇزۇندىن بېرى ئۇيغۇر ۋە ئەرەب تىللىرىدا كۆپلىگەن گۇڭگا شېئىرلارنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە شۇنداقلا ئەرەب دۇنياسىدا ئۆزگىچە تەسىر قوزغىغان ئۇيغۇر شائىرلىرىدىن بىرى.

ئەخمەتجان ئوسماننىڭ ئەرەب ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا يېزىلغان بىر قىسىم گۇڭگا شېئىرلىرى بۇ قېتىم ياپونىيەدە ياپون فولكلورى پەنلىرى دوكتورى، ئەدەبىي تەرجىمان، شائىرە مۇقەددەس خانىم تەرىپىدىن ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، ئەخمەتجان ئوسمان مەزكۇر شېئىرلار توپلىمىنىڭ نەشر قىلىنىشى ئالدىدا ياپونىيە نەشرىياتى بىلەن بەزى توختاملارنى تۈزەش ۋە ئۇلار بىلەن ئۆز ‏- ئارا سۆھبەتتە بولۇش ئۈچۈن، ياپونىيە خوسو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن توكيو، كيوتو قاتارلىق شەھەرلەردە بىر ھەپتە زىيارەتتە بولدى.

شائىر ئەخمەتجان ئوسمان ياپونىيەدىكى زىيارىتى جەريانىدا ياپونىيە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى بىر قىسىم مەشھۇر شەخسلەر ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ، كەڭ-كۇشادە، دوستانە سۆھبەتلەردە بولدى.

بىز، شائىر ئەخمەتجان ئوسماننىڭ ياپونىيە زىيارىتى توغرىسىدا تەپسىلىي ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، ئەخمەتجان ئوسماننىڭ شېئىرلىرىنى ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلغان، ياپونىيە خوسو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مۇقەددەس خانىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.