ئەخمەتجان قاسىمى تەۋەللۇدىنىڭ 100 يىللىقى (3)

0:00 / 0:00

بۇ يىل، يەنى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 20-ئەسىردە ئۆتكەن مىللىي رەھبەرلىرىدىن بىرى، مەشھۇر دۆلەت ئەربابى ئەخمەتجان قاسىمى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق خاتىرە كۈنىدۇر.

ئەخمەتجان قاسىمى غۇلجا ئىنقىلابىنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپ قاتنىشىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىلى تۈزۈملىرىنى ئورنىتىشقا، كېيىنرەك ھەربىي بۆلۈمنى باشقۇرۇپ، ھەربىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولغان ئىدى.

تارىخچى، سىياسىيون قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ يېزىشىچە، 1945-يىلى، 10-ئايدا جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى ئەخمەتجان قاسىمىغا پولكوۋنىكلىك ھەربىي ئۇنۋانى بەرگەن شۇنىڭدەك مارشال ئەلىخان تۆرە باشچىلىقىدا گېنېرال ئىسھاقبەگ، گېنېرال پالېنوۋ، پولكوۋنىك ئەخمەتجان قاسىمى، پولكوۋنىك كېرىم ھاجىدىن ئىبارەت 5 كىشىلىك ھەربىي ئىشلار كومىتېتى قۇرۇلغان.

ئەخمەتجان قاسىمى 1945-يىلى، 3-ئايدىن تاكى 1946-يىلى، 6-ئايغىچە ھەربىي بۆلۈمنى باشقۇرغان بولۇپ، ئۇ مىللىي ئارمىيىنىڭ قۇرۇلۇشى، ھەربىي خىزمەتكە چاقىرىش ھەمدە مەجرۇھ ھەربىيلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە باشقا ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلغان ئىدى. مىللىي ئارمىيىنىڭ قۇرۇلۇشىدىن تارتىپ بارلىق ئۇرۇش پىلانلىرى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ قاتنىشىشى ۋە رىياسەتچىلىكىدە تۈزۈلدى ھەم ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ئەخمەتجان قاسىمى رۇسچە تىلنى ياخشى بىلگەنلىكى ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن ھەربىي مەسلىھەتچىلەر بىلەن ھەربىي پىلان ئىشلىرىدا پىكىر ئالماشتۇراتتى ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەربىي ھۇجۇم پىلانلىرىنى توغرا تۈزۈش، يەر ناملىرى ۋە خەرىتىلەرنى توغرا بېكىتىشىدە مۇھىم رول ئوينىدى.

ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ يېنىدا ھەربىي بۆلۈمدە خىزمەت قىلغان سابىق مىللىي ئارمىيە كاپىتانى مەرھۇم مەخمۇت پارماشېف ھايات ۋاقتىدا، يەنى 2004-يىلى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ھەربىي بۆلۈمدە قىلغان خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەرگەن ئىدى. مەخمۇت پارماشېفنىڭ ئېيتىشىچە، ئەخمەتجان قاسىمى رەھبەرلىك قىلغان ھەربىي بۆلۈمدە ھاشىر ۋاھىدى، سەيدەخمەت ئۆمەروف، مەخمۇت پارماشېف قاتارلىق 5 كىشى ئىشلىگەن. ئەخمەتجان قاسىمى پۈتۈن خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلاتتى. خىزمەتلەردە ناھايىتى ئەستايىدىل بولۇپ، ھەر كۈنى دېگۈدەك ھەممىدىن بۇرۇن ئىشقا چۈشۈپ، ھەممىدىن كېيىن كېتەتتى. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەممە ھەربىي ئىشلىرى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئالدىدىن ئۆتەتتى.

پروگراممىنىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ 1945-يىللىرىدىكى پائالىيەتلىرىگە ئائىت بايانلارنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلايسىلەر.