يېقىندا ياپونىيەدە نەشر قىلىنغان ئۇيغۇر شائىرى ئەخمەتجان ئوسماننىڭ ياپونچە «ئاھ، ئۇيغۇر تۇپرىقى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى بىلەن تۈركىيەدە نەشر قىلىنغان ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئەخمەتجان ئوسمان تاللانما شېئىرلىرى» ناملىق كىتابلارنىڭ مۇقاۋىسىنى لايىھەلىگەن ۋە رەسىملىرىنى سىزغان ياپونىيەلىك داڭلىق مۇقاۋا لايىھىلىگۈچى ياماشىتا بىلەن ئاتاقلىق رەسسام ئودا ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر شېئىرلار توپلىمىنىڭ مۇقاۋىسىنى لايىھىلەش ۋە رەسىملىرىنى سىزىش جەريانىدىكى تەسىراتى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالغان.
كانادادا ھىجرەتتە ياشاۋاتقان ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى ئەخمەتجان ئوسماننىڭ ئۇيغۇرچە ۋە ياپونچە شېئىرلار توپلىمىنىڭ مۇقاۋىسىنى لايىھەلىگەن ئاتاقلىق مۇقاۋا لايىھەلىگۈچى ياماشىتا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:
-مېنىڭ ئىسمىم ياماشىتا. بۇ يىل 65 ياشقا كىردىم. رەسساملىققا بولغان قىزىقىشىم تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلانغان بولۇپ، 30 ياشتىن ھالقىغىچە رەسساملىق بىلەن شۇغۇللنىپ، كېيىن مۇقاۋا لايىھەلىگۈچى بولدۇم. ئاساسىي جەھەتتىن كىتاب، ژۇرنال، كۆپرەك بالىلار كىتابلىرىنى لايىھەلەيمەن. مۇقاۋا لايىھەلەپ كېلىۋاتقىنىمغا 20 يىلدىن ئاشتى. بۇ قېتىم دوستۇم ئودا مېنى، ئۇيغۇرچە شېئىرلار توپلىمىنىڭ مۇقاۋىسىنى بىرلىكتە لايىھەلەشكە تەكلىپ قىلدى. مەن دەسلەپتە شائىر ئەخمەتجان ئوسماننىڭ ياپونچە شېئىرلار توپلىمىنىڭ مۇقاۋىسىنى لايىھەلەيدىغان ئوخشايمىز دەپ خاتا ئويلاپ قاپتىمەن. ئەسلى بىلسەم، ئۇيغۇرچە شېئىرلار توپلىمىنىڭ مۇقاۋىسىنى لايىھەلەيدىغان گەپ ئىكەن. لايىھەلىگەندىمۇ ياپون مەدەنىيىتى گەۋدىلەنگەن ھالدا لايىھىلىنىشى كېرەككەن. بۇ كىتاب مۇقاۋىسىنى لايىھىلەش تەكلىپىنىڭ تولىمۇ قىزىقارلىق ۋە ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن بۇنى لايىھەلەشكە كىرىشتىم. مۇقاۋىدىكى چوڭ يۇمىلاق شەكىل بولسا ياپونلار نەزىرىدىكى چايخانىدىن ئاسمانغا قارىغاندا كۆرۈنىدىغان تولۇنئاي بولۇپ، مۇقاۋا رېڭىگە ياپونلار ياخشى كۆرىدىغان قەدىمكى سۇس ۋە نەپىس رەڭلەرنى قوللاندىم. ياپون مەدەنىيىتىنى كىتاب مۇقاۋىسىدا تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈشكە تىرىشتىم شۇنداقلا ئەخمەتجان ئوسماننىڭ شېئىرلىرىدىكى ئاي تەسۋىرىنى كىتاب مۇقاۋىسىدا ئەكس ئەتتۈردۇم.
ئۇيغۇرچە «ئەخمەتجان ئوسمان تاللانما شېئىرلىرى» بىلەن ياپون تىلىدىكى «ئاھ، ئۇيغۇر تۇپرىقى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىكى رەسىملەرنى سىزغان ئاتاقلىق رەسسام ئودا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەسىراتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-مەن رەسسام ئودا بولىمەن. مېنىڭ رەسسام بولغىنىمغا 40 يىل بولدى. ئاساسلىقى تۆت كۆرۈنۈشلۈك ماڭالارنى سىزىمەن. ھازىرغىچە ژۇرنال، گېزىت،كىتابلاردا ئۆزۈم سىزغان ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىپ كەلدىم. ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزىقىشىم بولسا ئۆتكەن يىلى خوسو ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ مۇقەددەس مۇئەللىمدىن ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشكە باشلىغاندىن كېيىن بولدى. مەن ئىلگىرى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇرلار توغرىلىق ھېچنېمە بىلمەيتتىم. مېنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشىمگە ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇماتقا ئىگە بولۇشۇمدا ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىم مۇقەددەس مۇئەللىمنىڭ رولى چوڭ بولدى. مەن ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش جەريانىدا ئەخمەتجان ئوسماننىڭ شېئىرلىرى بىلەن تونۇشتۇم ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە شېئىرلار توپلىمىنىڭ مۇقاۋىسىدىكى رەسىملەرنى سىزدىم. ئۆزۈمنىڭ 30 نەچچە يىللىق قەدىناس دوستۇم ياماشىتاغا مۇقاۋىسىنى لايىھەلەتتىم. مۇقەددەس مۇئەللىم بىزدىن، تۇنجى قېتىم بىر ئۇيغۇر شائىرىنىڭ شېئىرلار توپلىمىغا ياپونىيەلىك رەسساملارنىڭ مۇقاۋە لايىھەلەپ، رەسىم سىزىپ بېرىشىنى ۋە مۇقاۋىدا ياپون مەدەنىيىتىنىڭ تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى. شۇڭا مەن شېئىرلارنىڭ مەزمۇنىغا ماس كېلىدىغان ئاي، يۇلتۇز ۋە بۇلۇتلارنى ئاساس قىلغان ھالدا، مۇقاۋىدىكى رەسىملەرنى سىزدىم. ھازىرچە ياپونىيە مەدەنىيىتىنى بىلمىگەن ۋە ياكى بۇ مەدەنىيەتكە قىزىقىۋاتقان دوستلار كۆرسە خۇشال بولسۇن دېگەن ئۈمىدتىمەن. بۇ كىتابتىكى شېئىردا ئېيتىلغاندەك، ئەركىن تەسەۋۋۇر، ئەركىن ئوي-پىكىرنى ئىپادىلەپ، ئەركىن ياشىيالايدىغان ھۆر بىر دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلارغا نېسىپ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.